تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

يېگەنسېرى ئۇيقۇنى قاچۇرىدىغان بۇ ئالتە خىل يېمەكلىكنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېمەڭ

يېمەك-ئىچمەك بىلەن ئۇيقۇ ھەمىشە بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر ۋاق كەچلىك تاماق توغرا تاللانمىسا، ئادەم ياخشى ئۇخلىيالماسلىقى مۇمكىن.


«يېيىش» بىلەن «ئۇخلاش» زىچ مۇناسىۋەتلىك

ئامبولاتورىيەدە، ئۇيقۇ ۋە ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرى دائىم يېمەك-ئىچمىكى قانۇنىيەتلىك بولمىغان ئاغرىقلارنىڭ ياخشى ئۇخلىيالمايدىغانلىقىنى، ئۇيقۇسى ياخشى ئەمەسلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنىڭمۇ ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ.

ئۇيقۇ ياخشى بولمىسا، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تەسكە توختايدۇ

يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇخلىغاندا، ئورگانىزملارنىڭ زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، مېتابولىزم تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، بەدەندە ماينىڭ يىغىلىپ قېلىشى ۋە «توختىماي بىر نەرسە يىگۈسى كېلىش» ئەھۋالىنى ئازىيىپلا قالماي، يەنە قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت قىلىش، ساغلام ئوزۇقلىنىش قاتارلىق ئاكتىپ خىياللار تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولسا، ئادەم بەدىنىدىكى ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىدا ئۆزگىرىش ياكى قالايمىقانلىشىش كېلىپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ ئاچلىق تۇيغۇسى كۈچىيىپ، يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.

تاماقنى ياخشى يېمىگەندە، كەچتە ئۇيقۇ ياخشى بولمايدۇ

ئۇيقۇ بىلەن يېمەك-ئىچمەكنىڭ مۇناسىۋىتى يەككە يۆنىلىشلىك بولمايدۇ، ساغلام بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئوخشاشلا ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر تەرەپتىن، بەزى ئالاھىدە يېمەكلىكلەر ئۇيقۇ رىتىمىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن، يېمەك-ئىچمەك مىقدارىمۇ ئۇخلاش دەۋرىيلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.


ئالتە خىل يېمەكلىك ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

بەزى يېمەكلىكلەرنى كەچتە كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەر: قارا ئاشلىق قاتارلىقلار

بەزى كىشىلەر ساغلاملىق ياكى ئورۇقلاش مەقسىتىدە كەچلىك تاماقتا پەقەت خۇڭشۇ ياكى قوناق يېيىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئۇسۇلدا غىزالانغاندا يېمەكلىك تالاسى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنىپ، قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر: ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر

مايلىق يېمەكلىكلەر ھەزىم قىلىش جەريانىدا ئاشقازان-ئۈچەينىڭ خىزمەت يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، نېرۋا مەركىزىنى غىدىقلاپ، ئۇنىڭ ئىزچىل خىزمەت ھالىتىدە تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇخلاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدۇ.

سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەر: تاۋۇز، دۇڭگۇا قاتارلىقلار

تاۋۇز سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىش، مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئەمما، سۇ تەركىبى يۇقىرى بولغان بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى كەچتە بەك كۆپ يېمەسلىك كېرەك، بولمىسا كېچىسى كۆپ ئورنىدىن تۇرۇش ئەھۋالى كېلىپ چىقىپ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ. دۇڭگۇانىڭمۇ ئوخشاش رولى بار، كەچتە ئەڭ ياخشىسى ئاز يېيىش كېرەك.

يۇقىرى تۇزلۇق يېمەكلىكلەر: تۇزلانغان سەي، كولباسا قاتارلىق

بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماق ئىچىدە بولۇپمۇ كەچتە تۇزنى تېخىمۇ ئاز يېيىش كېرەك، بولمىسا كۆپ مىقداردىكى ناترىي بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئادەمنى تېخىمۇ ئۇسسىتىپ، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كەچلىك تاماق ئەتكەندە، قورۇما قورۇغاندا تۇزنى ئاز سېلىش، ئاچچىقسۇ، لىمون شەربىتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنى تەڭشەش كېرەك.

ئاچچىق، غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەر: لازا، سامساق قاتارلىقلار

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كەچتە ئاچچىق، غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەنلەر ناھايىتى تەستە ئۇخلايدىكەن ياكى قاتتىق ئۇخلاش ھالىتىنى ساقلايدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى، ئاچچىق يېمەكلىكلەر بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆزگەرتىپ، كۆز ھەرىكىتى تېز بولغان ئۇيقۇ مەزگىلىدە چۈشنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى چۈشتە يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

كوففېئىن يوشۇرۇنغان يېمەكلىكلەر: ئېنېرگىيە ئىچىملىكى، شاكىلات قاتارلىقلار

قەھۋە ۋە چايدىن باشقا، كۆپ ئۇچرايدىغان ئېنېرگىيە ئىچىملىكى، كولا، شاكىلات، كاكائو ياكى قەھۋە تەملىك پېچىنە-پىرەنىكلەرنىڭ تەركىبىدە كوففېئىن بولۇشى مۇمكىن. تەركىبىدە كوففېئىن مول بولغان بۇ يېمەكلىكلەر ئادەمنى بىر مەھەل روھلاندۇرىدۇ، ئەمما بەدەننىڭ ئارام ئېلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ، ئەكسىچە ئۇخلاش رىتىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.


تۆۋەن سۈپەتلىك ئۇيقۇنىڭ بەش خىل ئىپادىسى

چوڭ مېڭە ئەنسىزلىك تىپى

بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئۇخلىشى ئەڭ قىيىن، ئۇيقۇدىن رازى بولۇش دەرىجىسىمۇ ئەڭ ناچار بولۇپ، ئادەتتە تېخىمۇ يۇقىرى تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق ۋە بېسىم سەۋىيەسى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

يۈرەكسىزلىك تىپى

بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسىدا مەسىلە يوق، مەسىلە ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان كەيپىيات ئاۋارىچىلىقىدا. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاسانلا ئازابلىق ئويلىنىشقا پېتىپ قالىدۇ، گەرچە تىپىك ئۇيقۇ توسالغۇسى بولمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىق پىسخىكىلىق مەسىلىلەر بىلەن كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

دورا ئارقىلىق ئۇيقۇغا ياردەم بېرىش تىپى

ئەگەر ئۇزاق مۇددەت دورىغا تايىنىپ ئۇخلىسا، گەرچە ئۆزىنى ياخشى ئۇخلىغاندەك ھېس قىلسىمۇ، لېكىن ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، كەيپىياتنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ناچارلىشىش قاتارلىق يېنىك دەرىجىدىكى بىلىش ئەكس تەسىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق تىپى

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، يېتەرلىك ئۇخلىيالماسلىق، ھەر كۈنى كەچتە يەتتە سائەتتىن ئاز ئۇخلاش. بۇ چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاسىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ ھەمدە كەيپىياتنى تەڭشەش، ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ۋە جەمئىيەت ئالاقىسى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

پات-پات كېچىدە ئويغىنىش تىپى

كېچىدە كۆپ قېتىم ئويغانغاندا، ئەتىسى دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، كەيپىياتى جىددىيلىشىش، ھەتتا قان بېسىمى ئۆرلەش، تەشۋىشلىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش خەۋپىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ.


قانداق قىلغاندا كەچلىك تاماقنى ساغلام يېگىلى ھەم ئۇيقۇغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ؟

ئۇيقۇنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، كەچلىك تاماقتا تۆۋەندىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك:

1. بالدۇرراق يېيىش كېرەك. كەچلىك تاماقنى كەچ سائەت 6 ~ 7لەردە يېسە ئەڭ ياخشى، ئەگەر ئۇنىڭغا ئىمكانىيەت بولمىسا، ئۇخلاش ۋاقتىغا بەك يېقىنلاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.

2. تاماق ۋاقتى قانچە كەچ بولغانسېرى، مىقدارىنى شۇنچە ئازايتىش كېرەك. كەچتە تاماقنى بەك كۆپ يېگەندە ئىسسىقلىق بەدەندە يىغىلىپ قېلىپلا قالماي، يەنە ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ.

3. ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دانلىق زىرائەت، قارا ئاشلىق، ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر، ھەرخىل پۇرچاق، كۆكتات، مېۋە-چىۋە تۈرىدىكىلەر، بېلىق، ئۆي قۇشلىرى، تۇخۇم، سۈت، ئورۇق گۆش، پۇرچاق ياسالمىلىرى قاتارلىق يېمەكلىك تۈرلىرىنى كۈندۈزى يېمىگەن بولسا، كەچتە تولۇقلاش كېرەك.

4. بەك تويۇپ يېمەسلىك كېرەك. ئەگەر كەچ ئۇخلىغاندا قورسىقىنىڭ ئېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلەرنىڭ، كەچ سائەت 9دىن 10غىچە بولغان ئارىلىقتا بىر قاچا ئۇماچ ياكى بىر ئىستاكان پۇرچاق سۈتى \ قېتىق \ سۈت ئىچىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئەگەر ئازدەك ھېس قىلغاندا يەنە ئازراق مېۋە قوشۇشقا بولىدۇ.

بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ تويۇش سېزىمى بىر قەدەر ياخشى، ئاسان ھەزىم بولىدۇ، ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.