تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

ھەر بىر كەيپىياتىڭىزنىڭ ئەمەلىيەتتە يېشىش ئۇسۇلى بار

   ئۆزىنى كەمسىتىشنىڭ دورىسى __ قوبۇل قىلىش

   ساپ ئالتۇن، نۇقسانسىز ئادەم بولمايدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ كەمچىلىكى ۋە يېتەرسىزلىكى بولىدۇ. مەيلى سىز ياخشى كۆرۈڭ ياكى كۆرمەڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي سىز، بىردىنبىر سىز.

   نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، بىز ئۆزىمىزنى كەمسىتىمىز، بۇ بىزنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىمىزدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزگە بەك چوڭ ئۈمىد باغلىغانلىقىمىزدىن، مۇكەممەل بولۇشنى بەك ئارزۇ قىلغانلىقىمىزدىن بولىدۇ. ئۆزىنى كەمسىتىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇپ، ھازىرقى ئۆزىنى قوبۇل قىلىشنى سىناپ بېقىش كېرەك.

   قوبۇل قىلىش ئالغا باسماسلىق دېگەنلىك ئەمەس. بەدەن قىياپىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل بەدەن شەكلى يارىتىش كېرەك؛ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئارزۇ قىلغاندا، ئۆگىنىش، بىلىم ئارقىلىق ئۆزىنى تولۇقلاش كېرەك. ئۆزىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا ئاستا-ئاستا ئۆسۈپ يېتىلگەندە، قەلبتىكى خاتىرجەملىك ۋە خۇشاللىققا تېخىمۇ ئاسان ئېرىشكىلى بولىدۇ.

   تەشۋىشلىنىشنىڭ دورىسى __كونكرېتلىق

   تەشۋىشلىنىش غۇۋالىق ئىچىدە ئەۋج ئېلىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ خۇددى شەكىلسىز قارا بۇلۇتقا ئوخشاش، كەلگۈسىنى قاپلاپ، بىزنى تېخى يۈزبەرمىگەن ئىشلاردىن تەشۋىشلەندۈرىدۇ.

   ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، بىز قايتا-قايتا ئەندىشە قىلغان پەرەزلەر ھەقىقىي يۈزبەرمەيدۇ؛ ھەل قىلىنماي «ئېسىلىپ» تۇرغان نۇرغۇن ئەندىشىلەر كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلانسا، يوشۇرۇنىدىغان جايدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

   دىققىتىڭىزنى ھازىرغا قارىتىپ، كۆز ئالدىڭىزدىكى ھەر بىر كىچىك ئىشنى ياخشى قىلىپ، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىڭ. سىز «مەن قورقىمەن»نى «مەن بۇ بىر مىنۇت ئىچىدە نېمە قىلالايمەن» دەپ ئۆزگەرتسىڭىز، تەشۋىش بېشىڭىزدىكى قارا بۇلۇت بولماستىن، بەلكى سىزنى ئالغا ئىلگىرىلىتىدىغان پەلەمپەي بولۇپ قالىدۇ.

   ئوڭايسىزلىقنىڭ دورىسى __ يۇمۇرىستىك

   تۇرمۇش بىر مەيدان خاتالىق سادىر قىلىشقا بولمايدىغان ئويۇن ئەمەس، بەلكى ھەر ۋاقىت كۈلۈپ ئاۋازىمىز چىقىپ كېتىدىغان ئىلھامىي تىياتىر. ئاندا-ساندا ھودۇقۇپ قېلىش قورقۇنچلۇق ئەمەس، كۈلۈشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئۆزىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىغا يول قويۇش ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ باشلىنىشى.

   نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، باشقىلار سىزنىڭ سەۋەنلىكىڭىزگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇۋالمايدۇ، سىزنى چۈشەپ قويىدىغىنى پەقەت كۆڭلىڭىزدىلا ئۈزلۈكسىز چوڭىيىۋاتقان ئوسال ئەھۋال. ئازادە تەلەپپۇزدا ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ مۇھاسىرىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇپ باققاندا، جىددىي كەيپىيات ئاستا-ئاستا پەسىيىدۇ.

   سىز «بەك يۈزى چۈشۈش»نى «بۇ ئىش بەك قىزىقارلىق»قا ئايلاندۇرسىڭىز، ئوڭايسىز ئەھۋال سىزنى چۈشەپ قويىدىغان قەپەس بولۇپ قالمايدۇ. ئەكسىچە، ئۆزىنى مەسخىرە قىلىشنى بىلىدىغان چىنلىق ۋە ئوماقلىق دەل سىزنىڭ ئەڭ تەسىرلىك تەرىپىڭىز.

   غەزەپنىڭ دورىسى __ ۋاقىتلىق توختاش

   بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە غەزەپ ئۇرغۇپ تۇرغاندا، ئاغزىدىن پوسۇققىدە چىقىپ كېتىدىغىنى پەقەت كەيپىياتنىڭ دەردىنى چىقىرىش بولىدۇ. بۇ گەپلەر مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، ئەكسىچە ئاسانلا باشقىلارغا ئازار بېرىپ، بىر-بىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

   قارىماققا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوقتەك كۆرۈنىدىغان نۇرغۇن غەزەپنىڭ كەينىگە ئەزەلدىن باشقىلار بىلمەيدىغان ئۇۋالچىلىق يوشۇرۇنغان بولىدۇ. «نېرۋىڭىز ئۆرلىگەن»لىكىنى ھېس قىلغان ئاشۇ دەقىقىدە، ۋاقتىنچە توختاپ، ئۆزىڭىزگە بىر مەزگىل ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى قالدۇرۇپ، ئەقىل-ئىدراكقا ئازراق بوشلۇق بېرىڭ. سىز كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئوتنى ئىللىق تىلغا ئايلاندۇرسىڭىز، ئۇ ئادەمنى كۆيدۈرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۆزئارا چۈشىنىش يولىنى يورۇتىدۇ.

   سىزنىڭ ھەر بىر خىل كەيپىياتىڭىزنىڭ ئەمەلىيەتتە يېشىش ئۇسۇلى بار. ئوبدان ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئازابى يوق ئەمەس، بەلكى كەيپىيات بىلەن بىللە ياشاشنى ئۆگىنىۋالدى خالاس.

«خەلق گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.