تاماقنى ئاندا-ساندا بەك تويۇپ يېيىش ۋاقىتلىق بىئاراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش بەدەننى سەمرىتىۋېتىشتەك ئاددىي ئەمەس، يەنە بەدەننى ئۈن-تىنسىز ياللۇغلاندۇرۇشى مۇمكىن.
تامانى ئۇزۇن مۇددەت بەك تويۇپ يېيىش، بەدەندىكى ياللۇغنى قوزغىتىدۇ
بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تاماقنى ئۇزاق مۇددەت بەك تويۇپ يېگەندە، قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى ئېشىپ كېتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن كومپلېمېنت سىستېمىسى ئاسانلا زىيادە جانلىنىپ، ياللۇغ سىگنالىنى داۋاملىق قويۇپ بېرىپ، بەدەننى ئاستا خاراكتېرلىك تۆۋەن دەرىجىدىكى ياللۇغقا «پاتۇرۇپ قويۇپ»، قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدىكەن.
تاماقنى دائىم بەك تويۇپ تېگەندە، بەدەنگە تۆۋەندىكىدەك بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ يۈكى زىيادە ئېغىر بولسا، ئاشقازان ئاغرىش، ئاشقازان كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، بوغماق ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرىنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەيدۇ
ئاشقازان يېمەكلىك بىلەن تولغاندا، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تېخىمۇ ياخشى ھەزىم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، كۆپ مىقداردىكى قان ئالدى بىلەن ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىنى تەمىنلەيدۇ، چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى نىسبەتەن ئازىيىدۇ، ئادەم ئاسان چارچاپ، ئىنكاسى ئاستىلاپلا قالماستىن، ئېغىر بولغاندا مېڭە سەكتىسى خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ
تاماقنى زىيادە تويۇپ يېيىش بىر تەرەپتىن ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئاشقازاننىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ، كۆكرەك بوشلۇقىنىڭ بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن يۈرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى نىسپىي ئازايتىپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆپ خىل سەۋەبلەر يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
ئېنېرگىيە ئېشىپ كېتىش سەۋەبلىك سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئارتۇق ئېنېرگىيە ئاسانلىقچە خوراپ كەتمەيدۇ، ياغقا ئايلىنىپ بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاماقنى يەپ قايسى دەرىجىگە يەتكەندە توختىشىمىز كېرەك؟
شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەككى، يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىنى كونترول قىلىش ھەرگىزمۇ تاماققا ھەددىدىن زىيادە چەك قويۇش، ئۆزىنى قارىغۇلارچە ئاچ قويۇشنى كۆرسەتمەيدۇ. ئاقسىل، مىكرو ئېلېمېنت قاتارلىق ئاساسىي ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئارتۇق ئىسسىقلىقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش كېرەك. بۇنى كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاددىي، ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى «يەتتە ئۈلۈش تويۇش»تا چىڭ تۇرۇش.
يەپ قايسى دەرىجىگە يەتكەندە يېيىشتىن توختاش كېرەك؟ «تويۇش»نىڭ دەرىجىسىنى ئۆلچەشتە ئۆز سەزگۈسىگە تايىنىش كېرەك. يەتتە ئۈلۈش تويۇنۇش ئادىتىنى ئۇزاق مۇددەت ساقلىغاندا، ھەم ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭ ھالەتكە يەتكۈزگىلى، ھەم بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلىغىلى ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
يەتتە خىل ئۇسۇلنى ئۆگىنىپ، تويۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك
1. تاماق مىقدارىغا ئاساسەن يېمەكلىك تەييارلاش
تاماق ئېتىشتىن بۇرۇن، ئىلگىرىكى تاماق مىقدارىغا ئاساسەن يېمەكلىك ئېھتىياجىنى مۆلچەرلەپ، ئىمكانقەدەر تاماقنىڭ ئېشىپ قېلىشنى ئازايتىش كېرەك. ئاز بولۇپ قالسا مەيلىكى، كۆپ قىلماسلىق كېرەك. ناۋادا تاماق مىقدارى يېتەرلىك بولمىسا، تاماقتىن كېيىن ئازراق مېۋە-چېۋە، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، قۇرۇتۇلغان گۆش قاتارلىقلارنى قوشۇشقا بولىدۇ.
2. كىچىكرەك قاچا-قۇچىلارنى ئىشلىتىش
تاماقنى ئۆز ئالدىغا ئۇسىدىغان ئەھۋالدا، قاچىغا بىر قېتىمدا ئۇسقان نەرسە قانچە ئاز بولسا، كىشىلەرنىڭ يېيىش مىقدارىمۇ شۇنچە ئاز بولىدۇ. شۇڭا، تاماق مىقدارىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، تەخسە بىلەن قاچىنى كىچىكلىتىش، ھەر قېتىمدا ئازراق ئۇسۇشتىن ئىبارەت تاماق ئۇسۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.
3. تويۇنۇش تۇيغۇسى كۈچلۈك يېمەكلىكلەرنى تاللاش
تويۇنۇش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئاقسىل مىقدارى مول، يېمەكلىك تالاسى مول، سۇ مىقدارى يۇقىرى بولۇشتەك بىرقانچە ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. كۆكتات، زەمبۇرۇغ، مېۋە-چېۋە، قارا ئاشلىق قاتارلىق تالا تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ئاشقازان-ئۈچەيگە لىق تولۇپ، ئادەمدە كۈچلۈك تويۇش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. بېلىق، راك، توخۇ گۆشى قاتارلىقلارنىڭ ماي مىقدارى تۆۋەن، ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، تويۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا پايدىلىق.
4. تاماقتىن يېرىم سائەت بۇرۇن سۇيۇق يېمەكلىك يېيىش
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ۋاقىتتا سۇ، كالا سۈتى، پۇرچاق سۈتى، مايسىز شورپا قاتارلىق سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى ئىچكەندە، تاماقتىن بۇرۇنقى ئاچلىق تۇيغۇسىنى يېنىكلىتىپ، ئەركىن غىزالانغاندا قوبۇل قىلىدىغان ئېنېرگىيەنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. تاماقتىن كېيىنكى بىرنەچچە سائەت ئىچىدە بىر قەدەر ياخشى تويۇش تۇيغۇسىنى ساقلاپ، ئاسانلىقچە ئاچلىق ھېس قىلدۇرمايدىكەن.
5. ئاۋۋال كۆكتات يەپ، كېيىن تاماق يېيىش
تاماق يېگەندە، ئالدى بىلەن ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، تالاسى كۆپ، سۇ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى يەپ، ئاندىن باشقا يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، كۆپ يەۋېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئالدى بىلەن تەركىبىدە ماي مىقدارى قاتارلىقلار كۆپ يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، ئاشقازان چىڭقىلىپ بولغۇچە، بەدەننىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
6. تاماقنى كۆڭۈل قويۇپ يېيىش
ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى تويۇش تۇيغۇسىنى چوقۇم پۈتۈن زېھنى بىلەن تاماق يېگەن ئەھۋالدا ئاندىن ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر تاماق يېگەچ پاراڭلاشقاندا ياكى تاماق يېگەچ تېلېۋىزور كۆرگەندە، تويۇش تۇيغۇسىدىكى ئۆزگىرىشنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ، بىلىپ- بىلمەيلا كۆپ يەۋېلىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.
7. يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش
ئەگەر تاماقنى بەك تېز يېگەندە، يېمەكلىك تولۇق سۈمۈرۈلمەي، چوڭ مېڭە سىگنالغا ئېرىشەلمەيدۇ، نەتىجىدە ئاشقازان كۆپكەندەك ھېس قىلغاندا، ئاندىن ئۆزىنىڭ تويغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. قارا ئاشلىق، كۆكتات قاتارلىقلار ئادەمنىڭ تاماق يېيىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ، «تويۇنۇش»قا بولغان سەزگۈ تېخىمۇ روشەن بولىدۇ، بۇ تاماق مىقدارىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق.
«生命时报» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






