ئالتۇن كۈز پەسلىدە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7-شى خۇياڭخې شەھىرىنى مېۋە-چېۋىنىڭ خۇش ھىدى قاپلىدى، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپى مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، ھەممە يەردە «ئاشلىق ئامبارغا لىق تولغان، مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان، چارۋىلار كۆپەيگەن» خۇشاللىق ئۇرغۇپ، بىڭتۇەننىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى نامايان بولدى.
كۈيدۇڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا، 1 مىليون 100 مىڭ دانە جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پىراۋراكى مەركەزلىك كۆلچەكتىن چىقىرىلدى، چىپار بۇغىنى كۆندۈرۈپ بېقىش-كۆپەيتىش بازىسىدىكى 100دىن ئارتۇق چىپار بۇغا سېمىز ۋە تىمەن بولۇپ، خاس باقمىچىلىق كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە تولدى. 128-تۇەندە سىلوس كۆممىقونىقىنى ئورۇش جىددىي ئېلىپ بېرىلىپ، چارۋىلارغا قىشلىق «ئوزۇق-تۈلۈك» تەييارلاپ بېرىلدى. 124-تۇەننىڭ ئۇرۇقلۇق سەي كاۋىسىدىن خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئېلىندى، ھەممە يەر ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، ئىشچى-خىزمەتچى، ئاممىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، توپ-توپ يۈرۈۋاتقان 100دىن ئارتۇق تۆگە بىر-بىرىدىن قاۋۇل بولۇپ، تۆگە سۈتى، تۆگە تىۋىتىدىن ئىبارەت قوش پايدا «قۇملۇق كېمىسى»نى «بېيىش كېمىسى»گە ئايلاندۇردى، باقمىچىلىق ئۈنۈمى بارغانسېرى ئاشتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 7-شى خۇياڭخې شەھىرى «ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئاشلىق تېرىش»تىن «خاس، كۆپ خىل بولۇش»قا ئۆزگىرىپ، «يالغۇز ئىش قىلىش»تىن «كۆلەملەشكەن ئىگىلىك»كە ھالقىدى، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئىشچى-خىزمەتچى، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «ئالتۇن ئاچقۇچ»قا ئايلىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پىراۋراكى كۆلچەكلەرگە لىق تولدى ساۋ يۈيۈ فوتوسى
كۆلچەكتىكى مول ھوسۇل ليۇ چاڭ فوتوسى
بۇغا باغچىسىدىكى شادلىق ناخشىسى ليۇ شياۋتيەن فوتوسى
توپ-توپ تۆگىلەر ليۇ شياۋتيەن فوتوسى
ئۇرۇقلۇق سەي كاۋىسى پىشىپ، ئۇرۇقىدىن مول ھوسۇل بەردى تاڭ يۇڭجيەن فوتوسى

ھەممە يەر ئالتۇن رەڭگە كىردى ۋاڭ چېڭشياڭ فوتوسى
ئالتۇن باشاق يىغىش ۋاڭ چېڭشياڭ فوتوسى
ئاپتورلار: كۇاڭ دۇڭ، سۇڭ يالى، ليۇ شياۋتيەن، ساۋ يۈيۈ، ۋاڭ چېڭشياڭ، ليۇ يىچاڭ، تاڭ يۇڭجيەن
«7-شى خۇياڭخې شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






