
9-ئاينىڭ 29-كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق گۈزەل-سەنئەت سارىيىدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلانماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى ۋە خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، «سۇ بوياق رەسىمدە جىلۋىلەنگەن بايىنغولىن ئوبلاستى» − بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 6-نۆۋەتلىك سۇ بوياق . بوردا سىزىلغان رەسىم گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى بايىنغولىن ئوبلاستلىق گۈزەل سەنئەت سارىيىدا قانات يايدۇرۇلدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.
«سۇ بوياق رەسىمدە جىلۋىلەنگەن بايىنغولىن ئوبلاستى» بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئۆزگىچە مەدەنىيەت ماركىسى بولۇپ، 2013-يىلى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، بەش نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن گۈزەل سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى بەس-بەستە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. كۆرگەزمىدە سەنئەت ئالماشتۇرۇش، كۆرگەزمە قىلىش سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، شۇ جاينىڭ گۈزەل سەنئەت ئىجادىيەت سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە سىجىل تۈرتكە بولدى.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، «سۇ بوياق رەسىمدە جىلۋىلەنگەن بايىنغولىن ئوبلاستى» − بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 6-نۆۋەتلىك سۇ بوياق . بوردا سىزىلغان رەسىم گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنغان ئەسەر.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق گۈزەل-سەنئەت سارىيىدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلانماقتا.
بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە پۈتۈن مەملىكەتتىن ئەسەر توپلاندى، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان 400 دىن ئارتۇق ئەسەر تاپشۇرۇۋېلىندى، مۇتەخەسسىسلەر، باھالىغۇچىلارنىڭ باھالىشى، قاتلاممۇقاتلام تاللىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا 100دىن ئارتۇق نادىر ئەسەر تاللاپ كۆرگەزمە قىلىندى ھەمدە 20 پارچە مۇنەۋۋەر ئەسەر باھالاپ چىقىلدى. كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر ئەنئەنىۋى سەنئەت ئاساسى ۋە ھازىرقى زامان ئېستېتىك قىزىقىشىغا ئىگە بولۇپ، سەنئەتكارلار مەۋقەنى بايىنغولىن ئوبلاستى تۇپرىقىغا قويۇپ، سۇ بوياق رەڭگىدە گۈزەللىك يەتكۈزۈپ، قەلەم بىلەن ھېسسىياتنى ئىپادىلەپ، رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قېرىنداشتەك يېقىن ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتەك گۈزەل تۇرمۇش كارتىنىسىنى جانلىق سۈرەتلەپ بەردى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە سەنئەت ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەللىك ئارقىلىق قەلبنى ئىللىتىپ، «سۇ بوياق رەسىمدە جىلۋىلەنگەن بايىنغولىن ئوبلاستى» مەدەنىيەت ئىسىم كارتىسىنى سىجىل جۇلالاندۇرۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئەدەبىيات-سەنئەت كۈچى قوشتى.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، «سۇ بوياق رەسىمدە جىلۋىلەنگەن بايىنغولىن ئوبلاستى» − بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 6-نۆۋەتلىك سۇ بوياق . بوردا سىزىلغان رەسىم گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنغان ئەسەر.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، «سۇ بوياق رەسىمدە جىلۋىلەنگەن بايىنغولىن ئوبلاستى» − بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 6-نۆۋەتلىك سۇ بوياق . بوردا سىزىلغان رەسىم گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنغان ئەسەر.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






