تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

تارىم دەرياسى بويىدا، شايەنجوۋ مەنزىرە رايونىدىكى توغراقلار ئالتۇن رەڭ لىباس كىيدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

9-ئاينىڭ 28-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شايار ناھىيەسى گەزقۇم يېزىسى شايەنجوۋ مەنزىرە رايونىدىكى ئىپتىدائىي توغراقلىق.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، كەچكى شەپەق تارىم دەرياسى بويىغا چۈشۈپ، شايار تۇپرىقى كەچكى شەپەق نۇرىغا چۆمدى. بوشلۇقتىن تارتىلغان كۆرۈنۈشتە، شايار ناھىيەسى گەزقۇم يېزىسى شايەنجوۋ مەنزىرە رايونىدىكى ئىپتىدائىي توغراقلار بىر قەۋەت ئىللىق ئالتۇن رەڭ لىباس كىيگەن بولۇپ، تۇتاش كەتكەن توغراقلار گىرەلىشىپ قەد كۆتۈرۈپ، سۈزۈك سۇلۇق يەر، تەكشى سۇ دائىرىسى بىلەن بىر-بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ، گۇگۇمدىكى يېقىشلىق نۇر بىپايان قۇملۇقنىڭ كۈز مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

  9-ئاينىڭ 28-كۈنى، ساياھەتچىلەر شايار ناھىيەسى گەزقۇم يېزىسى شايەنجوۋ مەنزىرە رايونىدىكى ئىپتىدائىي توغراقلىقتا كۈن ئولتۇرۇش مەنزىرىسىنى تاماشا قىلماقتا.

   شايەنجوۋ مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 42 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مول سۇلۇق يەر بايلىقى ۋە مۇكەممەل ئىپتىدائىي توغراقلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسى بار. ھەر يىلى كۈز پەسلىدە توغراقلار يېشىل رەڭدىن ئالتۇن رەڭگە ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، گۇگۇمدىكى نۇر شولىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. ئېگىز بوشلۇقتىن قارىغاندا، تۇتاش كەتكەن توغراقلار چۆللۈكتە يىلتىز تارتقان، بۈك-باراقسان شاخلارنىڭ شولىسى سۇلۇق يەر يۈزىدە جىلۋىلىنىپ، سۇ، ئورمان، قۇم گىرەلەشكەن، توغراقنىڭ ئېگىلمەس، مەزمۇت بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى تولۇق نامايان بولۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى بۇ جايغا كېلىپ مەنزىرە تاماشا قىلىش، سەيلە-ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلماقتا.

  9-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاپتوموبىل شايار ناھىيەسى گەزقۇم يېزىسى شايەنجوۋ مەنزىرە رايونىدىكى ئىپتىدائىي توغراقلىقنى كېسىپ ئۆتمەكتە.

  9-ئاينىڭ 28-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شايار ناھىيەسى گەزقۇم يېزىسى شايەنجوۋ مەنزىرە رايونىدىكى سۇ ئۈستى كۆتۈرمە يولى.

  9-ئاينىڭ 28-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شايار ناھىيەسى گەزقۇم يېزىسى شايەنجوۋ مەنزىرە رايونىدىكى ئىپتىدائىي توغراقلىق.

  9-ئاينىڭ 28-كۈنى، شايار ناھىيەسى گەزقۇم يېزىسى شايەنجوۋ مەنزىرە رايونىدىكى ئىپتىدائىي توغراقلىقتىن بىر كۆرۈنۈش.

  9-ئاينىڭ 28-كۈنى، ساياھەتچىلەر شايار ناھىيەسى شايار بازىرى چىنەباغ كەنتىدىكى توغراقلىقتا سەيلە قىلماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.