تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىزىملىك ئېلان قىلىندى! شىنجاڭدىن 12 جاي بۇ ئالاھىدە شان-شەرەپكە ئېرىشتى

   9-ئاينىڭ 28-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 2025__2021-يىللىق تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك شەھەر ۋە ناھىيەلەرگە ۋىۋىسكا تارقىتىپ نام بېرىش توغرىسىدىكى قارارنى ئېلان قىلىپ، 60 شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست)گە «2025__2021-يىللىق تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك شەھەر» دەپ نام بەرگەن، 160 ناھىيە (شەھەر، رايون)گە «2025__2021-يىللىق تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك ناھىيە» دەپ نام بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ (بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن 12 جاي تىزىملىككە كىرگەن.

   شەرەپ بىلەن «2025__2021-يىللىق تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك شەھەر» نامىغا ئېرىشكىنى قاراماي شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 7-شى خۇياڭخې شەھىرىدىن ئىبارەت؛ شەرەپ بىلەن «2025__2021-يىللىق تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك ناھىيە» نامىغا ئېرىشكىنى بۇرچىن ناھىيەسى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)، لوپ ناھىيەسى، فۇكاڭ شەھىرى، مەكىت ناھىيەسى، بىڭتۇەن 1-شى ئارال شەھىرى 7-تۇەن، 5-شى شۇاڭخې شەھىرى 81-تۇەن، 14-شى كۇنيۈ شەھىرى 1-چارۋىچىلىق مەيدانى، 10-شى بېيتۈن شەھىرى 186-تۇەندىن ئىبارەت.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ھەرقايسى جايلار ۋە ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتى.

  «شىنجاڭ گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.