كۈز كىرگەندىن بۇيان، تۈرلۈك دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن مەركەزلىك مول ھوسۇل ئېلىنىپ بازارغا سېلىندى، تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتىمۇ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، يەتكۈزۈش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. مۇخبىرنىڭ دۆلەت پوچتا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 8-ئايدا جۇڭگونىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.5 ئاشقان. پوچتا تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى بېلىقچىلىق بايرىمى، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىش قاتارلىق ئىستېمال نۇقتىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، توشۇش كۈچى ۋە مۇلازىمەت بايلىقى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا ئوبوروت قىلىنىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى، ساپ دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا تېخىمۇ تېز يەتكۈزدى.
دۆلەت پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئايدا جۇڭگونىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى 431.7 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.5 ئاشقان.






