ئالتۇن كۈزدىكى 9-ئايدا، كۈز مەنزىرىسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سۇلۇق يەرلەر پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش پەسلىنى كۈتۈۋالدى، سۈپسۈزۈك كۆل يۈزى قومۇشلار ئارىسىدا يېيىلغان بولۇپ، لەيلىلىك تۇرنا، كۈلرەڭ ياۋا غاز، ھاڭگىرت، كۈلرەڭ تۇرنا بۇ ئېكولوگىيەلىك ئۆتەڭلەرگە ماكانلاشتى. سۇ قۇشلىرى گاھ زۇمرەتتەك دولقۇنلاردا لەيلەپ ئوزۇقلۇق ئىزدىگەچ ئارام ئالسا، گاھ قاناتلىرىنى كېرىپ بوشلۇقتا پەرۋاز قىلىپ، توختىماي سايراپ ئۇپۇقتىن ئۇچۇپ ئۆتەتتى. زۇمرەتتەك سۇ، دولقۇنلاپ تۇرغان قومۇشلار بىلەن قۇشلار بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، كۈز پەسلىدىكى قۇياش نۇرىدا بارلىق شەيئىلەر بىللە ياشايدىغان سۇلۇق يەر داستانىنى پۈتۈپ چىققانىدى.
فوتوگرافلار: ساۋ شىنجيا، جۇڭ ۋېيلياڭ، چۆ . خۇرە، كۈلەيزا باقىت، ۋارىسجان، خوۋ لىچاۋ، ۋېي شۇشېڭ، بەردىبېك نارىنخان
كەچكى قۇياش غەربكە ئولتۇرغاندا، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى يايلىقىدا تۇرنىلار ئۇۋىسىغا قايتىپ كەلمەكتە.

لەيلىلىك تۇرنا باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى يايلىقىدىن ئۇچۇپ ئۆتمەكتە.

لەيلىلىك تۇرنا باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى يايلىقىدا پەرۋاز قىلماقتا.

لەيلىلىك تۇرنا باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى يايلىقىدا ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە.

چوڭ ئاق قۇ تولۇق يېتىلمىگەن چۆجىلىرىنى باشلاپ، ئالتاي شەھىرى شەمىرشەك بازىرى جېتەكۆل سازلىقىدا بەخىرامان ئۈزۈپ يۈرمەكتە.

ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى جەنۇبقا كۆچكەن زور بىر تۈركۈم پەسىل قۇشلىرىنى بۇ يەردە توختاپ دەم ئېلىشقا جەلپ قىلماقتا.

كۈل رەڭ تۇرنا ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا يېتىپ كەلمەكتە.

ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى جەنۇبقا كۆچكەن زور بىر تۈركۈم پەسىل قۇشلىرىنى بۇ يەردە توختاپ دەم ئېلىشقا جەلپ قىلماقتا.

ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى جەنۇبقا كۆچكەن زور بىر تۈركۈم پەسىل قۇشلىرىنى بۇ يەردە توختاپ دەم ئېلىشقا جەلپ قىلماقتا.

بىر توپ سۇ قۇشلىرى خوشۇت ناھىيەسى باغراش كۆلى لوڭجۈ سۇلۇق يېرىگە ماكانلاشماقتا.

قەشقەر شەھىرىنىڭ نېيترال سۇدىن پايدىلىنىپ ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسى سۇلۇق يېرىدە، ئاق قوتانلار ئاسماندا قانات قېقىپ پەرۋاز قىلماقتا.

قەشقەر شەھىرىنىڭ نېيترال سۇدىن پايدىلىنىپ ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسىدا ماكانلاشقان ئەتىۋارلىق قارا لەيلەك.

جېمىنەي ناھىيەسى شالشىقاي يېزىسىدىكى 10 مىڭ مو كۈزلۈك بۇغدايلىققا، جەنۇبقا كۆچۈپ چېگرادىن ئۆتكەن بىر توپ كۈلرەڭ تۇرنىلار ئۇچۇپ كېلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش مەنزىرىسىنى بەرپا قىلماقتا.
«视觉新疆»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى