□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى فەن
كۈز كۈنلىرىدىكى كۇننيۇشەن تېغىنىڭ چوققىلىرى قاتمۇقات يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، زۇمرەتتەك سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى. كۇننيۇشەن تېغىدىكى قىزىل ئارمىيە ئۇلۇغ ھەرىكىتى خاتىرە مۇنارى ئالدىدا، بۇ يەرگە كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈرىدىغان، ياد ئېتىدىغان قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش كوللېكتىپلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. تاغ ئېتىكىدە، كەڭ ئاسفالت يول كەنت ئېغىزىغا بىۋاسىتە تۇتاشقان بولۇپ، قاتار - قاتار يېڭى ئۆيلەر رەتلىك سېلىنغانىدى.
بۈگۈنكى كۈندىكى يىراق - يېقىنغا داڭلىق بۇ قىزىل گۈزەل كەنت 90 نەچچە يىل ئىلگىرىكى بىر بۆلەك تەسىرلىك ۋە ھەيۋەتلىك ئۆتمۈش بىلەن باغلانغان. 1934 - يىلى 10 - ئايدا، ئۇزۇن سەپەردىكى ئالدىن يۈرۈش قىسمى بولغان قىزىل ئارمىيە 6 - جۈنتۇەنى گۇيجوۋنىڭ شىچيەن ناھىيەسى تەۋەسىگە كەلگەندە، دۈشمەن زور قوشۇنىنىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالغان. جۈنتۇەن ئاساسىي كۈچىنىڭ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىشىنى قوغداش ئۈچۈن، قىزىل 18 - شىنىڭ شىجاڭى لۇڭ يۈن، 52 - تۇەننىڭ تۇەنجاڭى تيەن خەيچىڭ نەچچە يۈز نەپەر قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنى باشلاپ ئارقىدىن مۇھاپىزەت قىلىپ، دۈشمەن ئارمىيەسىنى يەر شەكلى خەتەرلىك كۇننيۇشەن تېغىدا ئىسكەنجىگە ئالغان.
ئۇزاققىچە ھۇجۇم قىلىپ يېڭەلمىگەن دۈشمەن شۇ جايدىكى پۇقرالارنى تىرىك قالقان بولۇشقا مەجبۇرلاپ، قىزىل ئارمىيەنى ئېگىز ھەم تىك يار بويىغا قىستاپ بارغان. ئوق - دورا، ئوزۇق - تۈلۈك تۈگەپ قالغان پەيتتە، قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى قورال - ياراغلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئېگىز ھەم تىك يار بويىغا بېرىپ، توپ - توپ بولۇپ قەتئىيلىك بىلەن سەكرىگەن.
بۇ مەيدان باتۇرانە كۇننيۇشەن تېغى ئۇرۇشى تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ ئۇزاق مەزگىل كەمچىل بولۇشى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت تاشلىنىپ قالغان.
«كونا ماتېرىياللار ئىچىدە، پەقەت قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ <قىيادىن كوللېكتىپ سەكرەپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىقى>دىن ئىبارەت بۇ يىپ ئۇچىنىلا بايقىدۇق.» 2001 - يىلى، شۇ چاغدىكى شىچيەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ يوۋجۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى چوڭقۇر ئازابلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۇزۇن سەپەر غەلىبە قىلغىلى شۇنچە كۆپ يىل بولغان تۇرۇقلۇق، بۇ توغرىسىدىكى خاتىرىلەر نېمىشقا بۇنچە ئاز؟ بۇ، بىز پارتىيە تارىخى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇلار ئالدىدىكى قەرزىمىز.»
مۇشۇنداق قەتئىيلىك بىلەن، ياڭ يوۋجۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ماتېرىيال كۆرۈپ، تاغ ئارىسىدىكى كەنتتە يىلتىز تارتىپ، نۇرغۇن ئىز - دېرىكى بولمىغان قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ، 20 نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بۇ تەسىرلىك ۋە ھەيۋەتلىك تارىخنى ئاز - ئازدىن ئەسلىگە كەلتۈردى.
زىيارەت جەريانىدا، نۇرغۇن ياشانغان گۇۋاھچىلار ئۆمۈر بويى ئۇنتۇيالمايدىغان كۇننيۇشەن تېغىدىكى ئۇرۇشنى ئەسلىدى: شۇ كۈنى، ئۇلار «خېيتەنخې دەرياسى جىلغىسىدا مىلتىقلارنىڭ ئېتىلغان ئاۋازى» «باشلىق(تۇەنجاڭ تيەن خەيچىڭ)قا ئوق تېگىپ قۇربان بولغاندىن كېيىن، قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ ئۈن سېلىپ يىغلىغان ئاۋازى»نى ئاڭلىغان، قىيادىن سەكرىگەن جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ 16 - 15 ياشلىق بالىلار ئىكەنلىكىنى كۆرگەن.
شىچيەن ناھىيەسىنىڭ كۇننيۇشەن تېغىدىكى قىزىل ئارمىيە ئۇلۇغ ھەرىكىتى كۆرگەزمە مەركىزىدە ئەينى يىلىدىكى 52 - تۇەننىڭ كانايچىسى چېن شىرۇڭ ئۇرۇشقا قاتناشقان چاغدا ساقلاپ قالغان ھەربىي كاناي ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، كۇننيۇشەن تېغىدىكى ئۇرۇشنىڭ مۇھىم گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە كىشىلەر تەرىپىدىن خاتىرە بۇيۇمى قىلىنىپ كەلمەكتە...
ئىس - تۈتەكلەر تارقىدى، ئابىدە مەڭگۈ ساقلاندى. كۆپ تەرەپنىڭ تۈرتكە بولۇشىدا، 2022 - يىلى «كۇننيۇشەن تېغىدىكى قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ كوللېكتىپ قىيادىن سەكرەش مەڭگۈلۈك ئۇلۇغ ھەرىكىتى» مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنى شىچيەن ناھىيەسىدە ئېچىلدى؛ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇننيۇشەن تېغى ئۇرۇشى خارابىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۇزۇن سەپەر دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى نۇقتىلىق تۈرى، دۆلەت دەرىجىلىك ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەسى ۋە مەملىكەت بويىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قاتارلىقلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، بۇ مېھىرلىك تۇپراق قىزىل تارىخنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىدا يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى. ئازادە دەرسخانا، كاۋچۇك ياتقۇزۇلغان يېپيېڭى يۈگۈرۈش يولى، مول ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى... كۇننيۇشەن تېغىنىڭ شىمال تەرىپىگە ئانچە يىراق بولمىغان جايغا سېلىنغان كۇننيۇشەن قىزىل ئارمىيە مەكتىپى پۈتتى. بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ياڭ يۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «مەكتىپىمىز قىزىل مائارىپ دەرسلىكلىرىنى ئېچىش، قىزىل ھېكايىلەرنى سۆزلەيدىغان <شياۋخۇڭشىڭ چۈشەندۈرگۈچىلىرى> قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى چۆرىدەپ، بالىلارنىڭ ئىنقىلابىي تارىخنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، قىزىل گېننى تومۇرغا سىڭدۈرۈپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇردى.»
شىچيەن ناھىيەسىنىڭ لۇڭتاڭ بازىرى كۇننيۇشەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى ۋاڭ ۋېنجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇننيۇشەن كەنتى قىزىل بايلىقنى كەنتنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈپ، قىزىل ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ھەسەل، تەيچيۇشى، قىچا يېغى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەتتە دېھقانلار ئارامگاھى، تۆت ئائىلىۋى مېھمانخانا ئاچتى. «بۇلتۇر، پۈتۈن كەنت 40 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 770 مىڭ يۈەنگە يەتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى ۋاڭ ۋېنجۈن.
90 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، مەيىن شامال ھەر قېتىم كۇننيۇشەن تېغىدىكى تۆپىلىكنى سىيپاپ ئۆتكەندە، خۇددى قان كېچىپ كۈرەش قىلغان ئاشۇ تەسىرلىك ۋە ھەيۋەتلىك ئىش ئىزلارنى پىچىرلاپ بايان قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ تىك ياردىن قەتئىيلىك بىلەن سەكرىشى ۋەتىنىمىزگە تىنچ - ئامانلىق، تۇرمۇشىمىزغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلدى. بەختلىك تۇرمۇش مەنزىرىسى بۇ جايدا داۋاملىق پۈتۈلمەكتە.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇيياڭ، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)






