− شىنجاڭ ئاقسۇ ئالمىسى تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ شەنشىدىن تەجرىبە ئۆگەنگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ما بېي، ليۇ يىمىڭ
شىنجاڭ ئاقسۇ ئالمىسى ياخشى، «بىڭتاڭشىن» ئالمىسى تېخىمۇ قالتىس.
يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 2800 سائەتتىن 3000 سائەتكىچە، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى 15 سېلسىيە گىرادۇستىن 20 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق بارلىققا كەلتۈرگەن دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى قوغدىلىدىغان مەھسۇلات بولغان ئاقسۇ بىڭتاڭشىن ئالمىسىنىڭ قەنت تەركىبى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 21دىن 22گىچە بولىدۇ. بىڭتاڭشىن ئالمىسىدىن يىلىغا 400 مىڭ توننا ئەتراپىدا ھوسۇل ئېلىنىدۇ، ئەزەلدىن سېتىشتىن غەم قىلمايدۇ.
ئەمما يېقىندا، ئاقسۇ ئالمىسى تەتقىقات كوللېكتىپى مەخسۇس شەنشىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ تەجرىبە ئۆگەندى، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
«ھەمىشە نام - ئاتاققا، ئىلگىرىكى نەتىجىلەرگىلا تايىنىۋالساق بولمايدۇ!» دەپ جاۋاب بەردى كوللېكتىپنىڭ يېتەكچىسى لى جيا. ئۇ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىدىن 11 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى، شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى پەن تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئاقسۇ بەيشۈي شەھەرچىسى بىڭتاڭشىن ئالمىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى.
بۇلتۇر 4 - ئايدا، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئالما كەسپىنىڭ بەش يىللىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى، ئۆستۈرۈش كۆلىمى 1 مىليون مودىن كۆپرەككە كېڭەيتىلىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 5 مىليارد 50 مىليون يۈەندىن 12 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ. بەش يىلدا كۆلەم بىر قاتلانسا، سۈپەت نېمىگە تايىنىپ ئۆستۈرۈلىدۇ؟ قىممىتى نېمىگە تايىنىپ ئاشۇرۇلىدۇ؟ قانداق قىلغاندا «بىڭتاڭشىن» ئالمىسىنى تېخىمۇ تاتلىق قىلغىلى بولىدۇ؟
گەرچە ئالمىنىڭ داڭقى چىققان بولسىمۇ، ھەرگىز مىدىرلىماي يېتىۋېلىشقا بولمايتتى. ئاقسۇلۇقلار سىرتقا چىقىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئالما ئۆستۈرۈلىدىغان ئەڭ چوڭ رايونغا بېرىپ تەجرىبە ئۆگەندى: ئاقسۇ ئالمىسىنى «تەبىئىي شارائىتقا تايىنىپ نام چىقىرىش»تىن تېزلىكتە «پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش»كە يۈزلەندۈرۈش كېرەك.
شىنجاڭ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسى شەنشى «قىزىل ئالمىسى»نى ئۇستاز تۇتۇپ، قانداق ھەقىقىي تەجرىبىلەرنى ئۆگەندى؟
مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەجرىبە ئۆگىنىش سەپىرىگە ئاتلىنىش
ئاقسۇ ئالمىسى تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ سىرتقا چىقىپ تەجرىبە ئۆگىنىشى ھەرگىزمۇ بىردەملىك قىزغىنلىقتىن بولغان ئەمەس، تەتقىقاتچىلاردىن ئالما ئۆستۈرگۈچىلەر ۋە پىششىقلاش كارخانىلىرىغىچە ھەممىسى «بىڭتاڭشىن» ئالمىسى كەسپى تەرەققىياتىنىڭ بوغما ھالەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.
«ئىلگىرى ئالمىلىرىمنى ئەڭ ياخشى دەپ قارايتتىم.» ئاقسۇ ۋىلايىتى خۇڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى باغۋەن ۋاڭ يۈنجى مۇنداق دېدى: ئېرىم خې شيەنگو بىلەن 22 يىل ئالما ئۆستۈرۈپ، 2025 - يىلى 400 توننىغا يېقىن يېڭى ئالما ساتتۇق. ئەمما خې شيەنگو شەندۇڭغا بېرىپ تەجرىبە ئۆگىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىككىيلەننىڭ ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز سەل ئاجىزلاپ قالدى، «باشقا جايلاردا يىللىق كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى بىزنىڭكىدىن 400 - 500 سائەت ئاز بولسىمۇ، ھوسۇلى بىزنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەن. سىرتقا چىققاندىن كېيىن ئاندىن ئۆستۈرۈش ئەندىزىمىز، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىمىزدا خېلىلا زور پەرق بارلىقىنى بىلدۇق!»
بىرىنچى، ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.
ۋاڭ يۈنجى ئائىلىسىنىڭ مېۋىلىك بېغىدىكى بارلىق ئالما دەرەخلىرى بەش - ئالتە مېتىر ئېگىزلىكتە ئىدى، مېۋىسىنى شالاڭلىتىش، خالتىسىنى ئېلىۋېتىش، ئۈزۈشتە دەرەخكە يامىشىشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئادەم كۈچى تەننەرخى يۇقىرى ئىدى. مېۋە ئۈزۈش مەزگىلىدە ھەر كىلوگىرام ئالمىنىڭ ئۈزۈش ھەققى سەككىز مو بولۇپ، 200 توننا ئالمىنىڭ ئۈزۈش ھەققىلا 100 نەچچە مىڭ يۈەن بولۇپ كېتەتتى.
«ئۆزگەرتىش كېرەك! پاكارلىتىپ زىچ ئۆستۈرۈشكە ئۆزگەرتىلسە، كېيىن ئورۇندۇققا چىقىپ تۇرۇپلا مېۋىسىنى ئۈزگىلى بولىدۇ» دېدى ۋاڭ يۈنجى.
ئىككىنچى، سورتى بىرلا خىل.
ئاقسۇ ۋىلايىتىدە «خۇڭفۇشى» ئالمىسى يۈرۈشلۈك سورتلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %80تىن ئاشىدۇ، كېيىن پىشىدۇ؛ يېڭى سورتلارنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش خىزمىتى بىرقەدەر ئاز قانات يايدۇرۇلغاچقا، بالدۇر پىشار، ئارا پىشار يۈرۈشلۈك سورتلىرى كەمچىل.
«كېلەر يىلى چىنسۈي ئالمىسىنى سىناق تەرىقىسىدە ئۆستۈرۈپ باقاي دېگەنىدىم، لېكىن ئاڭلىسام شىنجاڭدا چىنسۈي ئالمىسىنىڭ <قۇرۇپ قېلىش كېسىلى> ئېغىر بولىدىكەن، يەرلىكلەشتۈرۈلۈپ ياخشىلانغان سورت بولسا ياخشى بولاتتى» دېدى ۋاڭ يۈنجى.
ئۈچىنچى، ساختىلىق قىلىش قالايمىقانچىلىق ئەھۋاللىرى گەۋدىلىك.
ئاقسۇ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسىنىڭ يىللىق ھوسۇلى 400 مىڭ توننا ئەتراپىدا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان «بىڭتاڭشىن» ئالمىسىنىڭ مىقدارى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇلتۇر ۋاڭ يۈنجى باشقا ئۆلكىلەردە ساختا «بىڭتاڭشىن» ئالمىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، قەغەز يەشىكنىڭ ئورالمىسى، چىقىدىغان جاي بەلگىسى ئوخشاش بولۇپ، باھاسى ھەقىقىي «بىڭتاڭشىن» ئالمىسىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىكەن.
«ئاقسۇ <بىڭتاڭشىن> ئالمىسىنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزۈشكە بولمايدۇ، بۇ مەسىلىنى ئامال قىلىپ تېزدىن ھەل قىلىش كېرەك» دېدى خې شيەنگو گەپ ئارىلىقىدا.
ئونسۇ ناھىيەسىدىكى باغۋەن ئابدۇقاھار ئابلىكىمنىڭمۇ باش قېتىنچىلىقى بار. ئۇ مۇنداق ھېسابات قىلدى: نۆۋەتتە، باغدىكى ئۆلچەمگە يەتمىگەن ئالمىنىڭ نىسبىتى %15تىن %20كىچە، «ئۆلچەمگە يەتمىگەن ئالمىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى پەقەت بىر يۈەندىن كۆپرەك پۇلغىلا ساتقىلى بولىدۇ، ھەر يىلى 10 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئۆلچەمگە يەتمىگەن ئالمىنى ئامالسىزلىقتىن باغدا سېسىتىپ قويىمىز».
ئاقسۇ تيەنسى سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ لىتاۋنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى دەل ئۆلچەم: «ھەممەيلەن ئاقسۇ ئالمىسىنى ياخشى دەيدۇ، لېكىن ياخشى يېرى نەدە؟ ھەربىر ئادەم ئۆستۈرگەن <بىڭتاڭشىن> ئالمىسىنىڭ سۈپەت پەرقى زور، ماركا پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ؟»
پىششىقلاش ھالقىسىدا ئوخشاشلا مەسىلە بار. كارخانا NFC ئالما شەربىتى مەھسۇلاتىنى ئېچىشتا، ئۇزاقتىن بۇيان قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپ قېلىشتەك قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. «سېتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئامال قىلىپ سۈپەت كاپالەت مۇددىتىنى ئۇزارتىش كېرەك» دېدى جاڭ لىتاۋ.
لى جيا شۇنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتىكى: «ئەڭ زور كەمتۈكلۈك پەن تەتقىقات ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش، پىششىقلاش كارخانىلىرى ئاز بولۇش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش يوللىرى ئاز بولۇش، ياخشى تېخنىكىلارنى كىرگۈزەلمەسلىك، ئەمەلىيلەشتۈرەلمەسلىك.»
يەنە بىر مەسىلە توغرىسىدا ئۇ ناھايىتى ئۇزاق ئويلاندى: «ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ ياخشى يېرى زادى نەدە؟ قانداق كىشىلەرنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىدۇ؟ ياخشى تەرىپىنى دەپ بېرەلمىسەك، ماركىنىڭ پەن - تېخنىكا ئاساسى كەمچىل بولۇپ قالىدۇ.»
لى جيا قاتارلىقلار بۇ مەسىلىلەرنى خاتىرىلىۋالدى، ئۇلار بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى.
كەمتۈكلۈكلەرگە قادىلىپ ئۆگىنىش، ھەممە جايدا ھەقىقىي تەجرىبىگە ئىگە بولۇش
شەنشى «قىزىل ئالمىسى» «ئالتۇن ئالما»غا ئايلانماقتا. 2022 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنئەن شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «ئالما ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كىلىمات، جۇغراپىيەلىك شارائىت ۋە ئادىمىيەت جەھەتتە ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە، بۇ، ئەڭ ياخشى، ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان كەسىپ، ئىستىقبالى پارلاق.»
شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئالما ئۆستۈرۈش كۆلىمى ۋە ھوسۇلى بىردەك مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا مۇقىم تۇرىدۇ. 2025 - يىلى ئۆلكە بويىچە ئالما ئۆستۈرۈش كۆلىمى 9 مىليون 139 مىڭ 400 موغا، ھوسۇلى 15 مىليون 214 مىڭ توننىغا يەتتى، «لوچۇەن ئالمىسى» 68 مىليارد 700 مىليون يۈەنلىك ماركا قىممىتى بىلەن مەملىكەت بويىچە مېۋە تۈرىدە 1 - ئورۇندا تۇردى.
بۇ قېتىم شەنشىگە بېرىپ تەجرىبە ئۆگىنىشتە، لى جيا مۇنداق قائىدە بېكىتتى: «كەمتۈكلۈكلەرگە قادىلىپ ئۆگىنىپ، ھەربىر جايغا بارغاندا ئاز دېگەندە بىر يادرولۇق مەسىلىنى ھەل قىلىمىز.» كوللېكتىپ ئەزالىرى ئاقسۇ بەيشۇيجىچېڭ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسى تەتقىقات ئورنى يېڭىلىق يارىتىش - تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى باۋ جۈنپېڭ، خاڭجوۋ ئاۋۋېي بىيوتېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن زۇڭلۇنمۇ شۇنداق ئويلىغانىدى.
1 - بېكەتتە ئۇدۇل غەربىي شىمال داشۆسى يېمەكلىك ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش شۆيۈەنىگە باردى.
سۆھبەت يىغىنىدا ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دېدى: «يۆ مۇدىر، يۈەن پىروفېسسور، ئەڭ چوڭ باش قېتىنچىلىقىمىز ماركىنى تەقلىد قىلىۋېلىش، ئىستېمالچىلار ئېنىق ئايرىيالمايدىكەن، ھوقۇقنى قوغداشمۇ تەس بولىدىكەن.»
غەربىي شىمال داشۆسى يېمەكلىك ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى يۆ تيەنلى، شۆيۈەننىڭ پىروفېسسورى يۈەن ياخۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: قەنت كىسلاتاسى نىسبىتى، ئۆزگىچە خۇش پۇرىقى، ئىزوتوپلۇق بارماق ئىزىدىن ئىبارەت بۇ «خاس بەلگە»لەرگە تايىنىپ، ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ بىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى بېكىتىپ، ماركا ئاساسىنى مەنبەدىن مۇستەھكەملەش كېرەك.
«بۇ بىزگە بىر يېپيېڭى پىكىر يولى ئېچىپ بەردى!» چېن زۇڭلۇن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئاقسۇ ئالمىسىنى قايسى كىشىلەرنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىدىغانلىقىنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىكەن.
ئەسلىدىكى ئىككى سائەتلىك سۆھبەت يىغىنىنىڭ ۋاقتى ئۇزىراپ كەتتى، يىغىندىن كېيىن لى جيا يەنە يۆ تيەنلى بىلەن يىغىن زالىدىن چىقىپ تۆۋەنگە چۈشكىچە پاراڭلاشتى.
2 - بېكەتتە غەربىي شىمال دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق پەن - تېخنىكا داشۆسىگە كەلدى.
لى جيا كوللېكتىپى ئېلىپ كەلگەن مەسىلىلەرگە قارىتا، باغۋەنچىلىك شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى جوۋ خۇيلىڭ مۇھىم نۇقتىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بەردى: «يېڭى سورتلارنى كىرگۈزۈش ۋە يېتىشتۈرۈش جەھەتتە ئارقىدا قاپسىلەر، تارقاق ئۆستۈرۈشتە پۈتۈنلەي تەجرىبىگە تايىنىدىكەنسىلەر، ئالمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، قەنت تەركىبى بىردەك ئەمەس ئىكەن، ناچار ھاۋارايىغا يولۇققاندا سۈپىتىدە ئۆزگىرىش زور بولىدىكەن، مانا بۇ، سۈپىتىنىڭ تۇراقلىق بولماسلىقىنىڭ مەنبەسى.»
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: شىنجاڭنىڭ كىلىماتىغا ماس كېلىدىغان ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرالايدىغان سورتلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ يېتىشتۈرۈپ، بىرتۇتاش چاتاش، چېچەك ۋە مېۋىسىنى شالاڭلىتىش، دەل جايىدا سۇغىرىش ۋە ئوغۇتلاش قاتارلىق ئۆستۈرۈش ئۆلچىمىنى كېڭەيتىپ، ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىغا تايىنىپ قۇم بوران ۋە ناچار ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك.
ئىككى تەرەپ يەنە ھەمكارلىق تەسەۋۋۇرى ئۈستىدە توختالدى − غەربىي شىمال دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق پەن - تېخنىكا داشۆسى قۇرغاق رايونلار يېزا ئىگىلىكى شىنجاڭ تەتقىقات ئورنىنى قۇردى، شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىدە جەنۇبىي شىنجاڭ شۆبە مەركىزى قۇرۇشنى پىلانلىدى، ئەگەر مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يار - يۆلەك بولۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلسە، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۇتاشتۇرۇلىدۇ.
ئاقسۇدا، شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ سىجىل قوللىشىدا، ئالما كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم پەن تەتقىقات تىرىكىگە ئايلاندى.
2025 - يىلى 1 - ئايدا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ قوللىشىدا، مەكتەپ بىلەن يەرلىك ھەمكارلىقىدىكى ئاقسۇ بەيشۇيجىچېڭ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسى تەتقىقات ئورنى قۇرۇلدى؛ يېرىم يىلدىن كېيىن، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىراجىتىگە تايىنىپ، جۇڭگو ئۆلچەم داشۆسى شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى بىلەن بىرلىكتە قۇرغان ئالمىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ۋە يۇقىرى قىممەتتە پايدىلىنىش تەجرىبىخانىسى ماكانلاشتى، دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىم ئارقىلىق باكتېرىيە يوقىتىش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلار تەجرىبىخانىدىن مېۋىلىك باغ ۋە سېخلارغا كىرگۈزۈلدى.
2 - كۈنى، لى جيا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يەنئەن ئالما تەتقىقات ئورنىغا كەلدى.
لى جيا بىۋاسىتە باش تېمىغا ئۆتتى: ئاقسۇ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە، لېكىن ئىنچىكە پىششىقلاش كېيىنرەك باشلانغان، تۈرى ئاز بولغاچقا، كەسىپ زەنجىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئاشمىدى.
«بىز ئىشلەپچىقارغان ئاقسۇ <بىڭتاڭشىن> ئالمىسى NFC مېۋە شەربىتى ئىچىملىكىنى نورمال تېمپېراتۇرىدا 60 كۈن ئەتراپىدا قويۇپ قويساق، مېۋە شەربىتى قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟» دېدى باۋ جۈنپېڭ قىيىن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ.
«ئالما شەربىتىنىڭ قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپ كېتىشى پۈتۈن ساھە دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق مەسىلە بولۇپ، ھازىر بار بولغان ياخشى تەجرىبىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس.» يەنئەن ئالما تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: شەنشىنىڭ ئالما پىششىقلاش زەنجىرى تولۇق، لېكىن قەنت تەركىبى يۇقىرى بولغان خام ماتېرىيال يېتەرلىك ئەمەس، ئىككى تەرەپ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلىساقلا، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلالايمىز.
چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە پەن تەتقىقاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، سۇپىنى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە دەسلەپكى ھەمكارلىق مۇددىئاسى ھاسىل قىلدى.
چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا، لى جيا يەنئەن ئالما تەتقىقات ئورنىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىللە ئولتۇردى. «سىلەرنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى ئۇسۇلۇڭلار ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىكەن، بىزنىڭ بەزى پىششىقلاش تېخنىكىلىرىمىزمۇ سىلەرگە ياردەم قىلالايدۇ، بىز رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، نەتىجىدىن ئورتاق بەھرىلەنسەك قانداق؟» چوكىنى قولىغا ئېلىپلا، ئۇ پاراڭ تېمىسىنى ھەمكارلىقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلىدى.
قارشى تەرەپ چوكىنى قويۇپ، بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن: «دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق. كېيىن بىز لايىھەنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باقايلى» دېدى.
«ھەقىقىي تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردۇق، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، بىللە ئالغا ئىلگىرىلەيلى» دېدى لى جيا.
چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، كوللېكتىپ يەنە كەسىپ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكتى. دۆلەت يەنئەن ئالما ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى بازىسىدا سورت تاللاپ يېتىشتۈرۈشنى كۆردى، لوچۇەن ئالما سىناق پونكىتىدا ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، شەنشى شىفېڭ ھارىقى تەتقىقات ئورنىدا مېۋە ھارىقىنىڭ ئېچىتىلىش پارامېتىرىنى كۆزەتتى، شۇ جايدىكى باشلامچى كارخانىدا ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھەربىر جايدا ئىنچىكىلىك بىلەن سورىدى، ئېسىدە چىڭ ساقلىۋالدى.
لوچۇەن ناھىيەسىدە، باۋ جۈنپېڭنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە تەسىراتى شۇ بولدىكى، بىر ناھىيەدىلا نەچچە ئون پىششىقلاش كارخانىسى، دۆلەت دەرىجىلىك باشلامچى كارخانىدىن بىر نەچچىسى بار ئىكەن. بۇ دەل ئاقسۇدىكى بىر چوڭ ئاغرىق نۇقتا: سۈپەتسىز ئالمىلارنى پىششىقلاش نىسبىتى %10كە يەتمىگەچكە، زور مىقداردىكى سۈپەتسىز ئالمىلار، كىچىك ئالمىلار ئەرزانلا سېتىلىدۇ ۋە ياكى باغدا سېسىپ كېتىدۇ.
«بىز ئاقسۇ ئالما كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە يولۇققان مەسىلىلەرگە ئاز - ئازدىن جاۋاب تاپتۇق» دېدى باۋ جۈنپېڭ.
نەچچە مىڭ چاقىرىم يولنى بېسىپ، يول بويى مېڭىپ، يول بويى سوراپ، يول بويى پاراڭلاشتى، كۆپچىلىكنىڭ يۈك - تاق ساندۇقلىرى ئىچىدىكى ئالما ئەۋرىشكىلىرىنىڭ يېنىدا ئۈستىلەپ قويۇلغان خاتىرە دەپتەرلەر، لايىھەلەر ۋە ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى كۆپەيدى.
تەجرىبە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شېرىن كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش
ئاقسۇنىڭ ئالما كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كېلىشىدە، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈچ مۇھىم ئىش بار: جياڭجۈن ۋاڭ جېن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، سورت كىرگۈزۈپ، كەسىپ چوغىنى قالدۇردى؛ ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەر كۆكيار روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، قۇم - بورانغا قارشى جەڭ قىلىپ مېۋىلىك باغلارنى كېڭەيتتى؛ 2010 - يىلى جېجياڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ ماركا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان قىزىل گېن لى جيا ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىنى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغاندا ھەمىشە تولۇپ تاشقان چوڭقۇر ھېسسىياتقا ئىگە قىلدى.
يېقىنقى ئىككى يىلدا، لى جيا كوللېكتىپنى باشلاپ 100دىن ئارتۇق ئۆستۈرۈش بازىسى ۋە پىششىقلاش كارخانىسىغا بېرىپ، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلدى: «بىڭتاڭشىن» ئالمىسى مېۋە شەربىتىنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى توققۇز ئايغا ئۇزارتىلدى؛ توڭلىتىپ قۇرۇتۇش تېخنىكىسى چۈرۈك ۋە تاتلىق تەمنى ساقلاپ قالدى؛ باغۋەنلەرنىڭ ئالمىسىنىڭ تاۋارلىشىش نىسبىتى %20تىن كۆپرەك ئاشتى، ئەلا سۈپەتلىك مېۋە نىسبىتى %86تىن كۆپرەككە يەتتى.
شەنشىدىن ئاقسۇغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، لى جيا ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى خۇڭچىپويۈەن ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ 400 مو كېلىدىغان ئالما ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تەجرىبە ئېتىزىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆگەنگەن ياخشى تەجرىبىلەرنى ئېتىز بېشىغا ئېلىپ بېرىپ سېلىشتۇردى.
«بۇ باغدا كەڭ قۇرلۇق پاكارلاشتۇرۇپ زىچ ئۆستۈرۈش ئەندىزىسى قوللىنىلغان بولۇپ، بىر مو يەرگە 111 تۈپ كۆچەت تىكىلگەن، دەرەخلەرنىڭ ئېگىزلىكى 3.5 مېتىر ئەتراپىدا تىزگىنلەنگەن.» شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى بى ۋېنجۈن ئالما دەرىخىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئىلگىرى كونا مېۋىلىك باغلاردا ئۆستۈرۈلگەن دەرەخلەردىن يەتتە - سەككىز يىلدا ئاندىن مول ھوسۇل ئالغىلى بولاتتى، ھازىرقى مۇشۇ ئەندىزىنى قوللانغاندا، 3 - يىلى مېۋىگە كىرىدۇ، 5 - يىلى مو بېشى ھوسۇلى ئۈچ توننىدىن ئاشىدۇ.»
لى جيا ئالما دەرىخىنىڭ يېنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ شاخلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزەتتى، «ئاقسۇدا ئادەم كۈچى قىممەت، پاكارلاشتۇرۇپ زىچ ئۆستۈرگەندە، بالدۇر مېۋىگە كىرگۈزگىلى، ھوسۇلنى ئاشۇرغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ماشىنىلاشتۇرۇشقا يول ئېچىپ، ئادەم كۈچى تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.»
يېڭى سورتنى سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈشمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. تەجرىبە ئېتىزىغا 12 خىل يېڭى ئالما سورتى تىكىلگەن بولۇپ، بالدۇر پىشار، ئارا پىشار، كېيىن پىشار ئالما سورتلىرى تاقاشتۇرۇلماي بازارغا سېلىنىپ، مال بىلەن تەمىنلەش مەزگىلى ئۇزارتىلدى. «يېڭى سورتنى ئېلىپ كېلىپلا تىككىلى بولمايدۇ. چىنسۈي ئالمىسىنىڭ شەنشىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان بىلەن، شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىنسە <قۇرۇپ قېلىش كېسىلى>گە تاقابىل تۇرالمايدۇ؛ رۇيشۆ، رۇيياڭ ئالمىسىدىن ئىبارەت بۇ سورتلارنىڭ بۇ جايدىكى ئۆسۈش ئەھۋالى خېلى ياخشى» دېدى بى ۋېنجۈن.
لى جيا توختىماي بېشىنى لىڭشىتىپ مۇنداق دېدى: «بىز كۆپ نۇقتىدا ئەگىشىپ ئەۋرىشكە ئېلىپ، ھەر يىلى قەنت تەركىبى، ئوزۇقلۇق تەركىبىنى ئۆلچەۋاتىمىز، يېڭى پېتى ئىستېمال قىلىش، پىششىقلاش ئىقتىدارىنىڭ ھەممىسىنى باھالاپ، ئاقسۇنىڭ سۇ - تۇپرىقىغا ھەقىقىي ماس كېلىدىغان سورتلارنى تاللايمىز.»
تەجرىبە ئېتىزىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، لى جيا يەنە ئابدۇقاھارنىڭ مېۋىلىك بېغىغا كەلدى.
ئۇنىڭ ئالما دەرىخى ئۆستۈرۈۋاتقىنىغا 20 يىل بولغان بولۇپ، ئىلگىرى پۈتۈنلەي كونا تەجرىبىسىگە تايىناتتى، ھوسۇلى، قەنت تەركىبىنىڭ قانداق بولۇشى تەبىئىي شارائىتقا باغلىق ئىدى، لى جيانىڭ كوللېكتىپى دائىم كېلىپ يېتەكچىلىك قىلغاندىن بۇيان، ئالما ئۆستۈرۈشى بارغانسېرى ئىلمىيلەشتى.
«لى باشقارما باشلىقى، بۇ قېتىم قانداق تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپ كەلدىڭىز؟» ئۇ كۆرۈشۈپلا شۇنداق سورىدى. لى جيا بىۋاسىتە ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە تەجرىبىلەرنى سۆزلەپ بەردى: «مېۋىنى شالاڭلىتىشقا قىيالىشىڭىز، ھەربىر تۈپ دەرەختىكى ئالمىنى 400دىن 500گىچە تىزگىنلىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭدا ھەم سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرەخ تۈپىنىڭ خورىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ ھەم كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، شامال ئۆتۈشتۈرگىلى، كۈن نۇرى چۈشۈرگىلى بولىدۇ.» ئابدۇقاھار بۇلارنى دەرھال يان تېلېفونىغا خاتىرىلىۋالدى.
تەجرىبە ئۆگىنىپ قايتىپ كەلگەن بۇ كۈنلەردە، لى جيا كوللېكتىپنى باشلاپ، پات - پات مېۋىلىك باغ ۋە كارخانىلارغا بېرىپ، تېخنىكا ئۇدۇللاشتۇرۇش، لايىھە تەڭشەشكە ياردەملەشتى. «دېھقانلار ۋە كارخانىلارنىڭ بەزى ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلالىدۇق، بۇ، بۇ قېتىمقى تەجرىبە ئۆگىنىشتىكى ئەڭ چوڭ ھاسىلاتىمىز» دېدى لى جيا.
يول بويى ھاسىل قىلىنغان ھەمكارلىق مۇددىئاسى قەدەممۇقەدەم ئەمەلىيلەشمەكتە: غەربىي شىمال داشۆسىنىڭ مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش تېخنىكىسى ئىشلىتىلدى، «بىڭتاڭشىن» ئالمىسى ناھايىتى تېزلا «كىملىك»كە ئىگە بولىدۇ؛ غەربىي شىمال دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق پەن - تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئۆلچەملەشكەن ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ئونسۇ ناھىيەسىدە نۇقتىدا سىناق قىلىندى، قۇرغاق رايونلار يېزا ئىگىلىكى شىنجاڭ تەتقىقات ئورنىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ شۆبە مەركىزىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئىشلىرىمۇ ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ؛ يەنئەننىڭ ئالما كەسپى تىجارەت تەجرىبىسى ئاقسۇنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسىگە ئايلاندۇرۇلۇۋاتىدۇ.
ھازىر، ئاقسۇ بەيشۇيجىچېڭ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسى تەتقىقات ئورنى جۇڭگو ئۆلچەم داشۆسى، غەربىي شىمال دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق پەن - تېخنىكا داشۆسى بىلەن بىرلىكتە ئالما ئۈزۈش ماشىنا ئادىمىنى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتىدۇ، سورت سىناق قىلىش پونكىتى قۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ئاۋۋال سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈپ ئاندىن ئومۇملاشتۇرىدۇ.
ئاقسۇ تۇپرىقىدا، ئالما كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانى ئەمەلىي مەنزىرە بولۇپ ئەمەلىيلەشمەكتە.
«ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا، يېڭى سورت، يېڭى تېخنىكا، يۇقىرى سۈپەتكە تايىنىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممەتنى ئاشۇرۇش كېرەك.» لى جيا مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتكەندىلا، ئالما كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.»






