تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى

− «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى»نى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش توغرىسىدا (1)

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي داۋلىسىنى چۈشىنىش، تارىخىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەش ئۈچۈن جەزمەن ئالدى بىلەن تارىخنى تەتقىق قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇلى سىجىل پۇختىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلق جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىۋاتقان پەيتتە، «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» رەسمىي نەشر قىلىنىپ، «تۈنۈگۈنكى شىنجاڭ»دىن «بۈگۈنكى شىنجاڭ»غىچە بولغان تەرەققىيات ئۆزگىرىش جانلىق بايان قىلىندى، بۈيۈك بىردەكلىككە ئىگە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغانلىقىدىن ئىبارەت شانلىق تارىخىي داستان ۋە كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىي مەنزىرىسى سىستېمىلىق نامايان قىلىندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش شانلىق مۇساپىسى چوڭقۇر بايان قىلىندى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىندى، بۇ، دۇنيانى «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو» «نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ»نىڭ تارىخىي لوگىكىسىنى يەنىمۇ ئىگىلەش ۋە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك». پەقەت ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزغاندىلا، ئاندىن ئومۇمىي يۈزلىنىش، تارىخ ئاساسىي تومۇرى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دۆلەت زېمىنى پارچىلىنىپ كەتسە بولمايدۇ، دۆلەت قالايمىقانلىشىپ كەتسە بولمايدۇ، مىللەت چېچىلىپ كەتسە بولمايدۇ، مەدەنىيلىك ئۈزۈلۈپ قالسا بولمايدۇ دېگەن ئورتاق ئېتىقادنى چىڭىتقىلى، جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.

شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەر «بۈيۈك بىردەكلىك» ئىدىيەسىنى باشتىن - ئاخىر ئۇلۇغلاپ، شىنجاڭ رايونىنى دۆلەتنىڭ بۈيۈك بىردەكلىك ئەندىزىسىگە قويۇپ ئىدارە قىلدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 60 - يىلى خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ، مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ شىنجاڭ رايونىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشىنىڭ تارىخىي مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. چىن، خەن سۇلالىلىرىنىڭ جاسارىتى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسى، كاڭشى، چيەنلۇڭ زامانىسىدىكى گۈللىنىش ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان شانلىق نەتىجە. گەرچە تارىختىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرى بەزىدە كۈچىيىپ، بەزىدە ئاجىزلاشقان، غەربىي يۇرت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەزىدە قويۇق، بەزىدە سۇس بولغان، مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ شىنجاڭ رايونىنى باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىشى بەزىدە چىڭ، بەزىدە بوش بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھەرقانداق بىر سۇلالىنىڭ ھەممىسى غەربىي يۇرتنى ئۆز زېمىنى دەپ قاراپ، شىنجاڭ رايونىغا قارىتا باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن. غەربىي يۇرتنىڭ ئەھۋالى مەيلى قانچىلىك مۇرەككەپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاخىرقى ھېسابتا ھەممىسى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرۇشىغا قاراپ ماڭغان، بۇ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتى. دۆلىتىمىز تارىخىدا شىنجاڭ ئەزەلدىن «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىپ باقمىغان، قانداقتۇر «شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى» تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. شىنجاڭ رايونىنىڭ باشتىن - ئاخىر دۆلىتىمىزنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت پاكىتتىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ.

جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ بىردەكلىكى دۆلەت بىرلىكىنىڭ مەڭگۈ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن، قۇدرەتلىك، بىرلىككە كەلگەن بىر دۆلەتنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەقدىرى بىلەن باغلانغانلىقىنى بەلگىلىگەن. تارىختا تۇرغۇت قەبىلىسىنىڭ تۈمەن چاقىرىم مۇساپىنى بېسىپ شەرققە قايتىپ كېلىشى، شىبەلەرنىڭ غەربكە كۆچۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەلبى جۇڭخۇاغا تەلپۈنىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك داستانىنى پۈتۈپ چىقتى. بۈگۈنكى كۈندە، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى ۋېي دېيوۋ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت چېگرا بىرىنچى سېپىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، چېگرا لىنىيەسىدىكى «تىرىك چېگرا تېشى»غا ئايلاندى؛ «خەلق نەمۇنىچىسى» بۇرماقان مولدو چوڭقۇر دۆلەت مۇھەببىتىنى بىر سىزىق - بىر سىزىقتىن «جۇڭگو تېشى»غا نەقىشلەپ چىقتى؛ «خەلق قوغدىغۇچىسى» بايەكە كەلدىبېك ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ چېگرانى قوغداپ، ھاياتى ئارقىلىق ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ تىنچ - خاتىرجەملىكىنى قوغدىدى... گەرچە دەۋر ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن روھ تومۇرداش، ئەۋلادمۇئەۋلاد چېگرا قوغدىغۇچىلار چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا تۆھپە قوشۇپ، بىر ئۆمۈر چىڭ تۇرۇپ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىماقتا، چوڭقۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئىزاھلىماقتا.

شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. يېڭى دەۋرگە كىرىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مەردانە قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلىمەكتە. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىللىق قوينىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق قىزغىن، سەمىمىي بولۇپ باققان ئەمەس، جۇڭگولۇق بولغانلىقىدىن چوڭقۇر پەخىرلەندى ۋە ئىپتىخارلاندى.

«مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم، ئەسلا ئايرىلالمايمەن ئۇنىڭدىن بىر دەقىقە...» تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تىنچ - خاتىرجەملىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى؛ دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ پۇختا ئاساسى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ تۈپ كاپالىتى. بۇ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو تارىخى، شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخىنى يەكۈنلەش ئارقىلىق چىقىرىلغان مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئاساسىي يەكۈن. يېڭى مۇساپىدە، بىز توغرا بولغان دۆلەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئىرادىسى ۋە ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى قەتئىي ئىشەنچكە ئايلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تېخىمۇ شانلىق سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.