9-ئايدىكى شىنجاڭ تۇپرىقىدا جانلىق كۈز مەنزىرىسى نامايان بولدى. كېۋەزلىكتە ماشىنىلار توختىماي ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ، بىر يىللىق مول ھوسۇل يىغىۋېلىندى؛ قۇرۇلۇش ئورنىدا كېچە-كۈندۈز ئىش توختىتىلماي، چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلاردا قۇرۇلۇش مۇددىتى چىڭ تۇتۇلدى. ھەر مىللەت ئامما بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىككى بايرامنى بىرلىكتە خۇشال كۈتۈۋېلىپ، قەلبداشلىق توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتى. مۇسابىقە مەيدانى ھاياتىي كۈچكە تولدى، كۆرگەزمە يىغىنىغا ئىجادىيەتلەر مۇجەسسەملەندى، كۈرەش قىلىش سىيماسى ئىللىق تۇرمۇش ھىدى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، ھەممە يەردە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى.
يېڭى پاختا يىغىش
9-ئاينىڭ 26-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ دافېڭ بازىرى ليەنفېڭ كەنتىدە، پاختا يىغىش ماشىنىسى كېۋەزلىكتە ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈپ پاختا يىغماقتا. ھازىر، بۇ ناھىيەدە پاختىلار ئارقا-ئارقىدىن يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىردى، شۇ جايدىكى پاختىكارلار ھاۋانىڭ ئوچۇق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ماشىنىلاشقان مەشغۇلاتنى ئالغا سىلجىتىپ، پاختا يىغىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پاختىنىڭ ئامبارغا تولۇق كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
قەلبداش ئانار دانىلىرى
9-ئاينىڭ 21-كۈنى، تۇنجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەشۋىقات ھەپتىلىكىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باشلىنىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەشۋىقات ھەپتىلىكى بولۇپ، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. سۈرەتتە: ئارتىسلار ئىجادىي شىچۈ تىياتىرى ئېيتىشىشى «نەشپۈتلۈكتىكى يېڭى ناخشا»نى ئورۇنلىماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
ۋەتەنگە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەش
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاھالىلەر ۋەتەنگە بولغان گۈزەل تىلەكلىرىنى يازماقتا. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى نەنۋەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى جۇڭخۇەن يولى جەنۇبىي مەھەللىسىدە «جۇڭچيۇ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، ھەر مىللەت كادىر، ئامما بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە پانۇس تېپىشمىقى تېپىپ، پانۇس ياساپ، جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمىدىن ئىبارەت قوش بايرامنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى خۇشال كۈتۈۋالدى.
سۈن جېنسۇڭ فوتوسى
كاتتا بايرامنى خۇشال كۈتۈۋېلىش
9-ئاينىڭ 24-كۈنى، يوپۇرغا ناھىيەلىك ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئامما بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى خۇشال كۈتۈۋالدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
توختىماي جىددى ئىشلەش
9-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەردە، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى بولغان جياڭجۈنمياۋ-نوم تۆمۈريولىنىڭ 2-لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشىدىكى ۋاڭياڭتەي ۋوگزالىنى ئۆزگەرتىش تۈرى ئەڭ ئاخىرقى كۈچەش باسقۇچىغا كىردى. مۆلچەرلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆزگەرتىش تاماملانغاندىن كېيىن، 10 مىڭ توننىلىق ئېغىر يۈك پويىزنىڭ يول بېرىش ۋە يول يۈرۈش ئىقتىدارى ھازىرلىنىپ، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش شىمالىي قانات يولىنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلىدىكەن.
گو زىيى فوتوسى
كۈچ توپلاپ قۇراشتۇرۇش
9-ئاينىڭ 24-كۈنى، تېخنىك خادىم دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنيۈەن شىنجاڭ قومۇل سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئاساسىي زاۋۇت ئۆيىدە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ زاپچاسلىرىنى قۇراشتۇرماقتا. يېقىندا شىنجاڭ قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى تىيانشان يېزىسىغا جايلاشقان دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنيۈەن شىنجاڭ قومۇل سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى، 1000دىن ئارتۇق قۇرۇلۇشچى بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 2028-يىلى ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىشىگە پۇختا ئاساس سالدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
مەدەنىيەت كەسپى كۆرگەزمىسىدە ماھارەت كۆرسىتىش
9-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر مەدەنىيەت كەسپى كۆرگەزمە سودا يىغىنىنىڭ شېنجېن كۆرگەزمە رايونىدا ماشىنا ئادەم ئورۇنلىغان ئۇسسۇلنى كۆرمەكتە. شۇ كۈنى، «يۇمىلاق ئاي يىپەك يولىنى يورۇتتى. مەدەنىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمىسى قەشقەرنى گۈللەندۈرى» باش تېمىسىدىكى 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر مەدەنىيەت كەسپى كۆرگەزمە سودا يىغىنى قەشقەر خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. كۆرگەزمە ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 230دىن ئارتۇق كارخانا، 500دىن ئارتۇق سودىگەر كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىندى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
توپ ئېلىپ مېڭىش
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، شەندۇڭ تەيشەن پۇتبول مەكتىپى كوماندىسى (قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك توپ كىيىم) بىلەن قىرغىزىستان دوردوي كوماندىسى (كۆك رەڭلىك توپ كىيىم)نىڭ باشلىنىش مۇسابىقىسىدە، ماھىر توپ ئېلىپ مېڭىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تىركەشمەكتە. شۇ كۈنى، 3-نۆۋەتلىك «قەشقەر لوڭقىسى» خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى يوپۇغا ناھىيەلىك تەنتەربىيە پائالىيەت مەركىزىدە باشلاندى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 12 ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى، 400دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى قاتناشتى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






