تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مەخسۇس زىيارىتى: دىسكا ئېتىشقا «تاللانغان» شىنجاڭلىق يىگىت ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئالدى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇزەپپەر مۇخپۇل، لى يۈ

   ئايلىنىپ كۈچ يىغىش، بۇرۇلۇپ كۈچ چىقىرىش، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېتىش! ئىككى كىلوگىراملىق دىسكا بوشلۇقنى يېرىپ ئېتىلدى، ئەيجى. مىڭگۇۋۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر دىسكا ئېتىش مۇسابىقە مەيدانىدا بىر دىسكا پارابولا سىزىقىنى بويلاپ يەرگە چۈشتى. 64 مېتىر 26 سانتىمېتىر! 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭلىق يىگىت ئابدۇغېنى تۇرغۇن بۇ ھالقىلىق ئېتىش ئارقىلىق، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر دىسكا ئېتىش تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ 24 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم بۇ تۈردىكى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشىغا ياردەم بەردى.

   شان-شەرەپنىڭ يۇقىرى پەيتتىدىن باشقا، مۇسابىقە مەيدانىغا تۇنجى قەدەم قويغاندىكى مەغلۇبىيەت، كۈچ چېكىنى سىناشقا بولغان چىداملىق، يارىلىنىشتىن كەلگەندىكى ئازاب، يەنە ئۇنىڭ قەلبىدە قايناق غايە بار. 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئابدۇغېنى تۇرغۇن ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ دىسكا تەرىپىدىن «تاللانغان» كىشىلىك ھاياتىنى تەسىرلىك سۈرەتلەپ بەردى.

ئابدۇغېنى تۇرغۇن مەشىق قىلماقتا. سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن

   تاشنى ئاتالايمەن، دىسكا دېگەن نېمە؟

   «بويۇڭ ئېگىز ئىكەن، تەنھەرىكەتچى بولامسەن؟» ئۆسمۈر ئابدۇغېنىنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا شۇنداق دېگەنىدى. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ نېمىنى مەشىق قىلىشى كېرەكلىكىنى، قانداق قىلغاندا تەنھەرىكەتچى بولالايدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى.

    قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ تىرېنېرى ئوبۇلقاسىم باراتنىڭ مەكتەپكە ئادەم تاللىغىلى كەلگەن كۈنى تەقدىرنىڭ بۇرۇلۇشى بولدى. تىرېنېر بىر قاراپلا كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى قەددى-قامەتلىك بۇ ئۆسمۈرنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، ئۇنىڭغا تاشنى ئېلىپ ئېتىپ بېقىشنى ئېيتتى. «مەن كىچىكىمدىن تاش ئېتىپ ئويناپ چوڭ بولغان، بىر ئاتسام بەك يىراققا چۈشەتتى.» ئابدۇغېنى ئەسلەپ شۇنداق دېدى.

   شۇنداق قىلىپ، ئۇ دىسكا بىلەن باغلىنىپ، ئۆزىنىڭ دىسكا ئېتىش ھاياتىنى باشلىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇ ھەتتا دېسكىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىمۇ كۆردى، يۈگۈرۈش، سۇغا سەكرەش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قاتارلىق تۈرلەرنىمۇ كۆردى، «دىسكا ئېتىش تۈرىنىمۇ كۆرگەن بولۇشۇم مۇمكىن، لېكىن مەن بۇ نەرسىنى بىلمەيمەن.»

ئابدۇغېنى تۇرغۇن مەشىق قىلماقتا. سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن

   «مېنىڭچە دىسكا مېنى <تاللىدى>. دېسكىنى قولۇمغا ئالساملا قول سېزىمىم ناھايىتى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.» ئابدۇغېنى سەل كۆرەڭلىگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «تىرېنېر سۆزلىگەن تېخنىكىنى مەن ناھايىتى تېزلا ئىگىلىۋالدىم.»

   لېكىن ئۇ تۇنجى قېتىم رەسمىي مۇسابىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن يىغلاپ كەتتى، ھەم كۆڭلى بەك يېرىم بولدى. «يېڭى ئۆگەنگەندە دىسكا چەمبىرىكى يوق ئىدى، بىز تۈز يەردە ئايلىناتتۇق. مۇسابىقە مەيدانىغا چىقسام، چەمبىرەك ناھايىتى تېيىلغاق بولۇپ كېتىپتۇ، ئايلانغاندىكى تۇيغۇ ئادەتتىكى مەشىق بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىماي قالدى.» ئۇ مۇنداق دېدى: كۈندىلىك مەشىق قىلغان سەۋىيەمنى جارى قىلدۇرالماي، پەقەت 33 مېتىرغا ئېتىپ، ئاخىرىدا 9-بولدۇم، «مەن شۇ چاغدا بەك خىجىل بولدۇم، تىرېنېرغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم.»

   شۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر دەرس بولدى. ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، تۇغما تالانتى ۋە تىرىشچانلىقى ئۇنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى، كۆز ياشلىرى تېلېفون ئېكرانىدىكى ئاپىسىنىڭ يۈزىگە چۈشتى، ئۇ تېلېفوندا ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى ئەمدىلا ئالغان ئوغلىغا قاراپ: «سىز بەك قالتىس، مەن سىزدىن پەخىرلىنىمەن» دېدى.

   چېمپىيونلۇق نۆۋىتى نېمىشقا سىزگە كېلىدۇ؟

   يازدا قۇياش ئوتتەك قىزىپ كەتكەندە، بىر-ئىككى مىنۇتتىلا دىسكا قولنى كۆيدۈرگۈدەك قىزىپ كېتىدۇ. «ئامال يوق، چىدىمىسام بولمايدۇ.» ئابدۇغېنى بۇ گەپنى قىلغاندا ناھايىتى يېنىكلەپ قالدى، ئۇنىڭ ئارقىسىدا يازدىكى دىسكا ئېتىش مەشىقىدىنمۇ بەكرەك «قىزىق» مەشىق مىقدارى بار ئىدى.

   «ئەگەر مەشىق مىقدارىنى ئادەتتىكى كىشىلەر كۆتۈرەلىسە، ئۇنداقتا چېمپىيونلۇق نۆۋىتى نېمىشقا سىزگە كېلىدۇ؟» ئاكتىپ تىرىشىپ مەشىق قىلىش ئىشىدا، ئابدۇغېنى ھەر قانداق ئادەمدىن سەگەك ئىدى، «تىرېنېر، ئاز مەشىق قىلسىڭىزمۇ مەيلى دېدى. مەن بولمايدۇ، ھەر قانچە ھېرىپ كەتسەممۇ ئالدى بىلەن بۈگۈنكى مەشىق ۋەزىپەمنى تاماملىشىم كېرەك. چۈنكى مۇسابىقىدە پەقەت بىرلا چېمپىيون بار دېدىم.»

   تىرېنېر نۇرمەمەت تۇراقنىڭ قارىشىچە، ماھىر تاللاشتا ئالدى بىلەن بوي ئېگىزلىكى، پارتلاش كۈچى قاتارلىق بەدەن ساپاسىغا قاراش، شۇنداقلا تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تېخنىكىغا بولغان ئىدراكىغا قاراش كېرەك، تۇغما تالانتتىنمۇ قىممەتلىك بولغىنى ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش. ئابدۇغېنىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى چىدامچانلىق ئوخشاشلا نۇرمەمەتنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى: «مەيلى مەشىق قانچىلىك جاپالىق بولسۇن، نەتىجىسى قانداق بولسۇن، ئۇ ئەزەلدىن ھۇرۇنلۇق، بوشاڭلىق قىلمىدى، ئەزەلدىن ھارغىنلىق سەۋەبىدىن خالىغانچە رۇخسەت سورىمىدى. ئۇ ياش تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ياخشى ئۈلگىسى.»

ئابدۇغېنى تۇرغۇن مەشىق قىلماقتا. سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن

   ئابدۇغېنىنىڭ بۇ تەلەپچانلىقى يەنە ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇشتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. 2022-يىلى ئۇ ئاران 110 كىلوگىرام كېلەتتى، ئېتىش تەنھەرىكەتچىلىرى ئىچىدە ئورۇق ھېسابلىناتتى، ھازىر 140 كىلوگىرامغا يەتتى. «مەن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتىمەن. چەت ئەللىك ماھىر 170 كىلوگىرام، مەن 110 كىلوگىرام، 60 كىلوگىرام كەم ئىكەنمەن. ئىككى كىلوگىراملىق دېسكىنى ئېتىشتا، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.» ئابدۇغېنى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «باشقىلار تاماق يەپ بولۇپ كەتتى، مەن يەنە داۋاملىق يەۋاتىمەن. باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئورۇقلاۋاتىدۇ، مەن مۇسابىقە ئۈچۈن بەرداشلىق بېرىۋاتىمەن.» ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەل بەدەن شەكلىنى قوغلاشمايدىغانلىقىنى، ياش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ كۆپرەك تىرىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرىدىغانلىقىنى، كوماندىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئورۇقلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

   بىر ئېغىز گەپ بىلەن ھەيران قالدۇرۇش، بىر ئېتىش بىلەن ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈش

   «ئۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تىپقا تەۋە − ئادەتتە ناھايىتى جىمغۇر، لېكىن ئېغىز ئاچسىلا بەك قىزىقارلىق گەپ قىلىدۇ.» نۇرمەمەتنىڭ تىرېنېر ئۇنىڭغا مۇنداق باھا بەردى.

   ئادەتتە كۆپچىلىكنى كۈلدۈرەلەيدىغان ئابدۇغېنى بۇلتۇرقى مۇسابىقىنى تىلغا ئالغاندا، كۈلكىسىنى باسالماي قالدى. بۇلتۇر مۇسابىقە مەزگىلىدە، ئۇنىڭ بېغىشى يارىلىنىپ، ئوڭ قولىدا بىر نەرسە ئالالمىدى. ھېلىمۇ ياخشى مەن سولخاي، سول قولۇم بىلەن ئاتالايمەن. دوختۇر ماڭا دورا بەردى، نەتىجىدە قول بېغىشىم ساقايمىدى، ئەكسىچە قولۇم رېئاكسىيە قىلىپ ئىششىپ كەتتى.» ئۇ قولىنى سوزۇپ كۆرسىتىپ قويدى، «ئۇ چاغدا بەك ئېچىنىشلىق بولدى، چۈنكى ۋاقىت بولمىغاچقا، ئارام ئېلىشقا ئامالسىز قالدىم. نېمە ئۈچۈن مۇسابىقە يېقىنلاشقاندا بۇنداق ئەھۋال يۈزبېرىدۇ؟ دەپ ئويلىدىم.»

   ھېچكىم ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرەلمىدى، ئۇ پەقەت رېئاكسىيە قىلغان قولى بىلەن مەشىقنى داۋاملاشتۇردى. بۇ قېتىمقى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى ياخشىلاندى. مۇسابىقىدىن بۇرۇن بەدەن قىزىتتىم، مەن سىرتتا 66 مېتىردىن كۆپرەككە دىسكا ئاتتىم، مەيدانغا كىرگەندىن كېيىن بىر ئاز ساقلىغاندىن كېيىن، بەدەن تېمپېراتۇرىم تۆۋەنلەپ، ھاياجانلىنىش دەرىجىسىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى، ئالدىنقى ئىككى دىسكا ئېتىش نەتىجەم كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، لېكىن ئۈچىنچى دىسكا ئېتىش ھالىتىم بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، 64 مېتىردىن كۆپرەك نەتىجە بىلەن ئاخىرى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتىم.» ئابدۇغېنى مۇنداق دېدى.

   ئابدۇغېنى دۆلەت كوماندىسىدا كۆپ يىل مەشىق قىلىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن ئېتىش ماھىرلىرى بىلەن دوست بولدى، شەندۇڭ كوماندىسىدىكى سۈن شىچېن شۇلارنىڭ بىرى. ئۇلار مۇسابىقە مەيدانىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن بەسلىشىدىغان رەقىبلەر، مۇسابىقىدىن چۈشكەندىن كېيىن بىر-بىرىنى قەدىرلەيدىغان دوستلار. چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن كۈنى كەچتە، سۈن شىچېن ۋە بىرگە ئارىلىشىدىغان يېقىن بىر دوستىنىڭ خەۋىرى بىرىنچى بولۇپ يېتىپ كەلدى، ھەممەيلەن جەم بولۇپ: «سىز قىلالىدىڭىز مۇبارەك بولسۇن» دېدى.

   ئەمما ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بۇ ئالتۇن مېدالى ئابدۇغېنىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئەمەس. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ماڭا زور ئىشەنچ ئاتا قىلدى. «مەن چوقۇم داۋاملىق بۆسۈش ھاسىل قىلىمەن.» كەلگۈسى توغرىسىدا توختالغاندا، ئابدۇغېنىنىڭ كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى. جۇڭگو ئەرلەر دىسكا ئېتىش تۈرىدە ھازىرغىچە تەنھەرىكەتچىلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىگە چىقىپ باقمىغانىدى، بۇ ئۇنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغلىشىدىغان ئارزۇسى. ھازىر ئابدۇغېنىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 67 مېتىر 29 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ نىشانى 70 مېتىرلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئىكەن.

   بۇ قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئابدۇغېنىنىڭ ئەسلىدىنلا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان دەم ئېلىش ۋاقتى ئاللىقاچان توشۇپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەمدى بەزى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىمەن، مېنىڭ يۇرتۇم ئۈچۈن كۆپرەك ئىش قىلىپ بەرگۈم بار». ئۇ يول بويى ئۆزىگە ھەمراھ بولغان ئەگەشكۈچىلىرىگە تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ قوللىغانلىقى ۋە رىغبەتلەندۈرگەنلىكىگە رەھمەت. بۇ يالغۇز مېنىڭلا تۆھپەم ئەمەس، مەن يالغۇز تىرىشىۋاتمايمەن ئەمەس. ئارقامدىن مېنى ئۈن-تىنسىز قوللاۋاتقانلار مېنىڭ ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچۈم.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 玛丽亚·玉努斯

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.