9-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق گۇڭئەن ئىدارىسى ئاقىل رازۋېدكا مەركىزى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ، دەل جايىدا ئالدىن سىگنال بېرىپ، تېز بىرتەرەپ قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان، ئاتا-ئانىلارنى ھېسابات يۆتكەشكە قىزىقتۇرىدىغان ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىش تۈرىدىكى تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نەسىھەت بىلەن توسۇپ قېلىپ، ئاممىنى 1 مىليون 132 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قالدى.
شۇ كۈنى، ئىلى ئوبلاستلىق ئاقىل رازۋېدكا مەركىزى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىگە ئالدىن سىگنال يوللاپ، چاپچال بازىرى دىڭشياڭيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالە ۋاڭX نىڭ تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، كۆپ سوممىلىق مەبلىغىنىڭ ئالدىنىپ كېتىش خەۋپى بارلىقىنى ئەسكەرتتى. ئالدىن سىگنالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىدىكى خەلق ساقچىلىرى تېزدىن جىددىي نەسىھەت قىلىپ توسۇش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، ۋاڭX بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ نەسىھەت قىلىپ توسۇشنى قانات يايدۇردى. ئاممىنىڭ مەبلەغ بىخەتەرلىكىنى ئەڭ زور چەكتە قوغداش ئۈچۈن، خەلق ساقچىلىرى دەرھال ۋاڭX نىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسى، دېلوغا چېتىشلىق ۋېيشىن پۇل ئېلىش ھېسابات نومۇرىغا قارىتا قوغداش خاراكتېرلىك چىقىم قىلىشنى توختىتىش تەدبىرى قوللىنىپ، ماس قەدەمدە ۋېيشىن ھېسابات تالونى سودا تالون نومۇرىغا تايىنىپ، دېلوغا چېتىشلىق 19مىڭ 999 يۈەن ھېسابات يۆتكەش مەبلىغىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالداپ كېتىلگەن پۇلنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قايتۇرۇۋالدى.
خەلق ساقچىسىنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋەقە يۈزبەرگەن كۈنى، ۋاڭX نىڭ ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن قىزى تىڭ تىڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئۆيىدە يالغۇز دوۋيىندا سىن كۆرۈۋاتقاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن ناتونۇش سىن ئۇلانمىسىنى چېكىۋىتىپ قالغان، يان تېلېفونغا ئاپتوماتىك ھالدا مەلۇم APP قاچىلانغان. تىڭ تىڭ پىروگراممىدىن چېكىنىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ نەتىجىسىز بولغاندىن كېيىن، ئەپ يۈزىنى تاسادىپىي ئېچىپ قويغان، ئارقىدىن يان تېلېفوننىڭ ئېكرانى قىسقا ۋاقىت قارىداپ كەتكەن، نورمال ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ناتونۇش كىشىنىڭ APP دىكى ئايرىم خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان.
قارشى تەرەپ گۇڭئەن خەلق ساقچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، دېلو بېجىرىش نامىدىن پايدىلىنىپ تىڭ تىڭنىڭ يېشى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىز-دېرىكى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سىرتقا سەيلە قىلغىلى چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆيىدە ئادەم يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تىڭ تىڭنىڭ ئاپىسى ۋاڭXنى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتكە چېتىشلىق دەپ يالغان ئېيتىپ، بالىسىدىن «توردا تەكشۈرۈش»كە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتقاندا، ۋاڭX نىڭ يان تېلېفونىدا ناتونۇش ئىككىلىك كودنى ساۋما قىلىپ، قىسقا ئۇچۇر دەلىللەش كودى بىلەن تەمىنلەش كېرەكلىكى توغرىسىدا مەجبۇرلىغان، ئەگەر ماسلاشمىسا ۋاڭX نى تۇتىمىز دەپ جار سالغان.
كىچىك بولغانلىقى ۋە قورققانلىقى ئۈچۈن، تىڭ تىڭ ئانىسىنىڭ «تۇتۇلۇپ قېلىشى»دىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسى ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ ۋاڭX نىڭ يان تېلېفونىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۆز مەيلىچە ئىككىلىك كودنى ساۋما قىلىپ ھېسابات يۆتكەش مەشغۇلاتىنى تاماملىغان. قىسقىغىنا بەش مىنۇتتا، ۋاڭX يان تېلېفونىدا 19مىڭ 999 يۈەن ئېنىق بولمىغان ھېسابات يۆتكەش خاتىرىسى بارلىقىنى بايقىغان، ھالبۇكى، بۇ چاغدا ئالدامچى ئۇنسۇرلار يەنىلا بالىنى داۋاملىق ھېسابات يۆتكەشنى كۆپەيتىشكە قىزىقتۇرۇۋاتقان، بەختكە يارىشا ئالدامچىلىققا قارشى خەلق ساقچىسى ۋاقتىدا ئارىلىشىپ، كېيىنكى ھېسابات يۆتكەش مەشغۇلاتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ، ۋاڭX نىڭ 1 مىليون 132 مىڭ يۈەن ئامانەت پۇلىنى ساقلاپ قالغان.
زىياننى توختىتىش بىلەن بىللە، دېلو بېجىرگەن خەلق ساقچىلىرى دېلوغا چېتىشلىق ۋېيشىن پۇل تاپشۇرۇۋېلىش ھېسابات نومۇرىنىڭ ئائىلە باشلىقى ئۇچۇرىنى دەل جايىدا بېكىتىپ، قانۇن بويىچە ئۇنىڭ ھېساباتىغا قوبۇل قىلىنىدىغان مەبلەغنىڭ تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق زاڭ پۇل ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچى تەشەببۇسكارلىق بىلەن 19مىڭ 999 يۈەن دېلوغا چېتىشلىق مەبلەغنىڭ تولۇق سوممىسىنى ئەسلىدىكى يول بويىچە قايتۇرۇپ بەردى.
ئالدىنىپ كېتىش خەۋپىنى توسۇش ئۈچۈن، خەلق ساقچىسى نەق مەيداندا ۋاڭX نىڭ ۋېيشىن، جىفۇباۋغا باغلانغان بانكا كارتا ھېسابات نومۇرى مەخپىي نومۇرى، چىقىم مەخپىي نومۇرىغا بىر-بىرلەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، گۇمانلىق ھېسابات نومۇرىنى باغلاشنى بىكار قىلدى.
خەلق ساقچىلىرى يەنە، دۆلەت خادىملىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا تور ئالدامچىلىقىدىكى دائىم كۆرۈلىدىغان توزاق قۇرۇش، دېلو سادىر قىلىش ئۇسۇلى ھەم پەرقلەندۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش ماھارەتلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، ئاتا-ئانىلارغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ يان تېلېفون ئىشلىتىشىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى ئەسكەرتتى.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






