تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بۈگۈندىن باشلاپ رەسمىي قاتناش باشلاندى

   9-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۆلىتىمىزدىكى كەڭلىك گىرادۇسى ئەڭ يۇقىرى بولغان گاۋتيې − خاربىن-يىچۇن گاۋتيېسىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى. كىچىك ھىنگان تېغىدىكى بىپايان ئورمانلىقنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئېگىزلىكتىكى قاتتىق سوغۇق بولىدىغان توڭ تۇپراق بەلبېغىدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان بۇ «غايەت زور پولات لۇڭ» دۆلىتىمىزنىڭ گاۋتيې خەرىتىسىنى شىمالغا يەنىمۇ كېڭەيتتى.

   خاربىن-يىچۇن گاۋتيېسى دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ شىمال تەرىپىدىكى گاۋتيې بولۇپ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 318 كىلومېتىر، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 250 كىلومېتىر. پۈتۈن لىنىيەدە خاربىن، خاربىن شىمالى، كۆكخوت-لەنجوۋ شىمالى، شىڭلۇڭ بازىرى غەربى، سۈيخۇا جەنۇبى، چىڭئەن جەنۇبى، تيېلى، رىيۆشيا، يىچۇن غەربىدىن ئىبارەت توققۇز ۋوگزال تەسىس قىلىنغان، خاربىن ۋوگزالى، خاربىن شىمالىي ۋوگزالى ھازىر بار بولغان ۋوگزال، تيېلى ۋوگزالى ھازىر بار بولغان ۋوگزالنى ئۆزگەرتىپ ياسىغان ۋوگزال، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن ياسالغان ۋوگزال بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يىچۇن غەربىي ۋوگزالى دۆلىتىمىزدىكى نۆۋەتتە ياسالغان كەڭلىك گىرادۇسى ئەڭ يۇقىرى بولغان تۆمۈريول ۋوگزالى ھېسابلىنىدۇ.

   خاربىن-يىچۇن گاۋتيېسىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، خاربىندىن يىچۇنگە بېرىش ۋاقتى ئىككى سائەت ئەتراپىدا قىسقىرايدۇ، خاربىندىن تيېلىغا ئەڭ تېز بولغاندا بىر سائەت 14 مىنۇتتا بارغىلى بولىدۇ، خاربىندىن سۈيخۇاغا بېرىش تېخىمۇ تېز بولۇپ، 42 مىنۇتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

   خاربىن-يىچۇن گاۋتيېسى پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، سۈيخۇا، يىچۇن قاتارلىق ۋىلايەت، شەھەرلەر گاۋتيې دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ گاۋتيې تورى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خاربىننى مەركەز قىلغان ئىككى سائەتلىك قاتناش چەمبىرىكىنى كېڭەيتىدۇ، بۇ، لىنىيە بويىدىكى ساياھەت ۋە ئېكولوگىيە بايلىقىنى ئېچىش، رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.​

«新疆949交通广播» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 玛丽亚·玉努斯

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.