تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

سۈرەتتىكى شىنجاڭ | بوغدا كۆلى — زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇغا تىيانشاننىڭ تۆت پەسلى مۇجەسسەملەنگەن

 شەرقىي تىيانشاندىكى بوغدا چوققىسىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بوغدا كۆلى خۇددى سۈزۈك يېشىل ياقۇتقا ئوخشايدۇ، قارلىق چوققىلار ۋە ئورمانلار ئۇنى ئوراپ تۇرىدۇ. يىراق-يېقىنغا داڭلىق بوغدا كۆلىنىڭ زۇمرەتتەك سۈيى تۆتىنچى دەۋر مۇزلۇقى ھەدىيە قىلغان گېئولوگىيەلىك گۆھەر— ئاخىرقى مۇز دۆمبەلنىڭ ئويمانلىقتىكى توختام سۈيى بولۇپ، مۇزلۇقنىڭ چىرىتىشى بىلەن مۇزلۇق لاتقا قوشۇلۇپ بىرلىكتە بۇ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن.

تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى چيەنلۇڭيۈەن مۇز شارقىراتمىسى. سۈن گوفۇ فوتوسى

تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا باھار كىلىپ كۆل يۈزى ئېرىپ ئېچىلدى.  خې لۇڭ فوتوسى

   تىيانشان بوغدا كۆلىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1910 مېتىر بولۇپ، تار ھەم ئۇزۇن قاپاق شەكىلدە، سۈيى زۇمرەتتەك سۈزۈك بولۇپ، كۆرۈش ئارىلىقى 8 مېتىردىن 10 مېتىرغىچە كېلىدۇ، ئۇ مۇزلۇقلاردىن ئېرىگەن سۇ بىلەن تاغ ئارىسىدىكى ھۆل-يېغىننىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، شاۋقۇن-سۈرەندىن يىراق. قىرغاقتا، تىيانشان شەمشادى تاغنى بويلاپ ئۆسكەن بولۇپ، ياپيېشىل ئورمانلىقنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ دەل تىيانشان تېغىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان تاغلىق رايون سوغۇق مۆتىدىل تىپىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان بولۇپ، يىلپىز، قىزىل بۇغا قاتارلىق جانلىقلار ئۈچۈن خىلۋەت ماكان بەرپا قىلغان.

 تومۇز ياز كۈنلىرىدىكى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى. خې لۇڭ فوتوسى

 تومۇز ياز كۈنلىرىدىكى تىيانشان بوغدا كۆلىنىڭ مەنزىرىسى. سەي زېڭلې فوتوسى

   تاڭ شەپىقى يېڭى كۆتۈرۈلگەندە، قارلىق چوققىلارنىڭ شولىسى كۆلدە ئەكس ئېتىدۇ. شامال سىيپاپ ئۆتكەن جايدا مەيىن دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، بۇ جايدىكى تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى خۇددى كۆچمە ماي بوياق رەسىمىگە ئوخشاپ قالىدۇ؛ چىڭقى چۈش مەزگىلىدە، قۇياش نۇرى كۆل يۈزىگە چۈشۈپ، خۇددى ئالتۇن كەبى چاقنىغاندەك كۆرۈنىدۇ، كۆل سۈيى قۇياش نۇرىدا ھەرخىل ئۆزگىرىپ، سۇس يېشىل رەڭدىن قېنىق كۆك رەڭگە كىرىپ، ئېگىز تاغدىكى كۆلنىڭ ھاياتىي كۈچىنى جىلۋىلەندۈرىدۇ؛ گۇگۇم بولغاندا، بوغدا چوققىسى ئالتۇن رەڭ لىباس كىيىپ، كۆل يۈزىدە جىمجىتلىق نامايان بولىدۇ، پەقەت قارىغايلار شامالغا جور بولۇپ مۇڭلۇق كۈينى ئورۇنلاپ، يىللارغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ.

تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ كۈز مەنزىرىسى. خې لۇڭ فوتوسى

كۈز كۈنلىرىدە تىيانشان بوغدا كۆلىدە زۇمرەتتەك كۆلنى قارلىق چوققىلار ئوراپ تۇرىدۇ، تاغدىكى ئورمانلار سۇس سېرىق رەڭگە كىرىدۇ.  دۇرسبېك زەكىن فوتوسى

بۇ زۇمرەتتەك سۇ يىللارنىڭ گۈزەللىكىنى ساقلاپ، تىيانشان تېغىنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

قۇياش نۇرى تىيانشان بوغدا كۆلىگە چۈشۈپ، زۇمرەتتەك سۈپسۈزۈك سۇ تاغ جىلغىسىدا جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. خې لۇڭ فوتوسى

تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى قار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، قارلىق چوققىلار يېرىم مۇز تۇتقان كۆل سۈيىنى ئوراپ تۇرىدۇ.   تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

   قىش كۈنلىرى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا دەل-دەرەخلەر قار بىلەن قاپلانغان، كۆل يۈزىنى مۇز تۇتقان بولۇپ، يىراقتىكى تاغ جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.  سۈن گوفۇ فوتوسى

تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ كېچە ئاسمىنى.   ياڭ چاۋ فوتوسى

«视觉新疆» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.