
شىنجاڭدىكى كىشىلەرنىڭ تۆت پەسلىگە ھەرخىل تەم مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىر قىسمى لاپىزىنىڭ ئاچچىق تەمىگە يوشۇرۇنغان. كۈز كەلگەندە، ئاپتاپتا يېڭى قۇرۇتۇلغان لاپىزا تاماق ئۈستىلىدىكى «ئەڭ يېيىشلىك يېمەكلىك»كە ئايلىنىدۇ.
كۆپچىلىككە تونۇش بولغان داپەنجى، چاۋمىفىندىكى كۈچلۈك تەمگە ئوخشىمايدىغىنى، بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدىكى لاپىزا قوشۇپ ئېتىدىغان مەززىلىك تائاملار يېڭى مودا ياراتتى ھەم ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولدى. يېمەكلىك ساھەسىدىكى «پېشقەدەم تەم كىرگۈزۈش ئۇستىلىرى» لاپىزىنى خەنباۋ، نان، بولكا قاتارلىق مەززىلىك تائاملار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىچە مەززىلىك تائاملارنى مەيدانغا كەلتۈردى.
مۇھەررىر شىنجاڭدىكى لاپىزا ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىلغان بەش خىل مەززىلىك تائامنى تېپىپ چىقتى، ھەر بىرى پەقەت شىنجاڭدا يېگىلى بولىدىغان ئۆزگىچە تەم ھېسابلىنىدۇ، تۆۋەندە ئاچچىق تەمنى يېڭىچە يېيىش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن كۆپچىلىككە شىنجاڭ لاپىزىسىنى تونۇشتۇرۇپ چىقاي.
شىنجاڭ لاپىزىسىنىڭ تۈرى كۆپ، ھەر قايسىسى ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئوخشىمىغان جايدىن چىققان لاپىزا تەم ۋە پۇراق جەھەتتە ئازراق پەرقلىنىدۇ:
ئەنجىخەي لاپىزىسى: تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساۋەن شەھىرى ئەنجىخەي بازىرىدىن چىقىدۇ، بۇ جاينىڭ لاپىزا ئۆستۈرۈش تارىخى ئۇزاق، تۇپراق شارائىتى ئەۋزەل، كۈن نۇرى يېتەرلىك، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق، كېچە-كۈندۈزلۈك تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، لاپىزىنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى.
يەنجى لازىسى، باغراش لازىسى، خوشۇت لازىسى: بۇ لازىلار بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇۋاپىق كىلىماتى ۋە تۇپرىقىدا ئۆسىدۇ، مېۋە ئېتى قېلىن، دانىسى چوڭ، تومۇرى ئاچچىق، ئېتى تاتلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
ئىلىنىڭ بۇرمىسىمان لاپىزىسى: ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا ئۆسىدۇ، شەكلى بۇرمىسىمان بولۇپ، ئاچچىقلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق، پۇرىقى كۈچلۈك بولۇپ، ھەرخىل تاماققا سېلىشقا ماس كېلىدۇ.
ئاقسۇ موگۈي لازىسى: بۇ ئاقسۇدا تەجرىبە قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سورت بولۇپ، ناھايىتى ئاچچىق بولۇش بىلەن داڭ چىقارغان، قۇرۇتقاندىن كېيىن ئاچچىق تەمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، ئاچچىق تەمنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ.
سەنتاڭخۇ لاپىزىسى: ئاچچىق تەم ئىچىدە تاتلىق تەم بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، شەرقتىكى ئۈچ ناھىيە (جىمىسار ناھىيەسى، گۇچۇڭ ناھىيەسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى)نىڭ لاپىزا گۆش قورۇمىسى، ياغدا قورۇلغان لاپىزا لەغمەننىڭ يادرولۇق ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.
لاپىزا بىلەن خەنباۋنى ماسلاشتۇرۇپ يېگەندە، قانچە يېگەنسېرى شۇنچە يېگۈسى كېلىدۇ
بۇ خىل تەمدىكى خەنباۋنى يېمەستە، ھېچكىم شىنجاڭ لاپىزىسى بىلەن خەنباۋنىڭ بۇنداق ماس كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى!
لاپىزا خەنباۋغا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال ياخشى تاللانغان بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنجى لازىسى ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭغا قېلىن توغرالغان، تولۇق پىشقان كالا گۆشى ماسلاشتۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن لاپىزىنىڭ ئۆزگىچە تەمى بىلەن كالا گۆشىنىڭ مەززىلىك تەمى مۇكەممەل يۇغۇرۇلىدۇ.

چاباتاغا لاپىزا قوشۇلسا تېخىمۇ مەززىلىك بولىدۇ

بولكا يېيىشكە ئامراق كىشىلەر لاپىزا قوشۇلغان چاباتانىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسىلا ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ.
بۇ خىلدىكى بولكا ئەنجىخەي لاپىزىسى بىلەن يۇمشاق كالا گۆشى، پىياز ۋە شىنجاڭ زىرىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ كۈچلۈك ئوتتا قورۇپ، ئۇنىڭغا ئوخشىمىغان يېمەكلىك خۇرۇچىنى قوشقاندىن كېيىن، ئاندىن يۇمشاق چاباتا خېمىرىنىڭ قېتىغا سېلىپ قاقلاپ پىشۇرۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ.


ئىتالىيە چۆپى ئاچچىق-چۈچۈك تەمنى تولۇق سۈمۈرىدۇ
ۋېلكىغا بىرلا يۆگەپ ئېلىپ يەۋېتىسىز

لاپىزا بىلەن شوخلا تاكى ئېزىلگىچە دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ ھەم ئۇنىڭغا قويۇق قىيام قوشۇلىدۇ، بۇ بەك ياغلىق تۇيۇلمايدۇ، پەقەت مەززىلىك پۇرىقى بولىدۇ، ئۇنىڭغا يەنە ئېلاستىكىلىققا ئىگە كالا گۆشى ۋەنزىسى قوشۇلسا، تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
تولۇق ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ھەر بىر تال ئىتالىيە چۆپى قىيام بىلەن تەكشى ئارلىشىپ، ھەم شوخلىنىڭ چۈچۈمەل تەمىگە ھەم لاپىزىنىڭ مەززىلىك تەمىگە ئىگە بولىدۇ.

ناننىڭ تېگى چۈرۈك، ئۈستىدىكى پىشلاق سوزۇلۇپ تۇرىدۇ
تاتلىق ھەم ئاچچىق تەم ئاغزىڭىزغا كىرگەن ھامان ئۆزگىچە شېرىن تەمگە ئىگە بولىسىز

لاپىزا قوشۇلغان نان پىساغا شىنجاڭنىڭ نېپىز، چۈرۈك نېنى ئاستىغا قويۇلىدۇ، ئۈستىگە قېلىن پىشلاق سۈركىلىدۇ، ئاندىن ئۇششاق توغرالغان ئەنجىخەي لاپىزىسى، يۇمشاق كالا ـ قوي گۆشى توغرالمىسى ۋە پىياز سېلىنىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا تاكى پىشلاق ئېرىگەنگە قەدەر پىشۇرۇلىدۇ، بۇنىڭدا نان پىسانىڭ چۆرىسى چۈرۈك پىشىپ چىقىدۇ.

لاپىزا بىلەن قەھۋە ئۇچراشسا، ئۆزگىچە يېڭى تۇيغۇ بېغىشلايدۇ

ئەنجىخەي لاپىزىسىنىڭ يەنە قەھۋە بىلەن ماسلىشىدىغانلىقىنى كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن! چىلىغان لاپىزا مەززىلىك ھەم ئازراق ئاچچىق بولىدۇ، ئۇنىڭغا قويۇق قەھۋەنى ماسلاشتۇرۇشقا بولىدۇ، ئامېرىكا تەمدە تەڭشەلگەن قەھۋە بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا ھەم كالا سۈتى قوشۇپ ناتيې قەھۋە ياساشقا بولىدۇ.

ئىچكەندە، ئېغىزغا ئالدى بىلەن قەھۋەنىڭ سىلىق ئۆتىدىغان كۆيۈك تەمى تېتېيدۇ، ئاخىرىدا تەدرىجىي لاپىزىنىڭ تەمى كېلىدۇ، سۇس ئاچچىق تەم بەك كۈچلۈك غىدىقلىمايدۇ، بەك ئاچچىق تەمدە ئەمەس، پەقەت ئازراقلا تاتلىق بولىدۇ.

بىر جاينىڭ سۇ ۋە تۇپرىقى شۇ جايدا خاس تەمنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. لاپىزا شىنجاڭدا ئۆسۈپ، كۈن نۇرىدا تاۋلىنىپ، شىنجاڭغا خاس ئاچچىق تەمگە ئىگە بولغان.
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۇ ئادەتتىكى قورۇمىلاردىكى كونا تەم بىلەن چەكلىنىپ قالماي، بەلكى بۆسۈش قىلىپ، ھەر خىل يېڭى ئېقىمدىكى تەملەر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، كىشىلەرگە تەم سەزگۈسى جەھەتتە كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلدى.
كېلەر قېتىم شىنجاڭغا كەلگەندە، ئەگەر نېمە يېيىشنى بىلەلمىسىڭىز، يۇقىرىقى ئىجادىي مەززىلىك تەملەرگە ئېغىز تېگىڭ، ھەر بىر ئاچچىق تەمدە شىنجاڭغا خاس ئۆزگىچە تەمنى ھىس قىلالايسىز.
«شىنجاڭ ياخشى جاي»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






