—— شىنجاڭ تۇنجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىقات ھەپتىلىكى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى جيانى
9 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىقات ھەپتىلىكى.
تەشۋىقات ھەپتىلىكى مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنايلى» باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى پائالىيەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى، ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتى، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلىدى، شەھەرلەردىكى مەھەللىلەردىن چەت، يىراق چارۋىچىلىق رايونلىرىغىچە، مەكتەپ دەرسخانىلىرىدىن كەسىپلەر باغچە رايونلىرىغىچە، ئاممىغا يېقىن، ئىللىقلىققا تولغان، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان باش تېمىلىق پائالىيەتلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قانات يايدۇرۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈلدى.
يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولدى، ئىتتىپاقلىق ئاساسىي مېلودىيەسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ياڭرىدى
شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۇنجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىقات ھەپتىلىكى ئالاھىدە سالماققا ئىگە. 1982 - يىلى، شىنجاڭ باشلامچىلىق بىلەن مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەشنى قانات يايدۇردى، 1983 - يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 5 - ئايدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 2009 - يىلى مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تۇنجى يەرلىك نىزامنى ئېلان قىلدى... نەچچە ئون يىللىق ئەمەلىيەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرى ئۈچۈن پۇختا ئاممىۋى ئاساس سېلىپ بەردى.
بۇ قېتىمقى تۇنجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىقات ھەپتىلىكىدە، شىنجاڭ يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى دائىملىق تەربىيەدىن قانۇنچىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش بويىچە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋېي جيەنگو مۇنداق تونۇشتۇردى: تەشۋىقات ھەپتىلىكى مەزگىلىدە، ھەرقايسى تارماقلار ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن رايون كۈچەپ، «يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن رايوننى قاپلاش، دەرىجىگە ئايرىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەممەيلەن قاتنىشىش»تىن ئىبارەت ئىستېرېئولۇق خىزمەت ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلدى. ھەرقايسى جايلار مەۋقەنى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، پائالىيەت مەزمۇنىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، قانۇنچىللىقنى ئومۇملاشتۇرۇش، نەزەرىيەدىن لېكسىيە سۆزلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، ئەمەلىيەت داۋامىدا يۇغۇرۇلۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىقاتىنىڭ تۈزۈملىشىش، قاتلاملىشىش، ھېكايىلىشىش، دائىملىشىش بويىچە دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
ھەرقايسى جايلار سىياسەتتىن مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەش، قانۇنچىللىق بىلىملىرى مۇسابىقىسى، باش تېمىلىق كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، يېزا - كەنت چوڭ كانىيى، مەھەللە يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتى قاتارلىق تارقىتىش يوللىرىغا تايىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ساداسىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان قويۇق كەيپىياتنى سىجىل يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، «تۆتتە بىللە بولۇش» ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە قەلبلەرنى مۇجەسسەملىدى، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
قانۇنچىللىق ئارقىلىق يېتەكلىدى، ئورتاق گەۋدە ئېڭى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈلدى
تۇنجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىقات ھەپتىلىكى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭ قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى قانۇن - نىزاملىرى ۋە سىياسەت بىلىملىرىنىڭ ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلۈشى، قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى.
9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايدا تەشۋىقات ھەپتىلىكى باش تېمىلىق پائالىيىتى ماس قەدەمدە باشلاندى، ئۆزگىچىلىككە ئىگە، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىن بولغان ئاساسىي قاتلام پائالىيەتلىرى ھەممە جايدا ئۆتكۈزۈلدى، قالتىس نامايان بولدى. تارباغاتاي ۋىلايىتى باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى ۋە باش تېمىلىق سۈرەت - يېزىق كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلدى، پىدائىيلار نەق مەيداندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ يادرولۇق مۇھىم نۇقتىلىرىنى يېشىپ چۈشەندۈردى، قىزىقارلىق زېھىن سىناش بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇش زور بىر تۈركۈم ئاممىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى؛ كورلا شەھىرى نەشپۈت ئۈزۈش مەزگىلىنى تەشۋىقات ھەپتىلىكى بىلەن ئورگانىك يۇغۇردى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرلىرى نەشپۈت ئۈزۈش پىدائىيلىرىغا ئايلىنىپ، دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىشلىدى، نەشپۈت دەرىخى ئاستىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى ئېيتىش يىغىنى» مول ھوسۇلغا تولغان نەشپۈتزارلىقنى ئىتتىپاقلىق دەرسخانىسىغا ئايلاندۇردى... بۇ ئۇسۇللارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، يازما قانۇن ماددىلىرى جەھەتتە ھېس قىلغىلى، بىلگىلى بولىدىغان كۈندىلىك ۋاسىتە تېپىپ چىقىلدى.
بەزى جايلار دائىرىسى كەڭ، نۇقتىلار تارقاق، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش رىتىمى بىردەك بولماسلىق ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، لېكسىيە سۆزلەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەشۋىقات دائىرىسىنى ئۇزارتىپ، كۆچمە بولغان، يەرلىكلەشكەن، خەلققە يېقىن بولغان تەشۋىقات مەنزىرىسى بەرپا قىلدى. تولى ناھىيەسى ئاتلىق لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى چەت، يىراق چارۋىچىلىق رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئات چاپتۇرۇپ يايلاق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىغا بېرىپ، قانۇن بىلىملىرى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى، ئىتتىپاقلىق ئىدىيەسىنى تارقاتتى؛ قەشقەر ۋىلايىتى سەييارە لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى يېزا، كەنت، مەكتەپ قاتارلىق مەيدان - سورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەتراپىدىكى ئىتتىپاقلىق ھېكايىلىرى، ئاساسىي قاتلام تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە بىرلەشتۈرۈپ دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈپ، قانۇنچىللىقتىن لېكسىيە سۆزلەشنى ئاممىنىڭ كۆڭلىگە تېخىمۇ ياقىدىغان، قايناق كەيپىياتنى تېخىمۇ مۇجەسسەملەيدىغان قىلدى.
ئۈلگىلەر كۈچ توپلىدى، قېرىنداشتەك يېقىن ئۆتىدىغان قەلبداشلىق مەنزىرىسى ئورتاق سىزىپ چىقىلدى
ئۈلگە كۆرگىلى بولىدىغان ئۆرنەك، تىپ ئۆگەنگىلى بولىدىغان ئۈلگە. تەشۋىقات ھەپتىلىكى مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جاي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپتىكى كىشىلەر ئەتراپىدىكى ئىشلارنى سۆزلەش، كىچىك ھېكايە ئارقىلىق چوڭ داۋلىنى ئىزاھلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى ئامما چۈشىنەلەيدىغان، ئورتاق ساداغا تولغان قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان مەزمۇنغا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىق - تەربىيەسىنى تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولدۇردى، ئاممىنىڭ كۆڭلىگە تېخىمۇ يېقىن قىلدى، تېخىمۇ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە قىلدى.
ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس تەسلىمە مەھەللىدە يىلتىز تارتىپ قوشنىلار ئارىسىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشتىكى كۈندىلىك كىچىك ئىشلارنى ھەمبەھرىلىدى؛ مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس پاڭ شىن ئۆزىنىڭ «زەيتۇن يېشىلى فورمىسى»دىن «ساقچى كۆك فورمىسى»غىچە بولغان سالاھىيەت ئۆزگىرىشىنى، نەچچە ئون يىللىق چېگرا رايوننىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇش، ئاممىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئۆكۈنمەس مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى... ئاددىي، سەمىمىي ھېكايىلەر، ھارارەتكە تولغان، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مەنزىرىلەر «ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش»نىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى جانلىق ئىزاھلاپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان، ئىناق بىللە ئۆتىدىغان، بىر مەقسەتتە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېپيېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.






