تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئانار قىزاردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ شىيا، سۇن فاڭتىڭ

شېنجېن گېزىتچىلىك گۇرۇھى مۇخبىرلىرى شياۋ يى، يې جىۋېي، ليۇ جېڭجىن

كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشىش مەۋسۇمى ئەمدىلا ئۆتۈپ كېتىشىگە، شىنجاڭ قەشقەر كۈزلۈك يىغىم ئالدىراشچىلىققا چۆمدى، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ھەر تەرەپكە تارالدى.

قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمال يۆنىلىشى، بەشكېرەم يېزىسىدىكى ئانارلىق باغدا قىپقىزىل، مەي باغلاپ پىشقان ئانارلارنى شاخلىرى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى.

«ساۋاقداشلار، قاراڭلار، بۇ ئانار دانىلىرى زىچچىدە چاپلىشىپ تۇرىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە، كۆپچىلىك ئانارنىڭ دانىسىغا ئوخشاش قان قېرىنداش بولۇپ، ئايرىلمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى.»

9 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىقات ھەپتىلىكى.

9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قىپقىزىل ئانارلىق باغدا، شېنتا ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئارزۇگۈل ئارمان سۆزنى بىر ئاناردىن باشلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا بىر قېتىملىق جانلىق ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئۆتتى.

ئارزۇگۈل مۇنداق دېدى: «33 يىللىق كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشىمدە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنىڭ ئىللىقلىقى ۋە كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.»

ئۈمىد گۈلى

ئوتتۇرا بوي كەلگەن ئارزۇگۈل سۆزلىگەندە تەبەسسۇم بىلەن سۆزلەيتتى.

«17 يىل ئىلگىرى، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلىرىدىكى بالا ئىدىم. دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى سىياسىتىنىڭ قوللىشىدا، مەن شېنجېن شەھىرى باۋئەن رايونى سۇڭگاڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا بېرىپ ئوقۇدۇم، كۆپچىلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈپ، ماڭا ئانار دانىسىنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.» شېنجېن ياردەم بېرىپ قۇرغان بۇ ئانارلىق باغدا، ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق دېدى: «17 يىلدىن كېيىن، مەن يۇرتۇمغا قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم، كۆپچىلىككە قەلبىمدىكى ھەقىقىي تەسىراتىمنى بەكمۇ ئىپادىلىگۈم بار، مەيلى قەيەرگە بېرىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، بىز جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، قېرىنداشتەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولىمىز.»

«ئارزۇگۈل مۇئەللىمنىڭ سۆزلىگەن ئۆز كەچۈرمىشىنى ئاڭلاپ، <ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش> دېگەن بۇ سۆزنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى تېخىمۇ چۈشەندىم.» نەق مەيداندا دەرس ئاڭلىغان ئوقۇغۇچى تابىگ جاۋزىق ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مۇئەللىم شىنجاڭدىن چىقىپ ئوقۇپ، ھازىر قايتىپ كېلىپ بىزگە بىلىم ئۆگىتىۋاتىدۇ، مەن ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، تىرىشىپ ئوقۇپ، كەلگۈسىدە يۇرتۇمنى گۈللەندۈرۈپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن.»

شىنجاڭدىن كەلدى، شىنجاڭغا باردى. بىرى تاغدىن يىراق، بىرى دېڭىزدىن يىراق، شىنجاڭ ۋە شېنجېندىن ئىبارەت ئىككى يۇرتى ئارزۇگۈلدە چوڭقۇر ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.

ئارزۇگۈل شىنجاڭ يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ بورقاي يېزىسىدا تۇغۇلغان، ئاتا - ئانىسى دېھقان، ئائىلىسىدە يەنە بىر ئىنىسى بار. ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى تەسىراتىدا، دادىسى كېسەلچان ئىدى، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتەتتى.

«ئارزۇگۈل دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى <ئۈمىد گۈلى>.» ئۇ مۇنداق دېدى: «بىلىم مېنىڭ <ئۈمىد گۈلۈم>. كىچىكىمدىنلا كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىمەن دەپ ئىرادە باغلىغانىدىم.»

دادىسى كېسەلچان، تېنى ئاجىز بولغاچقا، دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنىدى، لېكىن ئارزۇگۈل ئۆگىنىشنى ئاقسىتىپ قويمىدى. 2006 - يىلى، ئۇ كەنت بويىچە تۇنجى بولۇپ كورلا شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن ئوقۇغۇچى بولۇپ قالدى.

مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، دۆلەت دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئاچتى، بۇ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ئارزۇگۈلگە ئوخشاش تۈمەنلىگەن شىنجاڭلىق بالىلارنى ئوزۇقلاندۇرماقتا. «بالام چوڭ شەھەرگە بېرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى! مەن خۇشاللىقىمدىن كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم.» ئاشۇ چاغدىكى ھاياجانلىق ھېسسىيات ئارزۇگۈلنىڭ دادىسى ئارمان مەخمۇتنىڭ ھازىرغىچە ئېسىدە.

ئارزۇگۈل ئەلا نەتىجىسى بىلەن سۇڭگاڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىندى. 2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، 16 ياشلىق ئارزۇگۈل چامادانىنى سۆرەپ، 240تىن ئارتۇق شىنجاڭلىق ئۆسمۈر بىلەن بىللە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا يېشىل رەڭلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ، لەنجوۋدا پويىز ئالمىشىپ، گۇاڭجوۋغا بارغاندىن كېيىن يەنە ئاپتوبۇسقا ئالماشتى، جەمئىي ئۈچ كېچە - تۆت كۈندۈز 10 مىڭ چاقىرىمغا يېقىن يول يۈرۈپ، ئاخىر شېنجېنغا يېتىپ باردى.

بۇ، ئارزۇگۈلنىڭ تۇنجى قېتىم پويىزغا ئولتۇرۇشى، تۇنجى قېتىم شېنجېنغا بېرىشى ئىدى. ۋوگزالدىن چىقىپلا، پەلەككە تاقاشقان ئېگىز بىنالار ۋە قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن كوچىلار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى، بۇ كۆرۈنۈش ئۇنىڭ كۆممىقوناق ۋە ئارپىبەدىيان تېرىلىدىغان يۇرتىغا تامامەن ئوخشىمايتتى. «مەن ئەينى چاغدا يېڭى مۇھىتقا ماسلىشالماي قېلىشىمدىن بەكلا ئەنسىرىگەنىدىم.» ئەينى چاغنى ئەسلىگىنىدە، ئۇ خىجىل بولغىنىدىن كۈلۈپ كەتتى.

«دېڭ دادا»نىڭ پەيدا بولۇشى ئۇنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.

«دېڭ دادا»نىڭ ئىسمى دېڭ كې بولۇپ، ئەينى چاغدا سۇڭگاڭ ئوتتۇرا مەكتىپى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئىدى. 2000 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، ئۇ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەچكە، ساۋاقداشلار ئۇنى يېقىملىق ھالدا «دېڭ دادا» دەپ چاقىراتتى.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئارزۇگۈل ناھايىتى ئورۇق، سەبىي ئىدى، بىر جۈپ يوغان كۆزىدىن چېچەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ دائىم «دېڭ دادا»نىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۆگىنىشتە يولۇققان قىيىن مەسىلىلەردىن مەسلىھەت سورايتتى، شۇنداقلا تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنىمۇ سۆزلەپ بېرەتتى. قايتىدىغان چاغدا، «دېڭ دادا» ئۇنىڭ يانچۇقىغا ھەمىشە بادام، ئۆرۈك قېقى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ قۇرۇق مېۋىلىرىنى لىق سېلىپ قوياتتى.

ئارزۇگۈل نۇرغۇن شېنجېنلىق ساۋاقداشلىرى بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى، جۇڭ ميەن ئۇنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمراھى ئىدى.

ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى خۇددى باھار يامغۇرىغا ئوخشاش «ئۈمىد گۈلى»نى ئاستا - ئاستا پورەكلەپ ئېچىلدۇردى.

سۇڭگاڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئارزۇگۈل تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى قەدىرلەپ، تەشنالىق بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگەندى. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان يىلى، دادىسىنىڭ تۇيۇقسىز مېڭە تىقىلمىسى قوزغىلىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئۇ ئىختىيارسىز يىغلاپ كەتتى، بىر مەھەل ئوقۇشتىن چېكىنىپ، ئۆيىگە قايتىپ دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئويىغا كەلدى.

بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان «دېڭ دادا» ئۇنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ، سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلىپ: «قىزىم، سىز چېگرا رايوندىكى يېزىدىن كەلدىڭىز، بۇ ئاسان ئەمەس، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئاز قالدى، قەيسەر بولۇپ، ئارزۇيىڭىزدىكىدەك داشۆگە ئۆتۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، سىزدە پەقەت يېتەرلىك كۈچ ۋە ئىقتىدار بولسا، ئاندىن ئائىلىڭىزگە تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرەلەيسىز» دېدى.

«مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلىرىمنىڭ قايتا - قايتا ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە ياردىمى مېنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىمغا تىرەك بولدى» دېدى ئارزۇگۈل.

بىر تال ئاچقۇچ

تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان شۇ يىلىدىكى قىشلىق تەتىلدە ئارزۇگۈل ئۆيىگە قايتماي، مەكتەپتە قېلىپ تەكرار قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلدى.

دەخلى قىلىنماسلىق ئۈچۈن، ئۇ ئۈستەل - ئورۇندۇقىنى كارىدورنىڭ جىمجىت بىر بۇلۇڭىغا يۆتكەپ چىقتى. سىنىپلارنى ئارىلاۋاتقان دېڭ كې بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاچقۇچنى چىقىرىپ ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ: «قىزىم، سىرت سوغۇق، مېنىڭ نۆۋەتچىلىك ياتىقىمغا كىرىپ تەكرار قىلىڭ» دېدى.

شۇ قىشلىق تەتىلدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، دېڭ كې نۆۋەتچىلىك ياتىقىنى ئارزۇگۈلنىڭ تەكرار قىلىپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشىغا بەردى، ئۆزى بولسا مەكتەپ بىلەن ئۆيى ئارىلىقىدا بېرىپ - كېلىپ ئىشلىدى.

ئاچقۇچنى «دېڭ دادا»غا قايتۇرۇپ بېرىدىغان چاغدا، ئارزۇگۈل ياتاقنى بىر قۇر تەپسىلىي تازىلاپ چىقتى ھەم «مەن چوقۇم تىرىشىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرىمەن! سىزنى جەزمەن ئۈمىدسىزلەندۈرمەيمەن!» دەپ بىر پارچە خەت قالدۇردى.

«دېڭ دادا» ئۇنىڭغا ئۆگىنىش مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلايدىغان ئاچقۇچ بەرگەن بولسا، دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى ئارزۇگۈلگە ئوخشاش بالىلارغا ھاياتىنى ئۆزگەرتىش ئاچقۇچىنى بەردى.

بۇ ئاچقۇچ ئۈمىد دەرۋازىسىنى ئاچتى.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن، ئارزۇ تولدۇرغاندا، «دېڭ دادا»دەك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئارزۇگۈل تولۇق كۇرسنىڭ ئۈچ تۈركۈمدىكى ئارزۇ تولدۇرىدىغان 12 كاتەكچىنىڭ ھەممسىگە سىفەن تۈرىدىكى كەسىپلەرنى تولدۇردى ھەم ئاخىرىدا بېيجىڭ سىفەن داشۆسىگە قوبۇل قىلىنىپ، ئۆزى ياقتۇرىدىغان تارىخ شۆيۈەنىدە ئوقۇدى.

بۇ ئاچقۇچقا ئېغىر مەسئۇلىيەت مۇجەسسەملەنگەنىدى.

«دۆلەتنىڭ مائارىپ سىياسىتىنىڭ ياردىمى، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەجىر سىڭدۈرۈشى ماڭا ئوخشاش چېگرا رايوندىكى بالىلارنىڭ ھايات ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتتى.» ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ خىل ياردەم بېرىشنى، بۇ خىل ئىللىقلىقنى داۋاملاشتۇرىمەن.»

داشۆدىكى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، ئارزۇگۈل مائارىپقا ياردەم بېرىش كوللېكتىپىغا قاتنىشىپ، يىراقتىكى نىڭشيا جىڭيۈەن ناھىيەسى ليۇپەنشەن تېغى ئېتىكىدىكى تاغلىق كەنت مەكتىپىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە باردى. ئاق كۆڭۈل بالىلار پات - پات ئاپىلىرى تەييارلىغان لاتياۋ، ساڭزا قاتارلىق مەززىلىك يېمەكلىكلەرنى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چوقۇم تېتىپ بېقىشى ئۈچۈن ئېلىپ كېلەتتى، بۇ ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلىرىغا بولغان ياقتۇرۇشى، تاغنىڭ سىرتىغا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەيتتى. بۇ خىل ياقتۇرۇش ۋە ئارزۇنى ياش ئارزۇگۈل ئۆزى باشتىن كەچۈرۈپ باققاچقا، ئۇنىڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇش، تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى.

2017 - يىلى، داشۆنى پۈتكۈزگەن ئارزۇگۈل سۇڭگاڭ ئوتتۇرا مەكتىپىگە قايتىپ كېلىپ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، «دېڭ دادا» بىلەن خىزمەتداش بولدى.

دەرس مۇنبىرىدە، ئۇ تارىخ ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى يەتكۈزۈپ، «ئورتاق گەۋدىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا بىر ئائىلە كىشىلىرى» قارىشىنى ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇردى؛ دەرستىن سىرتقى چاغلاردا، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئارزۇگۈل ھەدە»سى بولۇپ قالدى − كىم ئۆيىنى سېغىنسا ئۇنى ئىزدەيتتى، كىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرغاندا بىر قارارغا كېلەلمىسە ئۇنى ئىزدەيتتى.

مەكتەپتىن چىقىپ، ئۇ «ئانار ئۇرۇقى»نى تېخىمۇ يىراق جايلارغا تېرىدى: ئۇ باشلامچىلىق بىلەن «ئانار گۈلى ئېچىلدى» كىتاب ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى سىتلى يېزىسىدىكى دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيىگە 1000 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ئىئانە قىلدى؛ ئۇ شېنجېن شەھەرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزالىقىنى ئۈستىگە ئالدى، ۋاسىتە ۋە كۆۋرۈك بولۇپ پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، شىنجاڭ ۋە شېنجېندىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ئاچقۇچ ئىشەنچنى داۋاملاشتۇردى، ۋارىسلىق قىلىشنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلدى.

قازاق قىز ئەنسۇر توقتار شىنجاڭ ئىلىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ «ئارزۇگۈل ھەدە»سى بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنى ئۈلگە قىلدى. خۇددى ئەينى يىلى ئارزۇگۈل ياتاقنى تازىلاپ بولۇپ دېڭ كې مۇئەللىمگە بىر پارچە خەت قالدۇرغانغا ئوخشاش، ئەنسۇرمۇ ئوقۇش پۈتكۈزۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت قالدۇردى، خەتتە ئۆزىنىڭمۇ ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى يېزىلغانىدى. ئەنسۇر كېيىن ئىمتىھان بېرىپ خۇانەن سىفەن داشۆسىگە ئۆتتى، ھازىر مەكتەپتە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى ئىككىيلەن ئىزچىل ئالاقىنى ساقلاپ، دەرس تەييارلاش ماتېرىياللىرىنى ھەمبەھرىلەيدۇ، تەسىراتلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

ياخشى تەربىيە ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئارزۇگۈلنىڭ تارىخ دەرسى دەل مۇشۇنداق.

ئارزۇگۈلنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ زىئاڭ سۇڭگاڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدىن ئىمتىھان بېرىپ داشۆگە كىرگەندىن كېيىن پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئوقۇتقۇچىم سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ، ماڭا ئېتىقاد ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي چۈشەندۈردى.»

بۈگۈنكى كۈندە، جاڭ زىئاڭ شەرەپ بىلەن پارتىيەگە كىردى. بۇ يىلقى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا، ئۇ ئارزۇگۈلگە ئالايىتەن ئۇچۇر يوللاپ، ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىككى يۇرت

قەشقەردە ئانار قىزاردى، يۇرتىنى سېغىنغان كىشى قايتىپ كەلدى.

8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئايروپىلان قەشقەرگە قوندى. ئايرودۇرۇم زالىدا، يۇرتداشلىرى ئارزۇگۈلگە گۈل سوۋغا قىلدى، يەنە ئۇنى قىزغىن قۇچاقلىدى.

شۇ دەقىقىدىن باشلاپ، ئۇ شېنجېن شەھىرىدىن 12 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شېنجېندىن ۋاقتىنچە ئايرىلىپ، دەرس مۇنبىرىنى كوناشەھەر ناھىيەسىگە جايلاشقان شېنتا ئوتتۇرا مەكتىپىگە يۆتكەپ كېلىپ، مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 1 - يىللىق تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، قوشۇمچە مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولدى.

«ئۇزاق يىل شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئۆتتۈم، مەن چېگرا رايوندىكى بالىلارنىڭ بىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى، تېخىمۇ كەڭ دۇنيانى كۆرۈشكە بولغان ئىنتىلىشىنى ئېنىق بىلىمەن.» ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەينى يىلى <دېڭ دادا> ياتىقىنىڭ ئاچقۇچىنى ماڭا بېرىپ، ماڭا شېنجېندا چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى. بۈگۈن، مەن 17 يىللىق ئۆز كەچۈرمىشىم ئارقىلىق ئۇلارغا شۇنداق دېمەكچى: ۋەتەننى قەلبىڭلەرگە پۈكسەڭلەر، قەدىمىڭلار تېخىمۇ يىراققا بارالايدۇ.»

«بېرىڭ، بۇ سىز ئىزچىل قىلماقچى بولغان ئىش.» ئېرى ئارزۇگۈلنىڭ ئارزۇسىنى ئوبدان بىلگەچكە، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۇنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە تىزىملىتىشىنى قوللىدى.

«بالام، ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتى سىزنىڭ سىرتقا چىقىپ ئوقۇشىڭىزغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى، بىز سىزنىڭ قايتىپ كېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىڭىزنى قوللايمىز!» دېدى دادىسى.

خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، دادىسىنىڭ مېڭە تىقىلمىسى بولۇپ قالغاندىن كېيىنكى ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئارزۇگۈل ئاتا - ئانىسىغا كورلا شەھىرىدىن ئۆي ئېلىپ بەردى. ئىنىسى مەردان ئارمان نۆۋەتتە شۇ جايدىكى ساقچىخانىدا ئىشلەيدۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

ئارزۇگۈل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان شېنتا ئوتتۇرا مەكتىپى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە تەۋە. تاشقورغان پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىنتايىن سوغۇق ھەم ئوكسىگېن كەمچىل، 2017 - يىلىدىن بۇرۇن پەقەت تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلا بار ئىدى. شېنجېن تاشقورغانغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى باشلىغاندىن كېيىن، تەخمىنەن 230 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىپ، باشقا جايدا مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، قەشقەر شەھىرىگە يېقىن، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تۆۋەن بولغان كوناشەھەر ناھىيەسىدە شېنتا ئوتتۇرا مەكتىپىنى قۇردى. بۇ، تاشقورغان تارىخىدىكى تۇنجى تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى بار ياتاقلىق، مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ.

«شېنجېن شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى، تاشقورغانغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن 16 يىلدىن بۇيان، مائارىپ سېلىنمىسى 3 مىليارد 420 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 445 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى» دېدى شېنجېننىڭ 12 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مائارىپقا ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەن شيەنيىڭ تونۇشتۇرۇپ.

شېنتا ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ھويلىسىغا كىرگەندە، ئوقۇتۇش بىناسى، تەنھەرىكەت مەيدانى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شېنجېننىڭ ئۆلچىمى بويىچە قۇرۇلغانىدى. «ئىشىك ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىلىنەلەيدۇ، بۇ، ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ئىش ئىدى» دېدى ئارزۇگۈل ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا.

«دۆلەت بىزنىڭ ئوقۇش ئارزۇيىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا ياردەم بەردى.» ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسىدە، ئۇ ئەينى يىلىدىكى «بىر تال ئاچقۇچ» ھېكايىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەپ بەردى. ئۈچ يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەزگىلىدە، ئۇ ئۆزىگە نىشان بېكىتتى: دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، يەرلىك ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەپ، «ئورتاق گەۋدىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا بىر ئائىلە كىشىلىرى» ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش.

يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە، ئارزۇگۈل تولۇقسىز 1 - يىللىقتىكى يەتتە سىنىپقا تارىخ دەرسى ئۆتۈشنى ئۈستىگە ئالدى، ھەر ھەپتىدە 20 سائەت دەرس ئۆتىدىغان بولۇپ، خىزمەت مىقدارى ئاز ئەمەس ئىدى. تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلارغا تارىخ دەرسى ئۆتۈشتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلارغا تارىخ دەرسى ئۆتۈشكە ئۆزگەرگەچكە، دەرسنى يېڭىباشتىن تەييارلاشقا توغرا كەلدى.

«بىز ئۇنى تولۇقسىز ئوتتۇرا تارىخ دەرسىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ توپىغا ئەكىردۇق، ئوقۇتۇشتا ھەرقانداق قىيىن مەسىلە بولسا، بىز ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئارقا سەپ ياردەمچىسى بولىمىز» دېدى سۇڭگاڭ ئوتتۇرا مەكتىپى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شياۋ ياڭكۇن.

9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئارزۇگۈل ئۈچ سائەت تارىخ دەرسى ئۆتتى. تەنەپپۇستا، ئۇ شياۋ ياڭكۇنغا تېلېفون بېرىپ، خۇشال كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يېرىم ئايدىن بۇيان، مەن ئالتە جىڭ ئورۇقلىدىم، كىيىملىرىم خېلىلا چوڭ كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. ھەقىقەتەن ھاردىم، لېكىن بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەشكە ئىشەنچىم بار!»

«ئارزۇگۈل مۇئەللىم خۇددى بىر كۆۋرۈككە ئوخشاش شېنجېن بىلەن شىنجاڭنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىلگىرى بىلەن ھازىرنى تۇتاشتۇرۇپ، <شىنجاڭغا ياردەم بېرىش> دېگەن سۆزنى كۆرگىلى بولىدىغان ھەمراھ بولۇشقا ئايلاندۇرۇپ، بالىلارنىڭ قەلبىگە ئۆسۈپ يېتىلىش كۈچى قوشتى» دېدى خەن شيەنيىڭ.

«دادا، ئاپا، جۇڭچيۇ بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!» 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى جۇڭچيۇ بايرىمى كېچىسى، كورلا شەھىرىدىكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان سىنلىق كۆرۈشۈشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئارزۇگۈل دېرىزە سىرتىغا نەزەر سالدى − ئاسماندا، تولۇن ئاي جىمجىت نۇر چېچىپ تۇراتتى.

تولۇن ئاي گۇۋاھ بولدى يۈرەكتىكى سېغىنىشقا.

شۇ كېچە، شۇ دەقىقىدە، سۈپسۈزۈك ئاي نۇرى خۇددى كۈمۈشتەك جىلۋىلىنىپ، شېنجېن قولتۇقى ساھىلىغا چېچىلدى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە چېچىلدى، ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىغا چېچىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.