تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چېگرادىكى كەڭ دالىدا كالۇن قوغدىغۇچى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا

«كالۇن قەيەرگە سېلىنغان بولسا، شۇ جايدىكى دۆلەت زېمىنى قوغدىلىپ كەلگەن؛ كالۇن مۇقىم بولغاندا، چېگرا رايون تىنچ - خاتىرجەم بولغان، ھەر مىللەت ئامما ئاندىن خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىگەن» دېدى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا لىنىيەسىگە تەخمىنەن تۆت كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى ئابۇسەنتېر كالۇن خارابىسى ئالدىدا، يىل بويى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتقان ئەن سۇ كۆز ئالدىدىكى بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن خاڭداپ قوپۇرۇلغان خارابىلەرنى مۇخبىرغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ۋە قورغاس ناھىيەسىدىكى جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا لىنىيەسىدە، بۈگۈنكى كۈنگىچە يەنىلا تارقاق جايلاشقان مۇشۇنداق خاڭداپ قوپۇرۇلغان كۆپلىگەن ھويلا قورشاۋ تام خارابىلىرى بار. بۇ خارابىلەرنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى كۆپىنچە مىڭ كىۋادرات مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئومۇمىي گەۋدىسى چاسا شەكىللىك، شىمال - جەنۇب يۆنىلىشىدە سېلىنغان، قورشاۋ تام قالدۇقىنىڭ ئېگىزلىكى ئومۇميۈزلۈك ئۈچ - تۆت مېتىر، تام ئۇلىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن ئىككى مېتىر كېلىدۇ، بىر قىسىم مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان جايلىرىدىن ئەينى يىللاردا ساقلىنىپ قالغان راۋاقنىڭ ئىزنالىرىنى يەنىلا ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. مانا بۇ، يۈز يىلدىن ھالقىغان چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش خاتىرىسى مۇجەسسەملەنگەن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كالۇن خارابىسى.

70 ياشتىن ئاشقان ئەن سۇ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش - باشقۇرۇش ئورنىنىڭ سابىق باشلىقى. 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ چېگرا لىنىيەسىدىكى ھەربىر جايدىن مېڭىپ ئۆتۈپ، دالىغا تارقاق جايلاشقان بۇ كالۇن خارابىسىنى ئىزدەش، چارلاش، خاتىرىلەش، قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، قاقاسلىقتا كۆمۈلۈپ قالغان يۈز يىللىق چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش تارىخىنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قايتىدىن ئېنىق نامايان قىلدى.

«كىچىكىمدىن تارتىپلا پېشقەدەملەرنىڭ: كالۇن ئىنتايىن مۇھىم. كالۇن تىنچ بولسا، چېگرا رايون تىنچ بولىدۇ دەپ قايتا - قايتا تاپىلىغىنىنى ئاڭلايتتىم» دېدى ئەن سۇ. غەربىي شىمال چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 1764 - يىلى، چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى شېنياڭ ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىن سەركەردە - لەشكەرلەرنى ئىلىغا بېرىپ مۇداپىئەدە تۇرۇشقا يۆتكەپ، چېگرا مۇداپىئە ئىشلىرىنى كۈچەيتكەن. ئەينى يىللىرى غەربكە كۆچۈپ كەلگەن شىبە مىللىتىدىن بولغان سەركەردە - لەشكەرلەر يىل بويى كالۇنلاردا تۇرۇپ قوغداپ، قاراۋۇللۇقتا تۇرۇپ كۆزىتىپ، چېگرانى چارلاپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغان. ئەن سۇنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى مۇشۇ تۈركۈمدە غەربكە كۆچكەن قوشۇن ئىچىدە ئىدى.

20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئەن سۇ كالۇن خارابىسىنى ئىزدەش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى. ئۇ چاغدا چېگرا لىنىيەلىرىدە ئادەم ئاز ئىدى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كالۇن خارابىسى تۇتاش كەتكەن قاقاس چۆللۈك ئارىسىدا كۆمۈلۈپ قالغان بولۇپ، ھېچقانداق يول باشلايدىغان كۆرسەتمە يوق ئىدى، ھەم ماڭىدىغان تۈزۈك يولمۇ يوق ئىدى، خارابىلىكنى ئىزدەشتە پەقەت ئاتقا مىنىش، كالا ھارۋىسىغا ئولتۇرۇشقا تايىنىپ ئاستا - ئاستا ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلەتتى، ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇش خىزمىتى ئادەتتىن تاشقىرى جاپالىق ئىدى. ئۇ شۇ جايدىكى پېشقەدەملەر ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يىپ ئۇچىغا تايىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، نادام كالۇنى، ۋۇتۇڭزى كالۇنى، توۋخۇ كالۇنى قاتارلىق كۆپ جايدىكى ئىلگىرى مۇكەممەل تىزىملانمىغان نۇرغۇن مۇھىم خارابىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقتى.

كەڭ دالىلاردا توختىماي يۈرۈپ ئىزدەش داۋامىدا، ئەن سۇ قەدىمكىلەرنىڭ كالۇن سالىدىغان ئورۇننى تاللاشتىكى ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى تەدرىجىي ئېنىقلاپ چىقتى: كۆزىتىش ۋە مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن، كالۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى يەر شەكلى ئېگىزرەك بولغان پەلەمپەيسىمان يەرگە ياكى ئوچۇقچىلىققا سېلىنغان بولۇپ، ھەر يىللىق كەلكۈن مەزگىلىدىكى كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلانغىلى بولاتتى؛ تام گەۋدىسىنىڭ كۆپىنچىسى خاڭدالغان توپىدىن قوپۇرۇلغان، يەنە بىر قىسمىغا شېغىل تاش، چىم كېسەك، يۇلغۇننى قەۋەتمۇقەۋەت گىرەلەشتۈرۈپ قوپۇرۇش ھۈنەر - سەنئىتى قوللىنىلغانىدى. مۇكەممەل بىر كالۇن سېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ سەرپ قىلىنىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. «ھەربىر سۇڭ سوقما تامغا نەچچە ئەۋلاد چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغۇچىلارنىڭ چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەپ زېمىننى قوغداشتىكى ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان قىممەتلىك ئەمەلىي بۇيۇم مىراسلىرى ھېسابلىنىدۇ» دەپ بىلدۈردى ئۇ.

ئەن سۇ خارابىنىڭ ساقلىنىش ھالىتىنى سىجىل ئىزلاپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ھەر يىلى ئاز دېگەندە 20 قېتىم كالۇن خارابىسى نەق مەيدانىغا مەخسۇس بېرىپ، راۋاقنىڭ ئۇپرىشى، تام گەۋدىسىنىڭ سويۇلۇپ چۈشۈشى قاتارلىق ئىنچىكە ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇپ، تەبىئىي يىمىرىلىش بىلەن سۈنئىي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتىكى ئوخشاش بولمىغان سەۋەبلەرنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، فوتو ئاپپارات ئارقىلىق خارابىنىڭ نەچچە ئون يىللىق قىياپەت ئۆزگىرىشى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىت ئالمىشىشىنى تولۇق خاتىرىلىدى.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سېپىدە 40 نەچچە يىل خىزمەت قىلغان ئەن سۇ پۈتۈن ناھىيەدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نۇقتىلىرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشقا دائىر مول بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، كالۇن ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى سېرىق توپىلىق خارابە بولماستىن، ۋەتىنىمىز زېمىنىغا نەقىشلەنگەن دۆلەت چېگرا بەلگىسى ئىدى.

ئۇ تارتقان 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىكى بىر پارچە كالۇن خارابىسى سۈرىتى بۈگۈنكى كۈندە كىچىك ئاق تېرەك چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەدەنىيەت خاتىرە سارىيىغا قويۇلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ شىبە مىللىتىنىڭ غەربكە كۆچۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش تارىخىنى بىۋاسىتە چۈشىنىشىدىكى مۇھىم خام ماتېرىيال بولۇپ قالدى. «مەن كامېرا ئارقىلىق بۇ بىر بۆلەك تارىخنى ساقلاپ قېلىپ، كېيىنكىلەرگە مۇكەممەل، جانلىق بولغان چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش خاتىرىسىنى قالدۇرماقچى» دېدى ئەن سۇ.

ئابۇسەنتېر كالۇنى خارابىسى ئالدىدا تۇرۇپ، ئەن سۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بەش يىل ئىلگىرى، بۇ جاينىڭ تام گەۋدىسى مۇكەممەل، پۇختا ئەمەس ئىدى، بۇ بىرنەچچە يىلدا ئەتىيازدا قار ئېرىپ، يازدا قارا يامغۇر يېغىپ، ئۇپرىشى سىجىل ئېغىرلىشىپ، خارابىنىڭ يىمىرىلىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېزلىشىپ، سوقما تاملار ئاز - ئازدىن سويۇلۇپ چۈشۈپ بۇزۇلۇپ كەتتى.

نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، شۇ جايدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارماقلىرىنىڭ سىجىل تۈرتكە بولۇشى ۋە ئەن سۇنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، كالۇن خارابىسىنى قوغداش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تاماملاندى. «بىز ناھىيە دەرىجىلىك، ئوبلاست دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك دەرىجىمۇدەرىجە ئىلتىماس قىلىشنى تاماملىدۇق، ئەڭ ئاخىرىدا كالۇن خارابىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى بولۇپ باھالاندى.»

ئەن سۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە يەرلىك كالۇن خارابىسىنى سىستېمىلىق قوغداش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ: خارابىنى قوغداش دائىرىسىنى ئېنىق بېكىتىپ، تۈرلۈك مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھاپىزەت رايونى ئىچىدە بوز يەر ئېچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق چەكلەپ، خاڭدالغان توپا خارابىسىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداۋاتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەخسۇس قارىغۇچى خادىم سەپلەپ، كالۇن خارابىسىنى چارلاش - قوغداش خىزمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ.

پېنسىيەگە چىققىنىغا كۆپ يىل بولغان بولسىمۇ، ئەن سۇ دائىم ۋاقىت چىقىرىپ كالۇن خارابىسىگە بېرىپ مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تۇردى، يەنە كىچىك ئاق تېرەك چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەدەنىيەت خاتىرە سارىيىدا چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى. «دەل تارىختا ئۆتكەن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغۇچى سەركەردە - لەشكەرلەر ئالىقانچىلىك يەرنىمۇ تارتقۇزۇپ قويماي چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت ئامما بىر مەقسەتتە چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، يىمىرىلمەس غەربىي شىمال چېگرا مۇداپىئە توسۇقىنى ئورتاق مۇستەھكەملىگەن» دېدى ئەن سۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، كالۇن خارابىسى باش تېمىلىق مۇزېي قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مەيدان - سارايلارنى رېمونت قىلىش، كونا سۈرەتلەرنى توپلاش - رەتلەش، خەلق ئارىسىدىكى ئاغزاكى تارىخ ماتېرىياللىرىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك رەتلەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتناشتى ھەم «خۇيفەن كالۇنىدىن كەلگەن خەت» قاتارلىق كالۇنغا مۇناسىۋەتلىك قىممەتلىك ھۆججەتلەرنى رەتلەپ تەتقىق قىلىپ، خارابىنىڭ ئارقىسىدىكى چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ھېكايىلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، كۆرگەزمە مەزمۇنىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىدى.

«سالامەتلىكىم يار بەرسىلا، مەن ئىزچىل خارابىنى چارلاپ ۋە قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ، ياشلارنى بۇ بىر بۆلەك مول مەزمۇنلۇق چېگرانى قوغداش تارىخىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، زېمىننى قوغداپ دۆلەتنى مۇھاپىزەت قىلىش روھىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن» دېدى ئەن سۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.