□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
ئالتۇن كۈز كىشىگە راھەت تۇيغۇ بېغىشلىدى، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ھەر تەرەپكە تارالدى. يۆبىڭ تەييارلاش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، يۈز ئائىلە زىياپىتى... جۇڭچيۇ كاتتا بايرىمىدا، ئاپتونوم رايوندىكى نۇرغۇن جايلار بىر قاتار ئۆزگىچە، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا دۆلەت مۇھەببىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.
قوشنىلار جەم بولدى، يۈز ئائىلە زىياپىتىدىن جەم بولۇش شادلىقىنى ھېس قىلدى
9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسىنىڭ گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى «10 يىللىق يۈز ئائىلە زىياپىتى، بەختلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى» تېمىسىدىكى جۇڭچيۇ بايرىمىنى تەبرىكلەش بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ، ئىللىقلىققا تولغان قوشنىلار كاتتا مەرىكىسىگە بىرلىكتە قاتناشتى.
نەق مەيداندا ھەممىلا جاي خۇشال - خۇرام بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى، ھەر مىللەت ئامما چىرايلىق كىيىم - كېچەكلىرىنى كىيىپ، زىبۇ - زىننەتلىرىنى تاقاپ، باش تېمىلىق كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىدا بەس - بەستە داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈپ، جەم بولۇش گۈزەل پەيتىنى خاتىرىلىدى. ئۇزۇن ئۈستەلگە تۈرلۈك ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار لىق تىزىلغان بولۇپ، كۆپچىلىك چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، مۇڭدىشىپ، ئۆزئارا جۇڭچيۇ بايرىمىلىق بەخت تىلىدى. سەھنىدە ئېسىل ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاندى. يېقىملىق، مۇڭلۇق قاپاق نەي مۇزىكىسى چېلىندى، جانلىق، لەرزان ئۆزگىچە ئۇسسۇل ئوينالدى، نەپىس، يارىشىملىق مودا كىيىملەر كۆرگەزمە قىلىندى، ئارتىسلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن نومۇر ئورۇنلىدى، سەھنە ئاستىدا ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى. ناخشا - ئۇسسۇللار قەلبلەرنى يېقىنلاشتۇردى، پائالىيەت نەق مەيدانىدا خۇشال كۈلكە سادالىرى ياڭرىدى.
يۈز ئائىلىلىك زىياپەت پائالىيىتى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولماقتا، كۆپچىلىك شادلىققا چۆمگەن ناخشا، كۈلكە سادالىرى ئىچىدە جۇڭچيۇ بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلەپ، شاد - خۇراملىققا چۆمگەن كەيپىياتتا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش بەخت مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.
يۇمىلاق ئۈستەللەر قويۇلدى، ئۆي قورۇمىلىرى لىق تىزىلدى، جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمىدىن ئىبارەت قوش بايرام يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىنىڭ تيېچاڭگوۋ بازىرى رۇيشىڭ مەھەللىسىدىكى جىنپىنخۇي بازىرىدا «يۈز كارخانا يۈز ئائىلىلىك زىياپەت ئۆتكۈزۈش، قەلبداش بولۇپ جۇڭچيۇ بايرىمىنى تەبرىكلەش» پائالىيىتى باشلاندى. تەۋەلىكتىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ پارتىيە ياچېيكىلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، 100دىن ئارتۇق كارخانىنىڭ ۋەكىلى، ئىشچى - خىزمەتچى، ئامما خۇشال بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئېسىل تائاملارنى تېتىدى، مۇڭداشتى، كاتتا بايرامنى تەبرىكلىدى.
شىنجاڭ خۇاچېڭ يۇڭخۇي قۇرۇلۇشنى يورۇتۇش پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخ مۇدىرى خۇ رۇي مۇنداق دېدى: «ئادەتتە كۆپچىلىك ئۆز خىزمەت ئورنىمىزدا ئالدىراش ئىشلەيمىز، بۈگۈنكى يۈز ئائىلىلىك زىياپەت بىزنى بىر يەرگە جەم قىلدى، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك تاماق يېگەچ ئويۇن كۆردۇق.»
مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبلەر ئوزۇقلاندۇرۇلدى، يېزا - كەنت سەھنىسىدە مول ھوسۇل تەبرىكلەندى
سەھنىدە، كۆك گۈللۈك فارفۇر نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن كۆڭلەك كىيگەن ئارتىسلارنىڭ مۇزىكىغا ئەگىشىپ پىرقىرىشى بىلەن، كۆڭلەكنىڭ ئېتىكى كەڭ يېيىلدى؛ سەھنە ئاستىدا كەنت ئاھالىلىرى چۆرىدىشىپ ئولتۇرغان بولۇپ، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى. يېقىندا، يەكەن ناھىيەسى ئاۋات بازىرىنىڭ ئارىش كەنتى مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى جۇڭچيۇ بايرىمى باش تېمىسىدىكى بىر مەيدان ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنىنى كۈتۈۋالدى. بۇ كەنتتىكى ئەدەبىيات - سەنئەت تايانچلىرى ھەرقايسى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە نومۇرلارنى تەييارلاپ نۆۋەت بىلەن سەھنىگە چىقتى، ھەر مىللەت قوشنىلار خۇشال بىر يەرگە جەم بولدى.
كىلاسسىك ئۇسسۇل «كۆك گۈللۈك فارفۇر بۇيۇم» ئالدى بىلەن ئورۇنلاندى، جىڭجۈ تىياتىرى «سۇ سېتىش»تىن ئارىيە، يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى «ئائىلە سۈرىتى»، چىپاۋ ئۇسسۇلى «كېچىدىكى شاڭخەي» قاتارلىق نومۇرلار نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاندى، شادىيانە مۇزىكا نەق مەيدان كەيپىياتىنى قايتا - قايتا جانلاندۇردى. پائالىيەتتە يەنە ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ - ئادىتىنى ھېس قىلىش رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خەلق سەنئەتكارلىرى نەق مەيداندا قەغەز قىيما ھۈنىرىنى نامايان قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇردى.
بۇ كەنتنىڭ ئاھالىسى گۈلشەن ئوسمان مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى نومۇرلار بىر - بىرىدىن قالتىس ئىكەن. كۆپچىلىك بىللە ئولتۇرۇپ ئويۇن كۆردۇق، قوشنىلار كۈلكە - چاقچاق قىلىشىپ، قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە بايرام ئۆتكۈزدۇق، مەن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.»
ئارىش كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئايىمنىسا ئەخەت مۇنداق دېدى: جۇڭچيۇ بايرىمىغا جەم بولۇش گۈزەل مەنىسى مۇجەسسەملەنگەن، ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى ھەر مىللەت يۇرتداشلارنى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر - بىرىگە ھەمدەم بولۇپ، خۇشال كەيپىيات ئىچىدە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، باي ناھىيەسىنىڭ ئونباش يېزىسى تۆۋەنكى ئونباش كەنتىدىكى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتىدا، «خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇش» ناملىق ناخشا - ئۇسسۇل مېلودىيەسىنىڭ ياڭرىشى بىلەن، «ئاي تولغان جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمىنى مەدھىيەلەش، مول ھوسۇلدىن خۇشال - خۇرام بەھرىلىنىش» باش تېمىلىق پائالىيىتى قىزغىن كەيپىياتقا تولدى.
كەنت ئاھالىلىرى ئۆزى تەييارلاپ، ئۆزى ئورۇنلىغان يېزا - كەنت مودا كىيىم كۆرىكى، كىلاسسىك شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىش، كۆرۈنۈشلۈك دىراما قاتارلىق نومۇرلار نۆۋەت بىلەن ئورۇنلىنىپ، مول ھوسۇل نەتىجىلىرى مەدھىيەلەندى، بەختلىك تۇرمۇش مەدھىيەلەندى، ئۇلۇغ ۋەتەن مەدھىيەلەندى. نەق مەيداندا يەنە نۇقتا توپ تېپىش مۇسابىقىسى، مول ھوسۇل چەمبىرىكى تاشلاش، يۆبىڭ يېيىش مۇسابىقىسى قاتارلىق ئويۇنلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە قاتنىشىپ، ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا بايرام خۇشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىلەندى.
ئونباش يېزىسى توغراقلىق مەھەللە كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئازادەم ئىمەر مۇنداق دېدى: «بۇ يىل زىرائەتلەردىن ياخشى ھوسۇل ئالدۇق، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى. يېزىنىڭ قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگىنىگە رەھمەت، بىزگە بەختنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمىز».
ئائىلە بىلەن دۆلەت قەلبداش، ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈردى
يۆبىڭ ياشانغانلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى، ئېغىز گارمۇنىنىڭ ئاۋازى ھويلىدا ياڭرىدى. 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، لوپ ناھىيەسى لوپ بازارلىق ياشانغانلار ساناتورىيەسى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابى لوپ ناھىيەسىدىكى خىزمەت ئەترىتىنىڭ «جىڭلو قوناق دېنى» خەلقنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى لوپ ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونوم رايوندىكى داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ جايدا «ئاي تولغان جۇڭچيۇ بايرىمىدا ياشانغانلار ساناتورىيەسىنى ئىللىتىش، بېيجىڭ بىلەن لوپ بىر مەقسەتتە ئورتاق گەۋدە بەرپا قىلىش» باش تېمىسىدىكى ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ساناتورىيەدىكى 100دىن ئارتۇق ياشانغان كىشى بىلەن خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.
شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋە ياش پىدائىيلار يۆبىڭ قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ياشانغانلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ، چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ مۇڭداشتى، جەم بولۇش توغرىسىدا پاراڭلاشتى؛ لوپ ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىدىكى ياش پىدائىيلار ئېغىز گارمۇنى مۇزىكىسى، خور، مىللىيچە ئۇسسۇل قاتارلىق نومۇرلارنى تەقدىم قىلدى. داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى ياشانغانلارنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆرۈپ، قان بېسىمىنى ئۆلچەپ، قان شېكىرىنى تەكشۈرۈپ، سوزۇلما كېسەللىكلەر بويىچە ساغلاملىق يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى، دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى، يەنە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ھەم ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلارنىڭ كېسىلىنى كارىۋات بېشىغىچە بېرىپ كۆرۈپ قويدى؛ كەسپىي ساتىراش پىدائىيلار ياشانغانلارنىڭ چېچىنى خالىس ياساپ قويدى.
بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابى لوپ ناھىيەلىك خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى دۇ بىڭلىن مۇنداق دېدى: «جۇڭچيۇ بايرىمىدا ئۆيىمىزگە قايتالمىدۇق، ئەمما لوپ بىزنىڭ ئىككىنچى يۇرتىمىز، بۇ جايدىكى يۇرتداشلار بىزنىڭ تۇغقىنىمىز. بۈگۈن ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى ياشانغانلار بىلەن بىللە جۇڭچيۇ بايرىمى ئۆتكۈزدۇق، ئۇلارنىڭ خۇشال بولغانلىقىنى كۆرۈپ، بىزمۇ ناھايىتى خۇشال بولدۇق. خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىش بىزنىڭ ئەڭ ياخشى بايرام ئۆتكۈزۈش شەكلىمىز».
9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى بۇلاق كەنتىدىكى قىزىل ئانار مەدەنىيەت مەيدانىدا «تولۇن ئاي چىققان جۇڭچيۇ بايرىمىدا دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش. مېھىرگە تولغان قوشنىلار يۈز ئائىلە زىياپىتى» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش باش تېمىسىدىكى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىنتايىن قىزىقارلىق «توخۇ سوقۇشتۇرۇش» مۇسابىقىسى ئالدى بىلەن باشلىنىپ، ئەتراپتىكى ئاممىنى جەلپ قىلدى، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى. ئارقىدىن، كادىرلار ۋە ئامما ئورۇنلىغان قوش كىشىلىك ئۇسسۇل، چالغۇ چېلىش، يالغۇز كىشىلىك ناخشا قاتارلىق نومۇرلار نۆۋەت بىلەن سەھنىگە چىقتى.
يۈز ئائىلە زىياپىتىدىكى ئۇزۇن ئۈستەلگە كەنت ئاھالىلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان پولو، يۆبىڭ قاتارلىق مەززىلىك تائاملار رەتلىك تىزىلغانىدى، كۆپچىلىك ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلاندى ھەم مۇڭداشتى. كەنت ئاھالىسى مەرھابا ئىمىن مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى پائالىيەت ئىنتايىن قالتىس بولدى، بايرام كەيپىياتى ناھايىتى قويۇق. بەختىمىزگە يارىشا پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بولغاچقا، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى».
(مۇخبىر رايىدە، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، پەرىزات ئابدۇل، جاڭ رۇيلىن، جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر سۈن جېنسۇڭ)






