تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇلنى چىڭىتىپ روھنى تاۋلاش، تاغ - دەريالار بىر مەقسەتتە بولۇش

​− شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ 1 - قەۋەتتىكى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئورنىدا ئۇزۇنلۇقى 6.05 مېتىر، كەڭلىكى 2.4 مېتىر كېلىدىغان بىر پارچە غايەت زور سۈرەت تىپتىنچ تۇراتتى. سۈرەتتە، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى 81 زات رەڭدار كىيىملەرنى كىيىپ، قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تۇرغان بولۇپ، چېھرىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلىنەتتى.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تارتىلغان بۇ سۈرەتكە 70 يىل بىر مەقسەتتە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش خاتىرىلەنگەن؛ چېھرىدە جىلۋىلىنىپ تۇرغان تەبەسسۇم ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇپ بىللە ياشاۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولغانىدى.

بۇلتۇر 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن بېغىشلىمىنى ھەدىيە قىلدى، «شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك» «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

سەمىمىي تاپشۇرۇق چوڭقۇر مەنىلىك ۋە چىن ھېسسىياتقا تولغانىدى؛ يېڭى يولدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەزمۇت قەدەم تاشلاندى. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيە زىچ چۆرىدىلىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم ياخشىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، «جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھى» تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، بىپايان چېگرا رايوندىكى ھەممىلا جايدا ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان، جۇش ئۇرۇپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان تۈرلۈك - تۈمەن يېڭى قىياپەت بارلىققا كەلدى.

مۇقىملىق باش ئورۇنغا قويۇلدى، يىللار تىنچ - خاتىرجەملىككە تولدى

ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ ئالدى بىلەن ئىتتىپاق - ئىناق شىنجاڭ.

بۇلتۇر 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك.

باشتىن - ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان نىشاندا ئۇزاق كەلگۈسى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئومۇملۇق ئىگىلەندى.

شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش يولىدا مۇقىملىق باش ئورۇنغا قويۇلدى. مۇقىملىق بولمىسا، ھېچنېمىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولغاندىلا، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار ئاندىن كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر ئارىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل مەنزىرىسىنى بىر مەقسەتتە ئورتاق سىزىپ چىقالايدۇ.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى قەتئىي تەۋرەنمەي باش ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تۈردە زوراۋانلىق، تېررورلۇق خەۋپ - خەتىرىنى بىخ ھالىتىدە تۈگىتىپ، چوڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى - ۋەقەسى يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىدى. ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى جەھەتتىكى رازى بولۇش دەرىجىسى ئۇدا كۆپ يىل %99تىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدا. باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئۇلنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ خەلق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئاساسىي قاتلام مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپى، شۇنداقلا ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپى.

پامىر ئېگىزلىكىدىكى ۋاخان كارىدورى تاغلارنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇ جايدا سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق بولىدۇ، پەيىك چېگرا ساقچىخانىسى دېڭىز يۈزىدىن 3780 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھاياتلىق ئېگىزلىكىدە يىلتىز تارتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي چېگراسىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. ئەۋلادمۇئەۋلاد خەلق ساقچىلىرى قار - مۇز كېچىپ چېگرانى چارلاپ، چېگرانى قوغداپ، چارۋىچىلىق رايونىدا يىلتىز تارتىپ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، قانۇنچىللىق لېكسىيەسى سۆزلەپ، تۈرلۈك تالاش - تارتىشلارنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىپ، ساداقەتمەنلىكنى تۈمەنلىگەن تاغ چوققىلىرىغا پۈتۈپ چىقتى.

«بەزى خەلق ساقچىلىرى چارۋىچىلارنىڭ قوي - كالىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشتى؛ بەزى خەلق ساقچىلىرى قاپسىلىپ قالغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە ئۈچ كېچە - كۈندۈز يول يۈردى...» تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دەفتەر يېزىسى ئاقجەيلى كەنتىنىڭ ئاھالىسى چالباي ئارىكبا مۇنداق دېدى: ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئامما ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ياخشى ئىشلىرىنى كۆپلۈكىدىن ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.

پەيىك چېگرا ساقچىخانىسى پارتىيە ياچېيكىسى «پارتىيە قۇرۇلۇشى + ساقچى ئىشلىرى + چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەش + مۇلازىمەت قىلىش» خىزمەت ئەندىزىسى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، چارۋىچىلىق رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئولتۇراقلىشىشى تارقاق بولۇش، ياشانغانلار نوپۇسى كۆپ بولۇش قاتارلىق رېئال قىيىن مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، «ۋاخان ئاۋانگارتلار مۇلازىمەت ئەترىتى»نى تەشكىللەپ قۇرۇپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ 300 قېتىمدىن ئارتۇق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتنى قانات يايدۇردى.

كۈچنى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدەندى. خىزمەت كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتە چىڭ تۇردى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتتى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق ياراتتى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇردى، يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇردى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى... شىنجاڭ ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش پولات ئىستىھكامى بەرپا قىلدى.

تىنچ، تەرتىپلىك بولغان جەمئىيەت مۇھىتى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بەردى. ھەر مىللەت ئامما گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىش، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىش ئەمەلىيىتىدە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ پۇختا جەمئىيەت ئۇلى قىلىپ پۇختىلىدى، شىنجاڭ تۇپرىقى يىلمۇيىل تىنچ - خاتىرجەم بولدى، يىلمۇيىل يۈكسەلدى.

قەلبداشلىق تاۋلاندى، كۈچ مۇجەسسەملەندى

داقا - دۇمباق ئاۋازى ياڭراپ، قىزىل بايراق شامالدا جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسى ئاقتۆبەك بازىرىدىكى شىسەن تېغى باغرىدا، بىر مەيدان قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئەنسەي بەل دۇمبىقى ئويۇنى قويۇلۇۋاتاتتى − 240 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بېلىگە قىزىل شايى باغلاپ، قىزىل دۇمباقنى يانچە ئېسىپ، قولىدىكى دۇمباق چوكىسىنى مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ يۇقىرى - تۆۋەن ئوينىتىۋاتاتتى.

«ئىلگىرى ئەنسەي بەل دۇمبىقىنى تېلېۋىزوردىلا كۆرگەنىدىم، ھازىر ئۆزۈم چالالايدىغان بولدۇم، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم» دېدى ئاقتۆبەك بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئېراسىن ئايبو.

سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكىنىڭ قەدىمقى سەنئىتى مىڭ چاقىرىمدىن ھالقىپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدە تارقالدى، جۇلالاندى. ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر بىرلىكتە بەل دۇمبىقى چېلىپ، قىزىل شايىلارنى بىرلىكتە ئوينىتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش جەريانىدا دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.

چېچىلىپ تۇرىدىغان قۇم بىلەن ئېگىز ئىمارەت سالغىلى بولمايدۇ. قانچىكى ئۇلۇغۋار ئىشتا كەڭ ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنى شۇنچە مۇجەسسەملەپ، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى شۇنچە تاۋلاشقا توغرا كېلىدۇ.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دۆلەت بىرلىكىنىڭ ئۇلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى، مەنىۋى كۈچنىڭ جېنى. شىنجاڭدا، ئۇ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەكس ئېتىپ تۇرىدىغان چىن ھېسسىيات، ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشاپ بىللە ئۆگىنىدىغان، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، بىللە ئىشلەپ بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان جانلىق ئەمەلىيەت −

ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى قىرغىز مىللىتىدىن بولغان چېگرا قوغدىغۇچى بۇرماقان مولدو پامىر ئېگىزلىكىدىكى 100 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق چوڭ - كىچىك تاشقا ئۆز قولى بىلەن «جۇڭگو» دېگەن خەتنى ئويۇپ چىقتى. ياشىنىپ قالغان بۇرماقان مولدو دائىم مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئانچە كۆپ خەت يازالمايمەن، لېكىن مەن بىلىمەن، بىز ھەممىمىز جۇڭگولۇق، ۋەتەننىڭ ھەربىر سۇڭ تۇپرىقىنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.»

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇس شوپۇرى گۇ شياڭفېڭ ھەر كۈنى شەھەر كوچىلىرىدا يۈرۈپ، ياشانغانلار، مېيىپلەرنى ئۇچراتسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يار - يۆلەك بولدى، سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۇچراتسا سەۋرچانلىق بىلەن يول كۆرسىتىپ بەردى، ئاپتوبۇس كىرا ھەققىنى ئۇنتۇپ قالغان يولۇچىلارنىڭ پۇلىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزى تۆلەپ قويدى. ئون مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئاپتوبۇس كوزۇپى گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇشىدىكى مىكرو كۆزنەككە ئايلاندى.

بۇلتۇر 7 - ئايدا، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا، دۆلەت شېئىرى ئورۇنلىنىپ، دۆلەت بايرىقى چىقىرىلغان پەيتتە، چىرا ناھىيەسى چىرا بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى پاتىمەخان پەرھات پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ سالام بەردى، كۆزلىرىدىن ياشلار تۆكۈلدى، بۇ كۆرۈنۈش كامېرا ئارقىلىق خاتىرىلىنىپ، يۈز مىليونلىغان تورداشنى تەسىرلەندۈردى. كىشىدە تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى بۇ قىزچاقنىڭ «بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق كۆك ئاسماندا جەۋلان قىلدى، ئۇ ئوتقاشتەك قىزىل، شۇنداقلا قەلبىمدە مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان قىزىل» دېگەن سۆزى بولدى.

…

بەخت - سائادەت ۋە جاپادا بىللە بولدى، شەرەپ - نومۇستا بىللە بولدى، ھايات - ماماتتا بىللە بولدى، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقى، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، تارىخىي مۇقەررەرلىك.

بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭغا تارقالغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇلىرىدا ئېجىل - ئىناق ئۆتۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ خۇشال كۈلكە سادالىرى ياڭرىدى؛ بېرىپ - كېلىپ قاتناۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش ناملىق» پويىزلار ئۆزئارا ھەمدەم بولغان دوستلۇق رىشتىگە گۇۋاھ بولدى؛ ئۇسسۇللۇق تىياتىر «كۈسەن»، ھۆججەتلىك فىلىم «شىنجاڭ تۇپرىقى» «زو زۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشى» قاتارلىقلار كەڭ دائىرىدە ياخشى باھاغا ئېرىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى خۇددى تىيانشان قارىغايلىرىغا ئوخشاش مۇنبەت تۇپراقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، مەردانە قىياپەتتە قەددىنى تىك تۇتۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشماقتا.

مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەندى، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىلدى

چوڭ دەريا ئېقىنىنىڭ مەنبەسى بار. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەزمۇنى مول ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن، ھەممىنى قوبۇل قىلىدىغان مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى خۇاشيا زېمىنىنى ئوزۇقلاندۇرماقتا، چېگرا رايوندىكى تاغ - دەريالارنى ئوزۇقلاندۇرماقتا.

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئۇنىڭدا كۆزلەنگىنى دەل جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش، سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشقا، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىل بولۇش - بولماسلىقىغا دائىر مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىش.

«ماناس» مىڭ يىلدىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن، ئۇ قىرغىز مىللىتى پەخىرلىنىدىغان قەھرىمانلىق داستانى، 2006 - يىلى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، 2009 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

يېڭى دەۋردە، شىنجاڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتتى، «ماناس»نىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى كۈندىن - كۈنگە ئۇرغۇپ، قوش ئاۋازلىق ناخشا، خور، ئېيتىشىش، ناخشا ئېيتىشىش، لەپەر، ئوپېرا، ئۇسسۇللۇق تىياتىر قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى ھەم قومۇز، ئېغىز چالغۇسى قاتارلىق مىللىي چالغۇلار قوشۇلدى، بۇ، مىڭ يىللىق تارىخىي داستان ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ھالىتى ئارقىلىق، پامىر ئېگىزلىكىدىن تېخىمۇ كەڭ دۇنياغا يۈزلەندى.

بىر بۆلەك شىنجاڭ تارىخى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ياراتقان پارلاق مەدەنىيەت تارىخى. قەدىمىي يىپەك يولى بۇ جايدا ھەيۋەتلىك داستاننى قالدۇردى، «ماناس» «جاڭغىر» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتى مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك بايلىق.

تاغ - دەريالار يۇغۇرۇلۇپ، مەدەنىيەت تومۇرى ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. جېجياڭ پىڭخۇ پىپاسى بىلەن شىنجاڭ دومبىراسى بىر سەھنىدە تەڭكەش قىلىنىپ، كۈيلىرى بىر - بىرىگە سىڭىشىپ كەتتى؛ بېيجىڭ تېرە قورچاق تىياتىرى نۇر - سايىگە تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقام سەنئىتىنى جانلىق نامايان قىلدى... 2026 - يىللىق «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭغا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارقىلىق ياردەم بېرىش باش تېمىلىق نامايان قىلىش پائالىيىتىدە، مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە بىڭتۇەندىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرى بىر جايغا جەم بولدى، ھەرقايسى جايلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر - سەنئىتى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ ئورتاق نامايان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن، ھەممىنى قوبۇل قىلىدىغان ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى جانلىق ئىسپاتلىدى.

«بۇ جايدا، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ئابستراكت ئۇقۇم ئەمەس، بەلكى كۆرگىلى بولىدىغان، ھېس قىلغىلى بولىدىغان، سىڭىشىپ كىرگىلى بولىدىغان رېئاللىق» دېدى سەنشى قاپاق ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمى ياساش ماھارىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى جاڭ يۈەن ھاياجانلانغان ھالدا.

تىل ئالاقىسى راۋانلاشقاندا، ئاندىن قەلبلەر تۇتىشىدۇ. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى، شۇنداقلا چېگرا رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

«ياخشىمۇسىز!» ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى باشلانغۇچ مەكتىپىگە كىرگىنىمدە، ھەربىر ئوقۇغۇچى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېلىپ ئەھۋال سورىدى. «ئەدەپ - قائىدە ئۆگەنمىگەندە، پۇت تىرەپ تۇرغىلى بولمايدۇ.» بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى گۈلنەزەر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئەنئەنىۋى ئىلمى كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش جەريانىدا، ساۋاقداشلار جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ھېس قىلىپ، ئاتا - ئانىغا ۋاپادار بولۇش، باشقىلار بىلەن دوستانە ئۆتۈش، لەۋزىدە تۇرۇشنى چۈشەندۇق.

«دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىلىشىشىدىكى كۆۋرۈك، شۇنداقلا ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشى، ئارزۇغا ئىنتىلىش، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى <ئالتۇن ئاچقۇچ>.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى قۇربان نىياز مۇنداق دېدى: دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنى دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، بىلىم ۋە قابىلىيەت ئارقىلىق يۇرت - ماكاننى قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

كىتاب مەدەنىيلىك ۋاسىتىسى، كىتاب ئوقۇغاندا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

كوئېنلۇن تېغى باغرىدا كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى تەدرىجىي ئەۋج ئالدى. 9 - ئاينىڭ بېشىدا، 3 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى خوتەندە ئۆتكۈزۈلدى. خوتەن قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي لىنىيەسىدىكى مۇھىم بازار، كوئېنلۇن مەدەنىيىتى، ئۇدۇن مەدەنىيىتى، يىپەك يولى مەدەنىيىتى بۇ جايدا يۇغۇرۇلۇپ مەۋج ئۇرۇپ، قويۇق، پارلاق مەدەنىيەت ئاساسى جۇغلاندى.

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش كۈندىلىك ئىشلاردا ئوزۇقلاندۇردى، قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇردى. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش جەريانى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانى. نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايىتىدە 1597 ئېغىز دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى، 21 شەھەر (مەنزىرە رايونى) كىتاب ئوقۇش ئۆيى، كۇتۇپخانا، 12 يېزا - كەنت بىلىم ئورنى قۇرۇلۇپ، كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى قايناق شەھەر تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئوزۇقلاندۇردى.

مەدەنىيەت ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، قەلبلەر يۈكسىلىپ مۇجەسسەملەندى. مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەش جانلىق مەنزىرىسى شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئاستا - ئاستا نامايان بولدى.

ئاساس مۇستەھكەملىنىپ قۇۋۋەت توپلاندى، ئەبەدىي ئەمىنلىك كۆزلەندى

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بارلىققا كەلگەن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ قۇدرەتلىك ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى تولۇق دەلىللىدى.

«تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلاش، ئىدىيەدە ھەر ۋاقىت تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى بولۇش، تولۇق تەييارلىق بولۇش كېرەك.» چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش، مىللەتلەر خىزمىتى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى يولىدا توسالغۇ كۆپ ھەم يول ئۇزۇن، جەزمەن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، سىجىل كۈچەپ، قىلچە توختاپ قالماي، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.

ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ قۇۋۋەت توپلىغاندىلا، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. «ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنداق تەكىتلىدى.

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭ شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنى يىغىپ، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قېتىرقىنىپ تۈزدى، «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى»نى تۈزۈش تاماملىنىپ، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى بېيجىڭدا رەسمىي ئېلان قىلىندى.

«شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا بۈيۈك بىردەكلىككە ئىگە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا شىنجاڭنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغانلىقىدىن ئىبارەت شانلىق تارىخىي داستان ۋە كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت تارىخىي مەنزىرە سىستېمىلىق نامايان قىلىندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش شانلىق مۇساپىسى چوڭقۇر بايان قىلىندى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىندى.

«<شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى>نىڭ نەشر قىلىنىشى دىن ساھەسىدىكى زاتلارغا شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇتتى. ھەرقانداق دىن شىنجاڭ تۇپرىقىدا ۋارىسلىق قىلىنىش، راۋاجلىنىش ئۈچۈن، جەزمەن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، دەۋر بىلەن جەمئىيەتكە ماسلىشىشى كېرەك، بۇ، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەدرىجىي ئۆزگىرىشنىڭ مۇقەررەر قانۇنىيىتى» دېدى جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھىرى شەنشى چوڭ مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى بەي شېڭفۇ.

تارىخنى ئەينەك قىلىپ، گۈللىنىش ۋە خارابلىشىشنى بىلىش، تارىخ ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەسىلىلىرىنى ئېنىق چۈشىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش كېرەك − بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مەردانە قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلىمەكتە، ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى رىشتە شەكىللەندى.

ۋەتەن تىنچ - ئامان، ئائىلە بىلەن دۆلەت قەلبداش؛ داغدام يول سەپىرى ئۇلۇغ ھەم چەكسىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ كۆرسەتكەن تۆت «ئورتاقلىق» بۇ تۇپراقتا قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى − «ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ماكانى بار، ئۇ دەل جۇڭگو؛ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر سالاھىيىتى بار، ئۇ دەل جۇڭخۇا مىللىتى؛ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ئىسمى بار، ئۇ دەل جۇڭگولۇق؛ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ئارزۇسى بار، ئۇ دەل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش!»

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.