□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى يۇقىرى ھوسۇللۇق ئېتىزلاردا مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولغانىدى، تارىم ئويمانلىقىدىكى پاختا دېڭىزى كۆز يەتكۈسىز ئىدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مېۋىلىك باغلاردا شاخلار مېۋىگە لىق تولغانىدى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئېتىزلاردا توختىماي مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، ئاقىل تېمىتىپ سۇغىرىش ئەسلىھەلىرى ئېتىزلارنى ئوزۇقلاندۇرماقتا ئىدى، رەقەملىك سۇپىلاردا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك تومۇر سوقۇشى نامايان بولۇپ تۇراتتى. 9 - قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» پەيتىدە، مول ھوسۇل شادلىقى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى قاپلىدى، «جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى <يېڭى> ئاشلىق ئامبىرى» ۋەزنى بار مول ھوسۇل جاۋاب قەغىزى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.
مول ھوسۇل بەختتىن دېرەك بەردى، مول ھوسۇلغا كۆڭۈل بۆلۈش مۇجەسسەملەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك» «زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق كەسىپلەر باغچە رايونلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە ئاساسەن، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. سەمىمىي تاپشۇرۇققا چوڭقۇر ئۈمىد مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن يول باشلاپ يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى.
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى قەلبىگە پۈكۈپ، تىرىشىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى بىپايان ئېتىزلاردىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى. ئاشلىق بىخەتەرلىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى پۇختا تۇتۇپ، سورتلۇق ئۇرۇقلۇق، ياخشى ئۇسۇللارنى كېڭەيتىپ ۋە ئەمەلىي قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. بۇ يىل، شىنجاڭنىڭ يازلىق ئاشلىق بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسى مەملىكەت بويىچە 5 - ئورۇنغا ئۆتتى، بۇغداي بىرلىك ھوسۇلىدا ئۇدا سەككىز يىل ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، «جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى <يېڭى> ئاشلىق ئامبىرى» مول ھوسۇل جاۋاب قەغىزى ئارقىلىق «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەمەلىيلەشتۈردى.
يىللار كۈرەشنى نەقىشلىدى، مول ھوسۇل ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى. جاپالىق ئەجىر سىڭگەن مۇساپىگە نەزەر سالساق، 1984 - يىلى شىنجاڭ ئاندىن «يۆتكەپ كېلىنگەن ئاشلىق»نى يېيىش قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئاشلىق، پاختا، ياغ، شېكەر بىلەن ئۆزىنى ئۆزى قامداشنى ئىشقا ئاشۇردى، «14 - بەش يىل» مەزگىلىگە كەلگەندە، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئېشىش مىقدارى تېزدىن مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇنغا ئۆتۈپ، ھەر يىلى ساپ يۆتكەپ چىقىرىدىغان ئاشلىقى 10 مىليارد جىڭدىن كۆپرەككە يەتتى؛ ئاشلىق خىزمىتى فاڭجېنى «ئاپتونوم رايون ئىچىدە تەڭپۇڭ بولۇش، ئازراق ئېشىنچا بولۇش»تىن «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش»كە تەڭشەلدى. مول ھوسۇل ئېلىش ئىشەنچى شىنجاڭنىڭ باشتىن - ئاخىر ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتىكى قەتئىي ئاڭلىقلىقىدىن كەلگەن، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن دېھقاننىڭ جاپالىق ئەجرىدىن كەلگەن، مۇنبەت ئېتىز، سورتلۇق ئۇرۇقلۇق، ئىلغار ماشىنا، ياخشى ئۇسۇللارنىڭ توپلىنىپ ماسلىشىشىدىن كەلگەن، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ جۇشقۇن قۇۋۋىتىدىن كەلگەن.
مول ھوسۇل ئاشلىق ئامبىرىنىڭ لىق تولۇشى بولۇپلا قالماي، يەنە كەسىپلەرنىڭ گۈللەنگەنلىكى، يېزا ئىستىلىنىڭ مەدەنىي بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغانلىقى، پۇقرالارنىڭ باياشاتلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شىنجاڭ مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ سۈپەتلىك ماركا سېپىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، دېھقانلارنىڭ ماددىي باياشاتلىقى ۋە مەنىۋى باياشاتلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈجۈپىلەپ ئىشلەش داۋامىدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.
يېڭى مۇساپىدە، بىز تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، رايون ۋە تۈرگە ئايرىپ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شورلۇق يەرلەرنى تۈزەش، ياخشىلاشنى پۇختا يولغا قويۇپ، سۇ بايلىقىنى ئىلمىي تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە جابدۇق تىرىكىنى كۈچەيتىپ، مۇنبەت ئېتىز، سورتلۇق ئۇرۇقلۇق، ئىلغار ماشىنا، ياخشى ئۇسۇللارنى توپلاشتۇرۇپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. يېزا ساھەسىگە ئالاقىدار تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تىجارەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا - كەنت تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش سىياسەت سىستېمىسىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يار - يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلاتنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
ئەجىر قىلىش توختاپ قالمىسا، مول ھوسۇل مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى نىشانلاپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى سىجىل پۇختىلاپ، بىز چوڭ دۆلەت ئاشلىق ئامبىرىنىڭ ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز.






