− شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا يېڭى مەنزىل ئېچىلدى
■ئىستون سۆزى
بۇلتۇر ئالتۇن كۈزدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن بېغىشلىمىنى ھەدىيە قىلدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، غەمخورلۇقى بولۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
بىر يىلدىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى پۇختا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، گېزىتىمىز بۈگۈندىن باشلاپ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى يېڭى نەتىجە، يېڭى قىياپەتنى سىجىل خەۋەر قىلىدۇ، دىققىتىڭلاردا بولسۇن.
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ
تىيانشان ھەيۋەتلىك، كوئېنلۇن چەكسىز.
دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بۇ تۇپراق قەدىمكى زاماندا يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە «ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتا، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىش»تىن ئىبارەت بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى مۇجەسسەملەندى.
بۇلتۇر ئالتۇن كۈزدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن بېغىشلىمىنى ھەدىيە قىلدى، «مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دەرھال ھەرىكەتكە كەلدى − ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايون بويىچە كادىرلار يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنى قاتارلىقلارنى ئېچىپ، باش شۇجىنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىدىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما قىلىشىغىچە، «پائال ئىزدىنىش» تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قەدەممۇقەدەم تۈرتكە بولماقتا.
ئەڭ مول بايلىق ئەڭ كۈچلۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇلدى
بىپايان تۇپراق شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكى؛ بىپايان تۇپراقنى ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشتە، جەزمەن «مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئاساسى ۋە مۇھىتنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىگە قويۇش» كېرەك. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بۇ بىر يىلدا ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى چىڭ تۇتۇشىدىكى نېگىزلىك مۇقىملاشتۇرغۇچ − مول نېفىت - تەبىئىي گاز، تۇتاش كەتكەن كېۋەزلىك، ئەۋزەل قېزىلما بايلىق جەھەتتە كۆپ ھەم تولۇق بولۇشنى قوغلاشماي، پەقەت ئەڭ مول بايلىقنى ئەڭ كۈچلۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇشنى كۆزلىدى.
دەل جايىدا بېكىتىلسە، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچلۈك بولىدۇ.
تارىم ئويمانلىقىدىكى كېۋەزلىكتە پاختا يىغىش ماشىنىسى ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئۇرۇق سېلىش پەرقىنى بەش سانتىمېتىر ئىچىدە تىزگىنلىگەنىدى − جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات - سودا ھەمكارلىق باش كوپىراتىپىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بىر پاختا يىغىش ماشىنىسى 12 كۈندە 5000 مو يەردىكى پاختىنى يىغىۋالىدىكەن، ئىلگىرى 100 مو يەردە 12 ئادەم توپتوغرا ئىككى ئاي ئالدىراش ئىشلەيدىكەن.
ئادەمنىڭ ئورنىغا ماشىنا ئالماشسا، ئادەم يېڭى بىر جايغا بارالايدۇ.
ساۋەن شەھىرىنىڭ داچۈەن يېزىسى ساۋفاڭجاڭزى كەنتىدىكى خې خۇڭتاۋ 2018 - يىلى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى يېتەكلەپ شىنجاڭ بويىچە ئالدى بىلەن يول باشلاش سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ 2000 مو يەرگە كېۋەز تېرىپ، ئۈنۈمنى بىراقلا %60 ئۆستۈردى.
ئەينى يىلىدىكى بىر ئادەمنىڭ سىنىقى بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن دېھقاننىڭ كۈندىلىك ئىشىغا ئايلاندى.
لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرىدىكى گو شىشۆ بۇ بىر يىلدا مۇنداق ھېسابات دەپتىرى تاپشۇردى: 100 مو كېلىدىغان يادرولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 731.3 كىلوگىرام، 1000 مو كېلىدىغان تۇتاش كەتكەن كېۋەزلىكنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 647.4 كىلوگىرام بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئەندىزىگە سېلىشتۇرغاندا ھوسۇل %15 ئاشتى، ھەر مو يەردىن يەنە 150 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە ئادەم كۈچى تەننەرخى تېجەپ قېلىندى. «كۆپ ئېلىنغان ھوسۇل، تېجەپ قېلىنغان پۇلنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي كىرىم بولدى» دېدى گو شىشۆ.
پاختا ئىشى پەقەت ئېتىز بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.
بىر تال كېۋەز ئۇرۇقىدىن بىر ئۇرچۇق پاختا يىپقىچە، بىر توپ رەختتىن بىر كىيىمگىچە، شىنجاڭنىڭ پاختا كەسىپ زەنجىرى بارغانسېرى ئۇزاردى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى زور بىر تۈركۈم ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى − كېۋەز تېرىيدىغانلار، يىپ ئېگىرىدىغانلار، كىيىم تىكىدىغانلار ئوخشاش بىر كەسىپ زەنجىرىنىڭ تامىقىنى يېدى.
يەر ئاستىدا، يېڭى بۆسۈشلەرمۇ ئارقا - ئارقىدىن ھاسىل قىلىندى.
فۇمەن نېفىتلىكىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئېكۋىۋالېنتى تۇنجى قېتىم 4 مىليون 600 مىڭ توننىدىن ئاشتى؛ بوز - دابېي گازلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم 10 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى؛ مەملىكەت بويىچە تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس مېيى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى جىمىساردا قۇرۇلۇپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 700 مىڭ توننىدىن ئاشتى. نېفىت - تەبىئىي گاز دۆلەتنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»ىسى بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، تۆۋەن ئېقىن خىمىيە سانائىتىنى كۈچەيتىشتىكى خام ئەشيا مەنبەسى بولدى.
«بۇ تۇپراقنىڭ بايلىق زاپىسى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە چوڭقۇرلۇقى.» شىنجاڭ داشۆ سىياسىي ۋە ئاممىۋى باشقۇرۇش شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، پىروفېسسور بۇ لىڭچۈەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ پاختىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ؛ شىنجاڭ نېفىت - تەبىئىي گازى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە جەھەتتىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ»ىسى.
بايلىق ئەزەلدىنلا بار، بايلىقنى كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، كەسىپنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئايلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئاممىنىڭ كىرىمىگە ئايلاندۇرۇشلا ھەقىقىي قابىلىيەت. بۇ دەل باش شۇجى ئېيتقان «ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش».
قىسقىغىنا بىر يىلدا، شىنجاڭدىكى بايلىق زاپىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىشەنچىگە ئايلاندى.
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى چۆل - باياۋاندا ئۆسۈپ يېتىلدى
چۆل - باياۋان شىنجاڭدىكى ئەڭ قاقاس جاي، شۇنداقلا ئەڭ سېخىي جاي.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى چىڭ كۆزلەپ كوللېكتىپ ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى چۆل - باياۋاندىكى شامال ۋە يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە كۆتۈردى − يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «يېشىل توك بىۋاسىتە ئۇلانغان» ھېسابلاش كۈچى كەسپىگە تۈرتكە بولدى.
قاقاسلىقتا شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى، يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلدى، يېشىل توك ھېسابلاش كۈچى مەركىزىگە كۈچ قوشتى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بۇ چۆل - باياۋاندا ئۆسۈپ يېتىلدى.
قومۇلدا 260 مىڭ پارچە نۇر قايتۇرۇش ئەينىكى قۇياشقا ئەگىشىپ ئايلىنىپ تۇرماقتا. سەنشيا گۇرۇھى قومۇل 1 مىليون كىلوۋاتلىق «يورۇقلۇق - ئىسسىقلىق + يورۇقلۇق ۋولت» تۈرى مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ «سىزىقلىق فىرېسنېل» يورۇقلۇق - ئىسسىقلىق ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى بولۇپ، بۇ يىل 7 - ئايدا تىجارەت خاراكتېرلىك سىناق تەرىقىسىدە يۈرۈشتۈرۈلۈشكە قەدەم قويدى. ئەينەك قۇياشنى قوغلىشىپ، چۆل - باياۋاننى ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئايلاندۇردى.
ئوخشاش بىر چۆل - باياۋاندا، تېخىمۇ چوڭ تۈر ھېلىھەم ئېلىپ بېرىلماقتا − جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ قومۇل «يورۇقلۇق - ئىسسىقلىق ساقلاش» بىر گەۋدىلەشكەن تۈرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سەنتاڭخۇ بازىرىغا ماكانلاشقان بولۇپ، 50 مىڭ مو چۆل - باياۋان، 800 مىڭدىن ئارتۇق قوزۇق ئۇلى دۇنيا بويىچە يەككە قارارلىق ئوخشاش تۈردىكى ئەڭ چوڭ تۈر ھېسابلىنىدۇ.
توكنىڭ بۇ بىر يىلدا يېڭى بارار جايى بار بولدى.
بۇ يىل 5 - ئايدا، تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇرغۇن توك ئىشلەتكۈچىلەرگە يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاش تۈرى قومۇل شەھىرى ئاراتۆرۈك ناھىيەسى ھېسابلاش كۈچىدە يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، قاراماي شەھىرى بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچىسىدا ماكانلاشتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى جەمئىي 160 مىڭ كىلوۋات، يىللىق يېشىل توك ئىشلىتىش مىقدارى تەخمىنەن 263 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، چۆل - باياۋاندىكى توك ئاپپارات ئۆيىدىكى ھېسابلاش كۈچىگە بىۋاسىتە كۈچ قوشتى.
جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىمالىي شىنجاڭ ئۈرۈمچى 1 مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېنېرگىيەسى - يورۇقلۇق ۋولت بازىسىدا، تاختا ئۈستىدە توك چىقىرىش، تاختا ئاستىدا قوي بېقىش، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش ۋە «قۇملۇقنى تۇپراقلاشتۇرۇش» تېخنىكىسى توك چىقىرىشنى قۇم تىزگىنلەش، چارۋا بېقىش بىلەن ئوخشاش بىر چۆل - باياۋاندا تەڭ ئېلىپ بېرىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شىنجاڭنىڭ شامال - يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى چىراغ يېقىشقا ئىشلىتىلىپلا قالماي، يەنە ھېسابلاش كۈچى، قۇم تىزگىنلەش، چارۋا بېقىشقىمۇ ئىشلىتىلدى − بىر چۆل - باياۋاندىن بىرنەچچە خىل نەتىجە ھاسىل قىلىندى.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى، پىروفېسسور گې يىشىن مۇنداق قارىدى: «ئېكولوگىيە» دېگەن سۆز شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئېچىپ بەردى. يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تۈرلەرنى دۆۋىلەپ قويۇشقا تايىنىپ بارلىققا كەلگەن ئەمەس، بەلكى ئېكولوگىيەنى ئاسراش، ئەۋزەللىكلەرنى يارىتىشقا تايىنىپ بارلىققا كەلگەن.
شەرقىي قىسىمدا شەرقىي قىسىمدىكى كاپىتال ۋە ئىختىساسلىقلار بار، شىنجاڭدا شامال، يورۇقلۇق، كۆمۈر ۋە چوڭقۇر يەر قاتلىمى بايلىقى بار. شىنجاڭ يېشىل توكى 20 نەچچە ئۆلكىگە يەتكۈزۈلۈپ، جۇڭگونىڭ يېرىمىنى يورۇتتى.
شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەسى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم بىر قۇتۇپ. باش شۇجى «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى − «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش» دېگەن سۆز دەل تېما ئاچقۇچى.
بىر يىلدا، چۆل - باياۋاندىكى يېڭى قۇۋۋەت كۈندىن - كۈنگە زورىيىپ كەلدى.
مەدەنىيەت - ساياھەت ئېكولوگىيە ئاساسىي رېڭىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى
كۆكتوقايدا، بىر قېتىم قېلىن قارنىڭ يېغىشى ئىلگىرى ئۇزاق زىمىستان قىشنىڭ باشلىنىشى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بىر قېتىم قېلىن قارنىڭ يېغىشى بىر پەسىللىك قايناق سودىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى.
ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بۇ بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مەدەنىيەت - ساياھەت بىلەن ئېكولوگىيەنى بىرلەشتۈرۈپ تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «گۈزەل شىنجاڭ»نىڭ مەنزىرىنى ئاممىنىڭ قولىدىكى كەسىپكە ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىغا يېقىن بولغان تاراتى كەنتى قىشتا ئەڭ ئالدىراش بولىدۇ. 200دىن ئارتۇق ئائىلىلىك بار بۇ كەنتتە يېرىمغا يېقىن ئائىلە ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، %80تىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ساياھەت تامىقى يەيدۇ. كەنت ئاھالىسى گۈلپەرەن قابىلغاز ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، بىر قىشتا 30 مىڭ يۈەندىن 40 مىڭ يۈەنگىچە پۇل تاپالايدۇ. «<چەت، يىراق كەنت>تىن <ئېرتىش دەرياسى بويىدىكى قار كەنتى> بولۇشقىچە، ئوتتۇرىدا ئايرىپ تۇرغىنى ياساپ راۋانلاشتۇرۇلغان بىر يول ۋە ياخشى ئېكولوگىيە» دېدى ئۇ.
ئىلى دەرياسى ۋادىسىمۇ ئۆزگەرمەكتە. نارات مەنزىرە رايونى «مەنزىرە رايونى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان - چارۋىچى ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق 2000غا يېقىن دېھقان - چارۋىچىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كۆپەيدى، چارۋىچىلار قامچىنى تاشلاپ، «ساياھەت تاماق قاچىسى»نى قولىغا ئالدى.
قار - مۇز كەسپى قىزىپ كەتتى. تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىن قاناس كۆلى بويىغىچە، قار تېيىلىش مەيدانلىرى يىلدىن - يىلغا كۆپىيىپ، قىش پەسىللىك ساياھەت شىمالىي شىنجاڭنىڭلا پاتېنتى بولماي قالدى.
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش قۇرۇلۇشى 2024 - يىلى تۇتاشتۇرۇلۇپ، 3046 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قۇم توسۇش مۇداپىئە بەلبېغى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ كۆچمە قۇملۇقنى قاشالىدى، بۇلتۇر دائىرىسى 9 مىليون مودىن ئارتۇق كېڭەيتىلدى، بۇ يىل يەنە 10 مىليون مو يەرنى تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى تاماملاش پىلانلاندى. بۇ، قۇملۇقنى چۆرىدىگەن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە بەرگەن جاۋابى.
قۇم چېكىندۈرۈلدى، يېشىللىق ئىلگىرىلىدى، ئاسمان تېخىمۇ كۆك بولدى، كەسىپ زەنجىرى ئۇزاردى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر كۆپەيدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامما كۆرەلەيدىغان ئۆزگىرىش، تۇتالايدىغان ئەمەلىي نەپ.
مەدەنىيەت - ساياھەت ھېساباتى پەقەت ئىقتىساد ھېساباتىلا ئەمەس.
باش شۇجى «مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى تەلەپ قىلىپ، «گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش»نى تەكىتلىدى. ساياھەت كىشىلەرنى باشلاپ كېلىدۇ، شۇنداقلا مەدەنىيەتنى سىرتقا چىقىرىدۇ − ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشى ھەربىر قېتىملىق سەپەردىكى ئۇچرىشىشتا يۈزبېرىدۇ.
جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى دەي بىن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت قىزغىنلىقى بىر كېچىدىلا ئالقىشقا ئېرىشىپ بارلىققا كەلگەن ۋاڭخۇڭ ئۈنۈم ئەمەس، بەلكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە بازار مۇھىتى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ، ئاز - ئازدىن توپلانغان مۇقەررەر نەتىجە − ئالدى بىلەن ئېكولوگىيە ھېساباتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يەنە سەمىمىي، دوستانە ۋە ئىللىق مۇلازىمەت ئارقىلىق، ئادىل ۋە ئۈنۈملۈك بازاردىن پايدىلانغاندىلا، ئاندىن ساياھەت ھېسابات دەپتىرىنى بارغانسېرى تولدۇرغىلى بولىدۇ.
بۇ بىر يىلدا، قۇم چېكىندۈرۈلدى، يول تۇتاشتۇرۇلدى، كىشىلەر كەلدى، قەلبلەر تېخىمۇ مۇجەسسەملەندى.
تەرەققىيات ھېساباتى خەلق قەلبىگە خاتىرىلەندى
تەرەققىيات ئۈنۈمى ئاخىرقى ھېسابتا پۇقرالارنىڭ تارازىسىدا ئۆلچىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىدا: تەرەققىياتنى «خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. بۇ بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىش»نى تەرەققىياتنىڭ ھەربىر ھالقىسىغا نەقىشلىدى − ئۇدا ئۈچ يىل خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى يولغا قويۇپ، مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلەتتى. تەرەققىيات ھېساباتىدا، پارتىيە كومىتېتى ئەزەلدىن ئالدى بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ھېساباتنى قىلىپ كەلدى.
بىر يىلدىن بۇيان، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ھەميېنىنىڭ يېڭى شىكالىسى بار بولدى.
2025 - يىلى، شىنجاڭدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم تۇنجى قېتىم 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، ئەمەلىي ئېشىشى %7.1 بولدى؛ شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 45 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ، ئەمەلىي ئېشىشى %5.3 بولدى. شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم نىسبىتى ئۇدا توققۇز يىل كىچىكلەپ، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ پەرقى يىلدىن - يىلغا كىچىكلىدى.
ھەمياننىڭ تومپىيىشىدا تاماق قاچىسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا تايىنىلدى. 2025 - يىلى شەھەر - بازارلاردا 488 مىڭ 100 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەنلەر 3 مىليون 359 مىڭ 300 ئادەم قېتىم بولدى. غەربكە ئېچىۋېتىش يولى تېخىمۇ ئالدىراش بولدى − 2025 - يىلى ئالاتاۋ پورتىدىن قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 8165 قېتىمغا يېتىپ، تۇنجى قېتىم 8000 قېتىمدىن ئاشتى؛ قورغاس پورتىدىن قاتنىغىنى 9882 قېتىم بولدى. شىنجاڭ ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، جۇڭگودىن غەربكە قاتنىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يېرىمى شىنجاڭ بوسۇغىسىدىن ئۆتتى. پورتلاردىكى ئالدىراشچىلىق ئاخىرىدا ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى ۋە ئائىلە كىرىمىگە ئايلاندى.
خەلق تۇرمۇشى كىرىمدىن ئىبارەت بىر تۈر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ، ئىچىدىغان سۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قەلبلەرگە تۇتىشىدۇ.
بۇ بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ساغلاملىق ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا يەتكۈزۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى بالىلارنى ياخشى ئوقۇش، ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىلا كېسىلىنى ياخشى داۋالىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرى ۋە مەبلىغىمۇ خەلق تۇرمۇشىغا ئۈزلۈكسىز سېلىندى − «قان بېرىش»تىن «قان ئىشلەش»كىچە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بىر مەزگىللىكلا ياردەم ئەمەس، ياردەم بېرىلگىنى ئۇزاق مەزگىللىك قابىلىيەت بولدى.
شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ باشقا جايلاردىن پەرقلىنىدىغان نېگىزى − تەرەققىيات ھېساباتى ئاخىرىدا خەلق قەلبىگە خاتىرىلىنىدۇ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ھەميېنىدا ئەمەلىيلىشىدۇ، ھەربىر ئادەتتىكى كىشىنىڭ تۇرمۇشىنى شېرىنلىككە تولدۇرىدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات مۇساپىسىگە كەڭ دائىرىدە قاتنىشىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
تىيانشان گۇۋاھ بولدى. بىر يىل تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا پەقەت بىر دەقىقە ھېسابلىنىدۇ؛ ھالبۇكى، دەل مۇشۇ دەقىقىدە بايلىق ئاساسى ئىشەنچكە ئايلاندى، تۇرمۇش تېخىمۇ ئۈمىدكە تولدى.
«ئورتاق بېيىش يولىدا بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك» − بۇ، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى، شۇنداقلا تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كەلگۈسى.






