مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئىجادىيىتى
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى رۇي خەۋىرى، فوتوسى) 9-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى جيەنچۈەن كوچىسى جيەنچۈەن شەرقىي مەھەللىسى رەڭدار پارتىيە قۇرۇلۇشى باغچىسىدا كۈلكە سادالىرى ياڭراپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەر سەھنىگە چىقىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، جۇڭچيۇنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. كۆپچىلىك ئۆزلىرى ئوخشىتىپ پىشۇرالايدىغان پىشۇرۇق، تائام-قورۇمىلارنى ئېلىپ كېلىپ، چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ «ھەممە ئائىلىنىڭ تەمى»نى تېتىپ، قوشنىدارچىلىق مېھرى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، كۈلكە-چاقچاقلار ئارىسىدا مېھىر-مۇھەببەت چوڭقۇرلاشتى. ماشىنا ئادەم ئويۇنى چوڭلار ۋە كىچىك بالىلارنى جەلپ قىلىپ، پائالىيەتكە پەن-تېخنىكا تۈسى قوشتى.

9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ھەر مىللەت ئاھالىلەر جەم بولۇپ مۇڭداشتى ھەم بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
«ئادەتتە كۆپچىلىك ھەممىمىز ئۆز ئىشلىرىمىز بىلەن ئالدىراش يۈرىمىز، بىر-بىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالساق باش لىڭشىتىپ سالاملىشىپلا ئۆتۈپ كېتىمىز. بۈگۈن بىللە ناخشا ئېيتىپ، يۈز ئائىلە زىياپىتىگە ئېغىز تېگىپ، بىردەمدىلا بۇرۇنقىدىن خېلىلا يېقىن بولۇپ قالدۇق!» دېدى ئاھالە لى خانىم ئۆزى پىشۇرغان يۆبىڭنى قوشنىلىرىنىڭ تېتىپ بېقىشىغا سۇنغاچ كۈلۈپ، «قاراڭ، بۇ ئۈستەلدە ساڭزا، قۇيماق، يەنە يۆبىڭ بار، تۈرلۈك مەززىلىك تەملەرنى تېتىدۇق، قوشنىدارچىلىق مېھرىنى ھېس قىلدۇق. مەھەللە بىزنىڭ چوڭ ئائىلىمىز!»

9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، قەدەھ كۆتۈرۈپ جۇڭچيۇ كاتتا بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.
بىر مەيدان باغ سەيلىسىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىللىق ئېقىمى قوشنىلار ئارىسىدا تارىدى، شۇنداقلا بۇرۇنقىلارنىڭ «يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا» دېگەن گېپى جۇڭچيۇدىكى ئاي تولغان ۋاقىتتا قەلبلەرنى تېخىمۇ ئىللىتتى.

9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، جۇڭچيۇ كاتتا بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.

9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئارتىسلار پائالىيەت نەق مەيدانىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ماشىنا ئادەم ئويۇنى پائالىيەتكە پەن-تېخنىكا تۈسى قوشتى.






