تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

پويىز بىۋاسىتە بارىدۇ ← «كۈزدىكى مۇھەببەت» پەيتىڭىز بىلەن ئۇچرىشىڭ

«مەن كۈز پەسلىنى بەك ياخشى كۆرىمەن!

ھاۋا سالقىنلىسا ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن

ھاۋا سالقىن، قۇياش نۇرىمۇ بەك كۈچلۈك ئەمەس

ئۇرۇلغان شامالمۇ كىشىگە راھەت بېغىشلايدۇ!»

يېقىندا «كۈزدىكى مۇھەببەت»تەسۋىرلەنگەن بىر ئابزاس سۆز

سانسىز تورداشنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى

كەچكى سالقىن شامال، زۇمرەتتەك سۈزۈك دولقۇن 

جىمجىت بىپايان تۇپراق، يۈرەككە بارىدىغان شېرىن تەم 

بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ كۈز پەسلى بولۇپ

 كىشىگە ئۆزگىچە ئارامبەخشلىك بېغىشلايدۇ

تۆۋەندە

مۇھەررىر بىلەن بىرلىكتە پويىزغا ئولتۇرۇپ

 سىزگە تەۋە «كۈزدىكى مۇھەببەت»نى ھېس قىلىڭ

توغراقلىق

    ئەگەر بىر خىل مەنزىرە شىنجاڭنىڭ كۈز پەسلىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ دېيىلسە، توغراقلىق دەل قولدىن بېرىشكە بولمايدىغان گۈزەل مەنزىرىدۇر. ئېگىز ئاسماندا بۇلۇتلار لەرزان ئۈزۈپ يۈرىدۇ، قۇياش نۇرى يېقىشلىق، ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، مەنزىرە تاماشا قىلىپ سۈرەتكە تارتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ھېسابلىنىدۇ.

    شىنجاڭنىڭ بۈگۈر ناھىيەسىگە جايلاشقان تارىم توغراقلىق دۆلەت ئورمان باغچىسى شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىپتىدائىي توغراقلىق مەنزىرە رايونى، شۇنداقلا پۈتكۈل تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى توغراقلىق بولۇپ، ئەڭ ئىپتىدائىي، توغراق ئەڭ مەركەزلەشكەن ھەم ئەڭ ياخشى ئۆسكەن رايون بولۇپ، «3-دەۋردىكى تىرىك تاشقاتما» دەپ ئاتىلىدۇ.

    بۇ ئورمان باغچىسىغا ئەڭ يېقىن ۋوگزال بۈگۈر ۋوگزالىدۇر. ھەر كۈنى ھەرقايسى ۋاقىت بۆلىكىدە، نۆۋەتچى پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن بۈگۈر ۋوگزالىغا قاتنايدۇ. بۈگۈر ۋوگزالىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، يولۇچىلار ئاپتوموبىل ھەيدەپ بىر يېرىم سائەتتە توغراقلىققا يېتىپ بارالايدۇ.

كۆل

    بىر خىل كۆك رەڭ بار، ئۇ بولسىمۇ «سايرام كۆلىنىڭ كۆك رېڭى»، سايرام كۆلىنىڭ جىمجىتلىقى كۈزدىكى گۈزەللىك بىلەن ماسلاشقان بولۇپ، كۆپكۆك ئاسمان كۆل بىلەن تۇتىشىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كۆل سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك كۆرۈنىدۇ.

    سايرام كۆلى شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز بولغان ئېگىز تاغ كۆلى بولۇپ، كۈز شامىلىدا زۇمرەتتەك دولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ، مەنزىرىسى كىشىنى جەلپ قىلىدۇ، كۆل سۈيى كۆپكۆك بولۇپ، كۆپكۆك رەڭ قېنىق كۆك رەڭگە كىرىپ، كۈز پەسلىنىڭ كاتتا مەنزىرىسىگە ئۆزگىچە يارقىن تۈس قوشىدۇ.

يايلاق

    كۈز پەسلىدىكى قاناس ئاجايىپ گۈزەل بولۇپ، سېرىق ۋە يېشىل رەڭلەر تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، خۇددى بىر كۇبلېت رەڭدار شېئىرغا ئوخشايدۇ.

    بال قارىغاي، ۋۇجېنسۇڭ قارىغىيى، ئاق شەمشاد قاتارلىق يىڭنە يوپۇرماقلىق دەرەخ تۈرلىرى بىلەن ئاق قىيىن قاتارلىق كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان ئارىلاش تارقالغان بولۇپ، بەزىلىرى يېشىل، بەزىلىرى سېرىق رەڭگە كىرىدۇ، كۆزگە چېلىقىدىغان يەرنىڭ ھەممىسى گۈزەللىككە تولغان.

مېۋە-چېۋە

    كۈزدىكى شىنجاڭ ناھايىتى تاتلىق پۇرايدۇ، ھەر بىر نەپەس ھاۋا تەبىئەتنىڭ سوۋغىسىدۇر.

    ئالما

    ئاقسۇ شىنجاڭ تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم بوستانلىق. كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك، تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇش، قار سۈيى بىلەن سۇغىرىشتىن ئىبارەت ئۆزگىچە تەبىئىي شارائىتنىڭ پايدىسىدا، بۇ جايدا بىڭتاڭشىن ئالمىسى ۋەكىللىكىدىكى ھەرخىل ئېسىل تەملىك شېرىن مېۋىلەر كۆپ چىقىدۇ، بۇ جاي ئىسمى-جىسمىغا لايىق «مېۋە ماكانى» ھېسابلىنىدۇ.

    نەشپۈت

    كورلا نەشپۈتى شىنجاڭنىڭ «ئالتۇن مېۋىسى» بولۇپ، دانىسى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن پۇرىقى كۈچلۈك، پوستى نېپىز، ئېتى چۈرۈك، شىرنىسى ھەسەلدەك تاتلىق، تىيانشان تېغىنىڭ قار سۈيىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن ئۆزگىچە چۈرۈك ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن.

    ئۈزۈم

    تۇرپان ئۈزۈمى «ئوت يۇرتى»نىڭ ئۆزگىچە يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىدىن ئوزۇق ئالغان بولۇپ، پوستى نېپىز، ئېتى يۇمشاق، شېكەر تەركىبى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئاق كىشمىش قاتارلىق سورتلار ھەسەلدەك تاتلىق، پېلەكلەردە ساڭگىلاپ تۇرغان ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەر خۇددى سۆسۈن ھەم يېشىل ياقۇتقا ئوخشايدۇ.

كۈز پەسلىدىكى ھاۋانىڭ ياخشى پەيتىدىن پايدىلىنىپ

«كۈزدىكى مۇھەببەت»كە تولغان بۇ گۈزەل پەيت بىلەن ئۇچرىشىڭ

«新疆铁路» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.