تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئالغا سىلجىتايلى

□ گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

ئالتۇن كۈزدىكى 9 - ئايدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممىلا يېرى مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىقات ھەپتىلىكى بولۇپ، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار پائالىيەتلەر ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك ئەمەلىيەت، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئومۇمىي خەلق سەپەرۋەرلىكى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاشتا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتىنى مىسلىسىز تارىخىي يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار قېرىنداشتەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى جۇڭگو زېمىنىدا ياڭراتتى.

شىنجاڭدا كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقىغا باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك» «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى». 2025 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش» كېرەك، دەپ كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، شىنجاڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قان قېرىنداشتەك يۇغۇرۇلۇش گېنىغا كۈچلۈك ۋارىسلىق قىلىندى، ئېتىقادى ئوخشاش بولۇش ئاساسى سىجىل مۇستەھكەملەندى، مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇش يىلتىزى بارغانسېرى پۇختا مۇستەھكەملەندى، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر - بىرىگە تايىنىش تىرىكى كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى، ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈش رىشتى تېخىمۇ كۈچەيدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا مىللەتلەر ئىتتىپاق - ئىناق، جەمئىيەت تىنچ، تەرتىپلىك، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئەڭ ئاچقۇچلۇقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئەڭ ئۈنۈم بېرىدىغىنى كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ باشتىن - ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى مەخسۇس قانۇن ماددىسى ئارقىلىق تەشۋىقات ھەپتىلىكى تۈزۈمىنى مۇقىملاشتۇردى، بىزنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىق - تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىزنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. بىز بۇ ۋاسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، «دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار» دېگەن قاراشنى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى پۇختا ئۆتكۈزۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قاتنىشىش دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئەمەلىيەت يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى كۈچىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا سىجىل مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

«ھەرقايسى مىللەت بۈيۈك ئىتتىپاقلاشقان جۇڭگو چوقۇم ھەممىدە غەلىبە قىلىدۇ، چوقۇم پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ». جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بەخت - سائادەت ۋە جاپادا بىللە بولۇش، شەرەپ - نومۇستا بىللە بولۇش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يۈكسەك قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىسەك، چوقۇم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، بىر مەقسەتتە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.