ئالدىنقى يەتتە ئايدا ئاپتونوم رايوندا تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى ۋە يۈك توشۇش مىقدارىدا بىردەك ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلانغان. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنىڭ ئومۇمىي ئېقىم مىقدارى 136 مىليون ئاپتوموبىل قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون 300 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىم كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.96 ئاشقان؛ تۆمۈريولدا توشۇلغان يولۇچى مىقدارى 32 مىليون 767 مىڭ 200 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.3 ئاشقان؛ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 32 مىليون 721 مىڭ 900 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشقان.







