9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەتىگەندە، تيەنئەنمېن مەيدانىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرى «ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز» ناملىق غايەت زور گۈل سېۋىتى ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغانلىقىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىدى.

مۇخبىر ۋاڭ خەيشىن فوتوسى (تۆۋەندىمۇ ئوخشاش)
قۇياش نۇرى تيەنئەنمېن مەيدانىغا چۈشۈپ تۇراتتى، غايەت زور گۈل سېۋىتى ئېگىز، كۆركەم بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى بەس-بەستە سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرۇشقا جەلپ قىلدى. گۈل سېۋىتىگە مودەنگۈل، ئەتىرگۈل، نەرگىس گۈلى، مېيخۇا گۈلى قاتارلىق گۈللەر، شۇنىڭدەك ئانار، ئالما، شىزى قاتارلىق مېۋىلەر قىستۇرۇلغان بولۇپ، «رەڭگارەڭ گۈللەرگە پۈركەندى، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. سېۋەت گەۋدىسىنىڭ جەنۇبىي يان تەرىپىگە «ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز»، «2026-1949»، شىمالىي يان تەرىپىگە «دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز»، «2026-1949» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا «گۈل-مېۋىلەر» سېۋەتكە سېلىنىشقا باشلىدى، يەنە بىر قىسىم قۇرۇلمىلار مەيدان سىرتىدا پىششىقلاپ ئىشلەندى. تۈنۈگۈن كەچ، بۈگۈن سەھەردىكى قۇرۇلۇشتا ئاساسلىقى ئېسىپ قۇراشتۇرۇش ۋە جىپسىلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى. 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنى سەھەرگىچە، يۈزدىن ئارتۇق كىران ئىشچىسى، گۈلچى، ئېلېكتىر ئىنژېنېرى قاتارلىق تېخنىكا كاپالىتى كوللېكتىپى ۋە باشقۇرغۇچى خادىملار ئىش مەيدانىغا كىردى.

ئېسىپ قۇراشتۇرۇش مەشغۇلاتىنىڭ تۈرلۈك ھالقىلىرى جىددىي، تەرتىپلىك بولدى. سېۋەت تەگلىكىنى قۇراشتۇرۇش بىلەن سېۋەتنىڭ قورساق قىسمىنى بىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇش قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ قىيىن نۇقتا بولدى. سېۋەت تەگلىكىنىڭ دىيامېتىرى 10 نەچچە مېتىر بولۇپ، گۈل-گىياھ، مېۋە-چېۋىلەر قىستۇرۇلغاندىن كېيىن ئېغىرلىقى نەچچە ئون توننىغا يېتىدىغانلىقتىن، باغ-ئورمان ئىشچىلىرى ئىككى كىران بىلەن بىرلا ۋاقىتتا مەشغۇلات قىلىپ، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ، دەل جايىغا كىرگۈزۈشكە توغرا كەلدى.
چاڭئەن كوچىسى بويىدىكى جيەنگومېندىن فۇشىڭمىنغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىستېرېئولۇق باش تېمىلىق ئون گۈللۈك جىددىي ياسىلىۋاتىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملىنىپ، دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋالىدۇ. (مۇخبىرلار جۇ سۇڭمېي، ۋاڭ خەيشىن)
«بېيجىڭ گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






