تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«مەڭگۈ نەقلەشتۈرمەيدىغان» بىر پارچە قەرز ھۆججىتى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ فاڭجوۋ

«بۈگۈن دۇەن نيەنمىڭ دوختۇر نامىدىكى 20 دەن شالنى ئارىيەت ئالدۇق، يەنە ئىئانە قىلغان 20 كۆمۈش تەڭگىنى تاپشۇرۇۋالدۇق، بۇنىڭغا مۇشۇ ھۆججەت ئىسپات، تاپشۇرۇۋالغۇچىلار: قىزىل 3 - جۈنتۈەنىنىڭ جەڭچىلىرى لى ۋېيشياڭ، لياۋ يۈنسەي، مىلادى 1934 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى».

خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چېنجوۋ شەھىرى سۇشيەن رايونى لياڭتيەن بازىرى سەيلىڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى دۇەن يۈەنفانىڭ ئۆيىدە قىزىل ئارمىيە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىككى پارچە ھۆججەت ھازىرغىچە ساقلانماقتا. ئۇلارنىڭ بىرى قەرز ھۆججىتى. «بۇ قەرز ھۆججىتى ئەمەس، بەلكى قىزىل ئارمىيە بىلەن پۇقرالارنىڭ قەلبداش ئىكەنلىكىنىڭ گۇۋاھچىسى، بىز قەرز ھۆججىتىنى مەڭگۈ نەقلەشتۈرمەيمىز» دېدى دۇەن يۈەنفا.

قەرز ھۆججىتىدە تىلغا ئېلىنغان دوختۇر دۇەن نيەنمىڭ دۇەن يۈەنفانىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى، ئۇ ئەينى چاغدا كەنتتىكى تېۋىپ ئىدى.

1934 - يىلى 11 - ئايدا، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە گومىنداڭ ئارمىيەسى خۇنەننىڭ چېنشيەن ناھىيەسى (ھازىرقى چېنجوۋ شەھىرىنىڭ سۇشيەن رايونى، بېيخۇ رايونى)دىكى لياڭتيەندىن يىجاڭغىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرغان 3 - قامال لىنىيەسىنى بۆسۈپ ئۆتۈۋاتاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە قىزىل 3 - جۈنتۈەنىنىڭ بىر قىسمى سەيلىڭ كەنتىگە كېلىپ، تۇتاش كەتكەن تاغ تىزمىسىدا قونۇپ ئارام ئالدى. ئەينى چاغدا باش قىش كىرىپ بولغان بولۇپ، تاغدا سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق شامال چىقاتتى، دۇەن نيەنمىڭ جەڭچىلەرنىڭ كىيىم - كېچىكى، يېمەك - ئىچمىكى كەمچىل بولۇپلا قالماي، يەنە بىر قىسىم يارىدارلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، دورا قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى ئېلىپ ئۆيى بىلەن گازارما ئارىلىقىدا چېپىپ يۈرۈپ، نۇرغۇن يارىدارنى داۋالىدى، دورىسىنى ئالماشتۇردى.

«ئۇلۇغ بوۋام قىزىل ئارمىيەنىڭ پۇقرالار ئۈچۈن ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى، ئۇلار ئاچ قالسا، سوغۇقتا قالسا بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى.» دۇەن يۈەنفانىڭ ئېيتىشىچە، دۇەن نيەنمىڭ ئۆزىنىڭ ئاشلىق ئامبىرىنى قۇرۇقداپ، يەنە ئۆيمۇ ئۆي يۈرۈپ ئاشلىق يىغىپ، جەمئىي 20 دەن شال، 20 كۈمۈش تەڭگە توپلاپ، ھەممىسىنى قىزىل ئارمىيەگە ئىئانە قىلغان. جەڭچى لى ۋېيشياڭ قاتارلىقلار رەت قىلىۋېتەلمەي، رەسمىي يوسۇندا قەرز ھۆججىتى يېزىپ بەرگەن. كېيىن دۇەن نيەنمىڭ نۇرغۇن يارىدارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان، يەنە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە ئېغىر يارىلىنىپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قۇربان بولغان سەككىز قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنى دەپنە قىلغان. يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى يەنە بىر پارچە ھۆججەت يېزىپ، كەنت ئاھالىلىرى قىزىل ئارمىيەگە ياردەم قىلغان ئىشلارنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ، دۇەن نيەنمىڭغا خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قويۇشقا قالدۇرغان.

دۇەن نيەنمىڭ بۇ ئىككى پارچە ھۆججەتنى تاكى 1946 - يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر بىر بامبۇك قۇتا ئىچىدە پۇختا ساقلىغان. ئۇ ھايات ۋاقتىدا مۇنداق ئائىلە قائىدىسى بېكىتكەن: بىرىنچى، قىزىل ئارمىيەنىڭ قەرز ھۆججىتىنى مەڭگۈ نەقلەشتۈرمەسلىك، ئىككىنچى، ھەر يىلى چىڭمىڭدا سەككىز قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ قەبرىسىنى سۈپۈرۈپ، ئۇلارغا خۇددى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش تەزىيە بىلدۈرۈش.

2025 - يىلى 9 - ئايدا، خۇنەن ئۆلكىسى چېنجوۋ شەھىرى سۇشيەن رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر قىلغان لىنىيەنى بويلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دۇەن يۈەنفانىڭ ئۆيىنى تاپقان. دۇەن يۈەنفا پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر 90 نەچچە يىل ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلگەن ئىككى پارچە ھۆججەتنى تۇنجى قېتىم چىقارغان. رايون، شەھەر، ئۆلكە ئۈچ دەرىجىلىك نوپۇزلۇق تارماق بۇ ئىككى پارچە ھۆججەتنى ساقلىنىش ئەھۋالى ياخشى، مۇكەممەللىك دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بەلگىلىك تارىخىي، ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە، دەپ بېكىتكەن.

90 نەچچە يىلدىن بۇيان، دۇەن ئائىلىسىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشى قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ قەبرىسىنى ساقلاشنى ئۈزۈلدۈرۈپ قويمىغان. ھەر قېتىملىق چىڭمىڭ بايرىمىدا، دۇەن ئائىلىسىدىكىلەر بېرىپ قەبرە سۈپۈرۈپ، گۈل تەقدىم قىلىپ كەلگەن. دۇەن يۈەنفانىڭ ئوغلى دۇەن پېڭچېڭنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا دادىسى ۋە تاغىسىغا ئەگىشىپ قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىگە تەزىيە بىلدۈرگەن ئىكەن.

«كىچىكىمدىن باشلاپلا دائىم چوڭلارنىڭ قىزىل ئارمىيە توغرىسىدا سۆزلىگەن ھېكايىلىرىنى ئاڭلايتتىم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزۈمنىڭمۇ ئەسكەر بولۇشۇمنى ئارزۇ قىلاتتىم.» دۇەن پېڭچېڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ داشۆنىڭ 2 - يىللىقىدا چاقىرىق بويىچە ھەربىي سەپكە قاتناشقان، قىسىمدا ئىككى يىل چېنىققاندىن كېيىن مەكتەپكە قايتىپ كەلگەن ھەمدە ئوڭۇشلۇق ھالدا ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان.

دۇەن پېڭچېڭ دائىم ئوقۇغۇچىلارغا ئۇزۇن سەپەردىكى كىلاسسىك ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ، يەنە ئۆزىنىڭ ئارمىيەدىكى بىر قىسىم كەچۈرمىشلىرى ۋە تەسىراتلىرىنى يۇغۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە قىلىدۇ. لېكىن ئۇ ئۆز ئائىلىسى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ئىنتايىن ئاز تىلغا ئالىدۇ، چۈنكى «ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئۆزئارا ياردەمدە بولۇشى ئەسلىدىنلا چىن قەلبتىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ، ھەربىر كىشى قۇربان بېرىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئاشۇ كىشىلەرگە ياردەم بېرىشى كېرەك».

بۇ يىل ئۇ يېتەكلىگەن تۇنجى قارار ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزدى. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ماقالىسىدىكى «سۆزنىڭ ئۆزگىرىشى» دېگەن بۇ تېمىدا، ئۇلار «ئۇزۇن سەپەر» دېگەن سۆزنى تاللاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە بولغان چۈشەنچىلىرىنى بايان قىلغان.

«نۇرغۇن ئوقۇغۇچى مۇنداق يېزىپتۇ: گەرچە بۇرچىمىز ئەينى يىللاردىكى قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىگە ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن يېڭى دەۋر ياشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ مۇشۇ دەۋرگە خاس ئارزۇيىمىز بار، كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىمىز، مانا بۇ دەل بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن سەپىرى» دېدى دۇەن پېڭچېڭ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.