تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۇڭ جيەنخۇا ئەپەندىگە تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى

دۇڭ جيەنخۇا ئەپەندى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق دۇڭ جيەنخۇا ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياڭگاڭ، 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكارى، داڭلىق ۋەتەنپەرۋەر زات، كۆزگە كۆرۈنگەن ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېقىن دوستى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 10 - نۆۋەتلىك، 11 - نۆۋەتلىك، 12 - نۆۋەتلىك، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 1 -، 2 - نۆۋەتلىك باش مەمۇرى دۇڭ جيەنخۇا ئەپەندىگە تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى شياڭگاڭ دەپنە ئىشلىرى ئورنىدا ئۆتكۈزۈلدى.

دۇڭ جيەنخۇا ئەپەندى كېسەل سەۋەبىدىن 2026 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت 21دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە شياڭگاڭدا 89 يېشىدا ۋاپات بولدى.

دۇڭ جيەنخۇا ئەپەندىنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە، مەركەز ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىغا ھال سورايدىغانلىقىنى ھەم سالىمىنى يەتكۈزۈش توغرىسىدا يوليورۇق بېرىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى تەلەپ قىلدى.

دۇڭ جيەنخۇا ئەپەندى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق دۇڭ جيەنخۇا ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياڭ جېنيىڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپ ۋاڭ دۇڭفېڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شيا باۋلۇڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شياڭگاڭ دەپنە ئىشلىرى ئورنىغا تەسىس قىلىنغان دۇڭ جيەنخۇا ئەپەندىگە تەزىيە بىلدۈرۈش زالى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى، ماتەم مۇزىكىسى تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تەزىيە بىلدۈرۈش زالىنىڭ ئۇدۇل تېمىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «دۇڭ جيەنخۇا ئەپەندىگە قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن پىلاكات ئېسىلغان بولۇپ، ئاستى تەرىپىدە دۇڭ جيەنخۇا ئەپەندىنىڭ سۈرىتى بار ئىدى. دۇڭ جيەنخۇا ئەپەندىنىڭ مېيىت ساندۇقىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى يېپىلغانىدى. سۈرىتىنىڭ ئالدىغا دۇڭ جيەنخۇا ئەپەندىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى تەقدىم قىلغان گۈلچەمبىرەكلەر قويۇلغانىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، دۇڭ جيەنخۇا ئەپەندىگە تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى باشلاندى، ھەممەيلەن سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى. تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىغا دۇڭ جيەنخۇا ئەپەندىنى دەپنە قىلىش ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى لياڭ جېنيىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

دەپنە قىلىش ھەيئىتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى شى تەيفېڭ تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىدا تەزىيە سۆزى قىلدى. ئۇ تەزىيە سۆزىدە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكارى، داڭلىق ۋەتەنپەرۋەر زات، كۆزگە كۆرۈنگەن ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېقىن دوستى بولغان دۇڭ جيەنخۇا ئەپەندىنىڭ ھاياتى ھەمدە ئۇنىڭ دۆلەت ئۈچۈن، شياڭگاڭ ئۈچۈن، جەمئىيەت ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئارقىدىن، تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا دۇڭ جيەنخۇا ئەپەندىنىڭ سۈرىتىگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلىپ، تەرتىپ بويىچە دۇڭ جيەنخۇا ئەپەندىنىڭ مېيىتى ئالدىغا كېلىپ، بۇ داڭلىق ۋەتەنپەرۋەر زات بىلەن ئاخىرقى قېتىم ۋىدالاشتى ھەم دۇڭ جيەنخۇا ئەپەندىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ھال سورىدى.

مەركەزنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەمدە شياڭگاڭ جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرىمۇ بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.

مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئىچكى رايوندىكى ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە زاتلار، ئاپپاراتلار ۋە تەشكىلاتلار ھەمدە دۇڭ جيەنخۇا ئەپەندىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرىمۇ تەزىيە تېلېگراممىسى، تەزىيە خېتى ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.