يېقىندا، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى جۇڭگو ئاۋازى پىروگراممىسىدا خەۋەر بېرىلىپ، بىر كۈل رەڭ كەسىپ زەنجىرى پاش قىلىندى __ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا، بەزى سودىگەرلەر ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا «قاتناش باشقۇرۇش 12123 تەقلىدىي ئۈسكۈنىسى»نى ساتقان.
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى كەسمە سۈرىتى
تەقلىدىي ئۈسكۈنە دېگەن نېمە؟ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ يۇقىرى دەرىجىدە تەقلىد قىلىنغان قاتناش باشقۇرۇش 12123APPسى.
باش بەتتىكى ئاپتوموبىل ئۇچۇرى، ھەيدەش كىنىشكىسى ئۇچۇرىدىن تارتىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، قانۇن ئۆگىنىپ تارتىلىدىغان نومۇرنى ئازايتىش، ھەيدەش كىنىشكىسىنى تولۇقلاش، ئالماشتۇرۇش، ئېلىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنىڭ كىرىش ئېغىزىغىچە، ھەتتا ئۇچۇر مەركىزى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياردەمچى بېتىگىچە ھەممىسى ئاساسەن ئوخشاش.
لېكىن، ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى خالىغانچە توقۇغىلى بولىدۇ.
ئېلېكتىرونلۇق ھەيدەش كىنىشكىسى بېتىدە ئىسىم-فامىلىسى، ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ئاپتوموبىل تىپى، جەملەنگەن نومۇر قاتارلىقلارنى تولدۇرغاندا نېمىنى تولدۇرغۇسى كەلسە شۇنى تولدۇرغىلى بولىدۇ، ئاستىدا يەنە ساختا ئىككىلىك كود بار.

سۈرەت مەنبەسى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى
ئېلېكترونلۇق يول يۈرۈش كىنىشكىسى بېتىدە، بارلىق ئادەم، نومۇر تاختىسى نومۇرى، ئاپتوموبىل تىپى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە سىزنىڭ دېگىنىڭىز ھېساب.
ھەتتا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىق بەلگىسىنى، تەكشۈرۈشنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ۋە تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىمۇ يالغاندىن توقۇپ چىققىلى بولىدۇ.
باھاسى نەچچە ئون يۈەندىن نەچچە مىڭ يۈەنگىچە، نۇسخىسى قانچە يېڭى بولسا، ھەقىقىي APPگە قانچە ئوخشىسا شۇنچە قىممەت. كۈن بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ: بىر كۈنلۈكى 200 يۈەن، بىر ھەپتىسى 400 يۈەن، بىر ئايلىقى 800 يۈەن.
بۇ ساختا نەرسىلەرنى نېمىگە ئىشلىتىدۇ؟
ساتقۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، سېتىۋالغۇچىنىڭ ئىشلىتىش ئورنى «ناھايىتى كۆپ» ئىكەن.
بىر خىلى «يۈز-ئابروي قوغلىشىش»: نامىدا ئېسىل ئاپتوموبىل، ياخشى ھەيدەش كىنىشكىسى بار ساختا ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ كۆز-كۆز قىلىش.
يەنە بىر خىلى تېخىمۇ خەتەرلىك: ئالداپ ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىش. ھەيدەش كىنىشكىسى يوق كىشىلەر ساختا ئېلېكتىرونلۇق ھەيدەش كىنىشكىسى بىلەن ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئالغىلى بارسا، ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش شىركىتى «پەقەت بىر قاراپلا قويۇپ، ساۋما قىلمايدۇ».
ساتقۇچىلار يەنە ئالايىتەن «كۆڭۈل بۆلۈپ»: قاتناش ساقچىلىرىغا كۆرسەتمەڭ، قاتناش ساقچىلىرى ساۋما قىلىدۇ، دەپ ئەسكەرتىدۇ.
بۇ پەقەت قاتناش باشقۇرۇش تۈرىدىكى ساختا APP. ئەمەلىيەتتە، ساختا APPلار پەقەت بۇلا ئەمەس.
ئىلگىرى بىز دىققەت قىلىپ باققان جىفۇباۋ، ۋېيشىن ئارقىلىق ھېسابات يۆتكەش تەقلىدىي ئۈسكۈنىسىدە قوللىنىلغان ساختىلىق قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش، يەنى كۆرۈنمە يۈزى ھەقىقىي APPغا ئوپمۇ ئوخشاش بولۇپ، ھېسابات يۆتكەش سوممىسى، ھېساباتقا كىرىش ئەسكەرتمىسى، ھەتتا دەلىللەش نومۇرى كۆزنىكىنىمۇ تەقلىد قىلغىلى بولىدۇ، لېكىن پۇل بىر تىيىنمۇ يۆتكەلمەيدۇ.
ئالدامچىلار دائىم ئۇنىڭدىن «ھېسابات يۆتكەپ بولغان»، «مەبلەغ سېلىش پايدىسى» ساختا كۆرۈنۈشى ياساپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى مال سېتىۋېلىش، مەبلەغ سېلىش ئالدامچىلىقىغا قاتنىشىشقا ئۈندەيدۇ.
ساختا ھەيدەش كىنىشكىسىدىن ساختا ھېسابات يۆتكەشكىچە، «يۈز-ئابروي قوغلىشىش»تىن «ھەقىقىي ئالدامچىلىق»قىچە بولغان جەريان ئىنتايىن تېز.
ئالدىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتمىسى: بۇ بىر نەچچە ئىشنى چوقۇم قىلىش كېرەك
ئادەتتىكى كىشىلەر بۇنداق راست-يالغانلىقىنى پەرق ئېتىش تەس بولغان ساختا APPدىن قانداق ساقلىنىشى كېرەك؟ بۇ بىر قانچە نۇقتىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ:
ھەيدەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈشتە چوقۇم ساۋما قىلىش كېرەك. مەيلى ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىش، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ياكى باشقا ئەھۋالدا بولسۇن، پەقەت ئېلېكتىرونلۇق ھەيدەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈشكە چېتىلسىلا، ئېكراندىكى سۈرەت ياكى كۆرۈنمە يۈزگىلا قارىماستىن، چوقۇم ھۆكۈمەت تەرەپ يولى ئارقىلىق ساۋما قىلىپ تەكشۈرۈش كېرەك. راست ئېلېكترونلۇق ھەيدەش كىنىشكىسىىنىڭ ئىككىلىك كودى ھەرىكەتچان بولىدۇ، ساختىسىنى ساۋما قىلسا ئالدامچىلىق ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ.
ھېسابات يۆتكىگەندە ئۆزىنىڭ ھېساباتىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك. باشقىلار سىزگە ھېسابات يۆتكەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان كەسمە سۈرەت، ئېكراننى كۆرسەتسىمۇ ھېساب ئەمەس، چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ھېساباتىدىكى قالدۇق سوممىنى تەكشۈرۈڭ. ھېساباتقا كىرمىگىنى ھېساب ئەمەس، «ھېساباتقا كېچىكىپ كىرىدۇ»، «بانكىلار ئارا ھېسابات يۆتكەشكە ۋاقىت كېتىدۇ» دېگەندەك گەپلەرگە ئىشەنمەڭ.
APPنى باشقۇرغۇچى تەرەپ ئەپ دۇكىنىدىن چۈشۈرۈڭ. قاتناش باشقۇرۇش 12123، جىفۇباۋ، بانكا APPسى قاتارلىقلارنى چوقۇم يان تېلېفوننىڭ ئۆزىدە بار بولغان باشقۇرغۇچى تەرەپ ئەمەلىي قوللىنىدىغان APP دۇكانلىرىدىن چۈشۈرۈش، ناتونۇش ئۇلانمىلارنى چەكمەسلىك، ناتونۇش ئىككىلىك كودنى ساۋما قىلىپ قاچىلىماسلىق كېرەك.
ئاچقۇچلۇق ئۇچۇرلارنى كۆپ تەرەپتىن تەكشۈرۈش. ئاپتوموبىل، كىنىشكا، مەبلەغ قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلارغا چېتىلغاندا، ھۆكۈمەت تەرەپ سۇپىسى، ھۆكۈمەت تەرەپ تېلېفونى قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق گىرەلەشمە دەلىللەش، قارشى تەرەپ ئەۋەتكەن بىر پارچە سۈرەت، بىر بۆلەك سىنغىلا قارىماسلىق كېرەك.
ساختا APP بايقالسا ۋاقتىدا پاش قىلىش كېرەك. ئەگەر ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا بۇنداق «تەقلىدىي ئۈسكۈنە»نى ساتىدىغانلارنى كۆرگەندە، سۇپىغا پاش قىلسا بولىدۇ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، گۇڭئەن تارماقلىرىغا ئىنكاس قىلسىمۇ بولىدۇ.
قانۇنىي ئاقىۋەت: «مۇنداقلا ئوينىشىپ قويۇش»تەك ئۇنداق ئاسان ئەمەس
بەزىلەر بەلكىم: مەن يۈز-ئابروي قوغلىشىش ئۈچۈن مۇنداقلا سېتىۋالغان، ئادەم ئالدىمىسام ھېچنىمە بولمايدىغۇ؟ دەپ ئويلىشى مۇمكىن.
جۇڭگو سىياسىي-قانۇن داشۆسىنىڭ دوتسېنتى جوۋ ۋېي مۇنداق كۆرسەتتى: بۇنداق يۇمشاق ماتېرىيال كۆرۈنۈشتە «تەقلىدىي ئۈسكۈنە» دەپ ئاتىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئېلېكتىرونلۇق سالاھىيەت ئۇچۇرى، ئېلېكتىرونلۇق ھەيدەش كىنىشكىسى، بانكا ئوبوروتى، ھېسابات يۆتكەش خاتىرىسى قاتارلىقلارنى يالغاندىن ياساش بولۇپ، ئىشلىتىش يۆنىلىشى جەھەتتە ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ياكى جىنايەت ھېسابلىنىدۇ.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»غا ئاساسەن، ھەيدەش كىنىشكىسى ياسىغان، ئۆزگەرتكەن ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىشلەتكەنلەرگە قانۇن بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
تەقلىدىي ئۈسكۈنىنى ياسىغۇچىلار، ساتقۇچىلارنىڭمۇ ئوخشاشلا جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشقا بولمايدۇ، «تېخنىكا بىتەرەپلىكى»نى دەستەك قىلىشقا بولمايدۇ. ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ ئالاقىدار تاۋارلارنى جازىدىن چۈشۈرۈش ھەم ئالاقىدار تارماقلارغا يوللاش مەجبۇرىيىتى بار.
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بۇنى ياسايدىغانلار، ساتىدىغانلار، بۇنى ئىشلىتىپ ئادەم ئالدايدىغانلار قانۇن تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
كۆز بىلەن كۆرگەننىڭ ھەممىسى راست بولۇشى ناتايىن
ئاچقۇچلۇق ئۇچۇرغا دۇچ كەلگەندە، بىر قەدەم كۆپ تەكشۈرسەك، خەۋپ-خەتەر بىر ئۈلۈش ئازىيىدۇ
يېنىڭىزدىكى ھەيدەش كىنىشكىسى بار دوستىڭىزغا ئەۋەتىپ ئەسكەرتىپ قويۇڭ
«شىنجاڭ 949 قاتناش رادىيوسى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






