تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تەقەززا بولۇۋاتىمىز! دۆلەت بايرىمىلىق چوڭ گۈل سېۋىتى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا

9-ئاينىڭ 18-كۈنى، قۇرۇلۇش خادىملىرى تيەنئەنمېن مەيدانىدا گۈل سېۋىتىنى بېزىمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ خۇەنزۇڭ فوتوسى

    دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، يىلدا بىر قېتىم نامايان بولىدىغان «چوڭ گۈل سېۋىتى كۆرگەزمىسى» پات ئارىدا كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

    9-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىر بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، چوڭ گۈل سېۋىتىنىڭ دەسلەپكى شەكىلگە كىرگەنلىكىنى كۆردى.

   كىران يەردىكى گۈللەر ۋە مېۋە-چېۋىلەرنىڭ مودىلىنى بىر-بىرلەپ كۆتۈردى، قۇرۇلۇش خادىملىرى گۈل، مېۋە ساپىقىغا باغلانغان ئارغامچىنى تارتىپ، دەل ئورنىغا تەڭشەپ، ئۇلاش ئېغىزىغا توغرىلاپ، ئۇنى گۈل سېۋىتىگە مۇقىملاشتۇردى.

    قۇرۇلۇش رايونىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە كىچىكلىتىلگەن گۈل سېۋىتى مودېلى بار بولۇپ، بۇ، گۈل سېۋىتىنى قۇراشتۇرۇشنىڭ «چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى» ئىدى، خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ گۈل ۋە مېۋىلەرنىڭ ئورنىنى بەلگىلەيدۇ. «گۈل تىزىش» ھالقىسى تاماملانغاندىن كېيىن، گۈل سېۋىتى تەكچىگە قويۇپ قويۇلسىلا، بىر چوڭ گۈل سېۋىتى تەييار بولىدۇ.

    مۆلچەرلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، «ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز» ناملىق غايەت زور گۈل سېۋىتى رەسمىي پۈتۈپ كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىدىكەن.

    بۇ يىل قايسى ئېلېمېنتلار بار؟  مۇخبىر قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا مودەنگۈل، چۇغلۇق، جۇڭگو ئەتىرگۈلى قاتارلىق ئون نەچچە خىل گۈل-گىياھ مودىلىنىڭ بارلىقىنى، يەنە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان شاپتۇل، ئالما، ئۈزۈم، ئانار، شىزى قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ مودىلىنىڭمۇ بارلىقىنى كۆردى.

    ھەقىقىي گۈل، ھەقىقىي مېۋىلەر نىسبەت بويىچە چوڭايتىپ ياسالغان بۇ مودىللار «رەڭگارەڭ گۈللەرگە پۈركىنىش» «مول نەتىجىلەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

    نەق مەيداندىكى گۈل سېۋىتى مودېلىغا ئاساسلىنىپ، بۇ يىل سېۋەتنىڭ جەنۇب تەرىپىگە «ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز» «2026-1949»، شىمال تەرىپىگە «دۆلەت بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزەيلى» «2026-1949» دەپ يېزىلغان.

9-ئاينىڭ 18-كۈنى، قۇرۇلۇش خادىملىرى تيەنئەنمېن مەيدانىدا گۈل سېۋىتىنى بېزىمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ خۇەنزۇڭ فوتوسى

    تيەنئەنمېن مەيدانىنى گۈللۈك بىلەن بېزەش ئەنئەنىسى 40 نەچچە يىل داۋاملاشتى.

    1984-يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا تۇنجى قېتىم گۈللۈك بارلىققا كەلگەن، ئەينى چاغدا پەقەت تەكشىلىككە گۈل لېنتىسى، گۈل دۆۋىسى تىزىش شەكلىدە نامايان قىلىنغانىدى، گۈل رەڭگى نىسبەتەن ئاددىي ئىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلاندى، دۆلەت بايرىمىلىق گۈللۈكمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ كېپىنەكسىمان ئۆزگەردى. 2008-يىلىغا كەلگەندە، 10 مېتىرغا يېقىن كېلىدىغان ئەنئەنىۋى پانۇس شەكلىدىكى گۈللۈك تيەنئەنمېن مەيدانىدا پەيدا بولدى.

    2012-يىلىدىن بۇيان، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى دۆلەت بايرىمىلىق گۈل تەكچىسىدە «چوڭ گۈل سېۋىتى» ئاساسىي رىتىم قىلىنىپ، گۈل سېۋىتى، گۈل-مېۋە سېۋىتى، «ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش» چوڭ گۈل سېۋىتى، كۆكتات، مېۋە-چېۋە گۈل سېۋىتى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق قاتلاممۇقاتلام ئىلگىرى سۈرۈلدى، يىلمۇ يىل يېڭىلىق يارىتىلدى.

2012-يىل 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ساياھەتچىلەر تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى «ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز» تېمىسىدىكى غايەت زور گۈل سېۋىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ سۈرەتكە تارتماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شىڭ گۇاڭلى فوتوسى

    ئەڭ دەسلەپتە پەقەت كۇڭچۆساۋ، يىچۇەنخۇڭ، جىگۇەنخۇادىن ئىبارەت «ئۈچ خىل كونا تۈر»لا بولۇشتىن بۈگۈنكى كۈندە گۈللۈك بېزەشكە دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈك تۈرلىرى 100 خىلدىن ئېشىشقىچە، كۆپ خىل سورت، كۆپ خىل رەڭلەر بىلەن بېزەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛

    ئىلگىرى گۈللۈك ئادەم كۈچىگە تايىنىپ سۇغىرىلاتتى، ھازىر ئاپتوماتىك سۇ تېجەپ سۇغىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛

    دەسلەپتە تەكشىلىكتىكى گۈللۈكتە گۈل مودىلى يوق ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە چوڭ گۈل سېۋىتىدىكى بېزەكلەر يىلمۇ يىل يېڭىلاندى، چاڭئەن كوچىسى بويىدىكى ئىستېرېئولۇق گۈللۈكتە ئاينى چارلاپ توپا ئەۋرىشكىسى ئېلىش، ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىق ئامىللار تېخىمۇ گەۋدىلەندى...

    بارلىق گۈللۈكنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرغاندا، بىر قاتار ئاياغ ئىزلىرى شەكىللىنىدۇ. ئۇلاردا دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى خاتىرىلەنگەن، ئۇلار دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ گۇۋاھچىلىرى.

9-ئاينىڭ 18-كۈنى، قۇرۇلۇش خادىملىرى تيەنئەنمېن مەيدانىدا گۈل سېۋىتىنى بېزىمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ خۇەنزۇڭ فوتوسى

    بۇ بىر نەچچە كۈندە، چوڭ گۈل سېۋىتىنىڭ ياسىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا تارتىلغان سۈرەت، سىنلار جەمئىيەت ئالاقە تاراتقۇلىرىدا قىزىپ كەتتى. بۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن، شاڭخەيدىن بېيجىڭغا ساياھەتكە كەلگەن لى خانىم تاقەتسىزلىك بىلەن داكا قىلغىلى كەلدى، «گەرچە تېخى ياسىلىپ بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا سۈرەتكە چۈشۈۋالغۇم بار!» 

    ھەر يىلى دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە، نۇرغۇن تورداش يان تېلېفون ئالبومىدىكى چوڭ گۈل سېۋەتلىرىنى كۆرسىتىشىدۇ.

    گۈل سېۋىتىگە ئالما، ئانارلار تىزىلغان، تېخىمۇ مۇھىمى ھەربىر ئاددىي سىز ۋە مېنىڭ ھېكايىمىز قاچىلانغان.

    ​مۇخبىرلار: جاۋ شۈ، جۈ خۇەنزۇڭ

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.