شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 9-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جوۋ ميەن) مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 5-كۈنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاشلىق سودا يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلىتىمىز ئاشلىق كارخانىلىرىنىڭ يىللىق سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 4 تىرىليون يۈەندىن ئاشقان.
دۆلەت ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ خۇەنشىن مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاشلىق كارخانىسى 24 مىڭغا يېتىپ، يىللىق سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 4 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى، ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق ئۆلكىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك 33 رايون ئاممىۋى سۈپەتلىك ماركىسى، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك 117 رايون ئاممىۋى سۈپەتلىك ماركىسى شەكىللەندى.
دۆلىتىمىزنىڭ يىللىق ئاشلىق ھوسۇلى سىجىل 650 مىليون توننىدىن يۇقىرى سەۋىيەدە مۇقىملاشتى، 2024-، 2025-يىللىرى ئۇدا ئىككى يىل 700 مىليون توننىدىن ئاشتى، 2025-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق مىقدارى 508.9 كىلوگىرامغا يېتىپ، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى. ئاشلىق زاپىسى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ، قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇۋاتىدۇ. مەملىكەت بويىچە ئۆلچەملىك ئاشلىق ئامبارلىرىنىڭ ساق سىغىمچانلىقى 730 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتتى، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق، بىرەسمىي تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئامبار سىغىمچانلىقى 220 مىليون توننىغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئۆلچەملىك ئاشلىق ئامبارلىرىنىڭ ساق سىغىمچانلىقىنىڭ %30ىنى ئىگىلىدى.






