تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا تۇغۇت سۇغۇرتىسىدىن 25 مىليون 560 مىڭ ئادەم قېتىم نەپكە ئېرىشتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 4-كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ۋېنجۈن 9-ئاينىڭ 4-كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن «<15-بەش يىل>نى باشلاش، قەدەم ئېلىش» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، تۇغۇت سۇغۇرتىسى فوندى چىقىمى 78 مىليارد 420 مىليون يۈەن بولۇپ، 25 مىليون 560 مىڭ ئادەم قېتىم نەپكە ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، تۇغۇت ياردەم پۇلى چىقىمى 60 مىليارد 780 مىليون يۈەن بولۇپ، شەخسلەرگە بىۋاسىتە تارقىتىش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «15-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ماس قەدەمدە تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇنۇپ، تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلۈپ، سىياسەت دائىرىسى ئىچىدە دوختۇرخانىدا يېتىپ بوشانغانلارنىڭ «ئۆزى تۆلەيدىغان پۇلى بولماسلىق»نى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، تۇغۇت داۋالىنىشىغا ئالاقىدار خىراجەتلەرنى باشقا جايدا بىۋاسىتە راسچوت قىلىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.