تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

پىيالمىدا 26 مىڭ 200 مو يەردىكى تاتلىق ئانار پىشتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئالتۇن كۈزدىكى 9-ئايدا، شېرىن تەملەر بىلەن ئۇچرىشىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. «ئانار ماكانى» دەپ نام ئالغان گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىسىدا 26 مىڭ 200 مو يەردىكى ئاناردىن مول ھوسۇل ئېلىندى. 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، «ئانار ئارقىلىق جۇڭچيۇنى كۈتۈۋېلىش . مىڭ چاقىرىم ئارىلىقتا شېرىن تەمنى ھېس قىلىش» —— 4-نۆۋەتلىك پىيالما تاتلىق ئانىرى پىشتى يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت ساياھىتى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتى پىيالما يېزىسى لەڭگەركۆل كەنتىدىكى ئانار كەسپى ئېسىل مەھسۇلاتلار باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

 پىيالما يېزىسى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئانار ئۆستۈرۈشتىكى يادرولۇق رايونلارنىڭ بىرى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئانار ئۈزۈش، مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش، ئانار شاھىنى باھالاش قاتارلىق ئۆزگىچە ھالقىلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئانار ۋاسىتە قىلىنىپ، ئۈزۈش، سەيلە-ساياھەت قىلىش، ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، دالىدا قونۇش بىر گەۋدىلەشكەن يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت-ساياھەت يۇغۇرما كاتتا مەرىكىسى بەرپا قىلىنىپ، پىيالمىنىڭ دۆلەت جۇغراپىيەلىك بەلگىسى بولغان تاتلىق ئانىرى شىنجاڭدىن چىقىرىلىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ.

 مۇخبىرلار: جامبولات ماناربېك، پەرىزات ئابدۇل

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.