يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. بۇ، بۇ نىزامنىڭ 2002-يىلى، 2019-يىلىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم سىستېمىلىق زور تەڭشىلىشىدۇر.
يېڭى نىزام ئىلگىرىكى ئالتە خىل ئېلىش شەرتىنى توققۇز خىلغا ئۆزگەرتتى، ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينى بېزەش، ئۆي-جاي مۇلازىمىتى ھەققىنى تۆلەشتە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارمۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى تاپشۇرسا بولىدۇ.
فوندنى ئېلىش شەرتى «ئالتە خىلدىن توققۇز خىلغا ئۆزگەردى»
ئۆي بېزەش، ئۆي-جاي مۇلازىمىتى ھەققىنى تاپشۇرۇشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ
يېڭى نۇسخىدىكى «نىزام» تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئېلىشقا قارىتا مۇھىم تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، ئاممىۋى فوندنى ئېلىش شەرتىنى يەنىمۇ كەڭ قويۇۋەتتى.
بۇنىڭدىن كېيىن، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆي ئىجارىسىنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئاممىۋى فوندنى ئالغاندا، ئۆي ئىجارىسى ئائىلە مائاش كىرىمىنىڭ بەلگىلەنگەن نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتسە ئاندىن ئالغىلى بولىدىغان چەك ئەمەلدىن قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭىدىن كۆپەيگەن تۇرالغۇ ئىستېمالى ئۈچۈن ئېلىش شەرتى: ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينى بېزەش، ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۆي-جاي مۇلازىمىتى ھەققىنى تۆلەشتە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئېلىشقا بولىدۇ؛ بۇنىڭدىن سىرت، گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان باشقا خىل تۇرالغۇ ئىستېمالى ئەھۋالىمۇ ئاممىۋى فوندنى ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندە ئۆزى ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئۆي سېتىۋېلىش، يېڭى ئۆي سېلىش، ئۆينى قايتا سېلىش، چوڭ رېمونت قىلىش؛ ئۆي سېتىۋېلىش قەرزىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش؛ دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيەگە چىقىش؛ ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ھەم ئىدارە بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى تولۇق ئاخىرلاشتۇرۇش؛ چېگرىدىن چىقىپ ئولتۇراقلىشىش قاتارلىق ئەسلىدىكى ئېلىش ئەھۋاللىرى ساقلاپ قېلىندى.
قايسى خىل ئەھۋالدا تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئىسچوتىدىكى قالدۇق سوممىنى ئېلىشقا بولىدۇ؟
ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۆۋەندىكى شەرتنىڭ بىرىنى ھازىرلىسا، ئۆزىنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئىسچوتىدىكى قالدۇق سوممىنى ئالالايدۇ:
1. ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەش (بۇ قېتىم تەڭشەلدى)؛
2. ئۆزى ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئۆي سېتىۋېلىش، يېڭى ئۆي سېلىش، ئۆينى قايتا سېلىش، چوڭ رېمونت قىلىش؛
3. ئۆي سېتىۋېلىش قەرز پۇلىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش؛
4. ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينى بېزەش (بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيتىلدى)؛
5. ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۆي-جاي مۇلازىمىتى ھەققىنى تۆلەش (بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيتىلدى)؛
6. دەم ئېلىش ۋە پېنسىيەگە چىقىش؛ ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش؛
7. ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ھەم ئىدارە بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش؛
8. چېگرىدىن چىقىپ ئولتۇراقلىشىش؛
9. گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان تۇرالغۇ ئىستېمالىغا دائىر باشقا ئەھۋاللار (بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيتىلدى).
6-، 7-، 8-تۈر بويىچە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئالغاندا، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ھېسابات نومۇرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭ ۋارىسى، ۋەسىيەت بويىچە ھەدىيەنى قوبۇل قىلغۇچى ئىسچوتتىكى قالدۇق سوممىنى ئالسا بولىدۇ.
جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاپشۇرۇسا بولىدۇ
يەككە سودا-سانائەتچىلەر، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان كەسىپكارلار ۋە باشقا جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاپشۇرسا، بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ سىياسەت مەدىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. كونكرېت چارىسىنى رايون تەسىس قىلغان شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىدۇ.

مەملىكەت بويىچە ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش يولغا قويۇلۇپ، كەسىپ بېجىرىش سۈرئىتى يەنىمۇ تېزلىتىلدى
يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىزامدا يەنە بىر مۇھىم ئۆزگىرىش بولدى: تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇش خاتىرىسىگە قارىتا مەملىكەت بويىچە ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش رەسمىيىتى ئاددىيلاشتۇرۇلدى، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرز پۇلى ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈش مۇددىتى قىسقارتىلىپ، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى يۆتكەش-داۋاملاشتۇرۇش ھەم باشقا جايدا قەرز ئېلىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىش تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىندى.

تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئېلىشنى قانداق ئىلتىماس قىلىش كېرەك؟
ئىلتىماس قىلىش يوللىرى: ھەرقايسى جايلاردىكى ئاممىۋى فوند Appسى، كىچىك پىروگرامما، توردىكى بېجىرىش كۆزنىكىدە توردا ئىلتىماس قىلىش ياكى تور سىرتىدىكى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى مۇلازىمەت كۆزنىكىگە بېرىپ بېجىرىشكە بولىدۇ. يېڭى نىزامدا ئىلتىماس قىلىش، ئېلىش رەسمىيىتىنىڭ ئاددىيلىشىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
بېجىرىش ۋاقىت چېكى: تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۈچ كۈن ئىچىدە ئېلىشقا رۇخسەت قىلىش-قىلماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ ھەم ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ؛ ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنغان بولسا، ھاۋالە قىلىنغان بانكا چىقىم قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ.
ئەسكەرتىش: تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن شۇ جايدىكى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى مەركىزىنىڭ Appسىغا كىرىپ ياكى 12329 تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ، ئېلىش سالاھىيىتى ۋە ماتېرىيال تىزىملىكىنى جەزىملەشتۈرۈش تەكلىپى بېرىلىدۇ.






