− «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى شىنجاڭنىڭ تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جيا چۇنشيا، سۇڭ خەيبو
«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كەڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە بىرىنچى سەپتىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا ئومۇمىي تارىخ تەرتىپى ئارقىلىق قەدىمكى بىلەن ھازىرقى تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، دىنلارنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشىگە دائىر بىر قاتار زور تۈپ مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلىپ، توغرا بولغان جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشنى نوپۇزلۇق ئىلمىي تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، مۇھىم نەزەرىيە قىممىتى ۋە دەۋر ئەھمىيىتىگە ئىگە.
پۇختا تارىخىي ماتېرىياللار ئارقىلىق ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش
«شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا ھەقىقىي تارىخىي ماتېرىيال ئارقىلىق تارىخنى بايان قىلىش، بارلىق ھۆكۈم تارىخىي پاكىتنى ئاساس قىلىشتىن ئىبارەت تارىخشۇناسلىق ئەنئەنىسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئەڭ يېڭى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن ئىلىم نەتىجىسى يۇغۇرۇلۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلار، قېزىۋېلىنغان ھۆججەتلەر، يېڭى ئىلمىي دەلىل - ئىسپاتلار، چېگرا رايون تارىخىغا ئائىت ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى قاتارلىقلار تولۇق قوبۇل قىلىنىپ، كونا قاراش تولۇقلىنىپ، كەمتۈك ھالقا تولۇقلىنىپ، ئېغىش، خاتا چۈشىنىش تۈزىتىلىپ، ئاساسى بار بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
«بۇ ئىككى ئەسەر شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخ تەتقىقاتى ساھەسىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ئەسەر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە دىن ساھەسىدىكى ئاچقۇچلۇق، تۈپ مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇردى، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ قۇۋۋەت توپلىدى، بۇ، ئىنتايىن يۇقىرى ئىلمىي قىممەت، تارىخىي ماتېرىيال قىممىتى ۋە رېئال يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ مۇيۈەن مۇنداق قارىدى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيە ۋە دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت يادرولۇق يۆنىلىش چىڭ كۆزلىنىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ۋە دىنلارنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىش تومۇرى دەل جايىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، تارىخىي ماتېرىياللار ئەتراپلىق، پۇختا دەلىللەنگەن، لوگىكىسى مۇكەممەل بولۇپ، يەنە ئىلمىيلىك، ئىدىيەۋىلىك، نوپۇزلۇق ۋە سىستېمىلىق خاراكتېرىگە ئىگە.
شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ خىزمىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى مەي يۈخۇا مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا تارىخىي پاكىتلاردىن قايىل قىلارلىق نۇقتىئىنەزەر تاۋلاپ چىقىلىپ، پاكىت ئارقىلىق سۆزلەش، ئىلىم ئارقىلىق داۋلى سۆزلەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىلىم نوپۇزى گەۋدىلەندۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ تارىخىي تومۇرى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىنى سىستېمىلىق رەتلەش ئارقىلىق، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىش، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى گاۋ جىن مۇنداق قارىدى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇلدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىدا چىڭ تۇرۇلدى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشتە مۇھىم نەزەرىيەۋى ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
ماتېرىيالىستىك تارىخ قارىشى ئارقىلىق قەدىمكى بىلەن ھازىرقىنى تۇتاشتۇرۇش
دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىنى چۈشىنىش، تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئېنىق تونۇش ئۈچۈن جەزمەن ئالدى بىلەن تارىخنى بىلىش كېرەك. شىنجاڭ داشۆ تارىخ شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى مېڭ نەن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخىي ئومۇمىي قىياپىتى قانداق» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخىنىڭ مۇكەممەل تومۇرى نېمە» قاتارلىق تۈپ مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى تولۇق ئىسپاتلاندى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئىككى ئەسەردە قەدىمكى بىلەن ھازىرقى تۇتاشتۇرۇلغان ئومۇمىي تارىخ تەرتىپى قوللىنىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى ۋە دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش مۇساپىسى سىستېمىلىق رەتلەنگەن بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا پائال رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرىدۇ.
تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك، شۇنداقلا ئەڭ چوڭقۇر ئىلھام. شىنجاڭ سىفەن داشۆسى تارىخ ۋە جەمئىيەت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى گەي جىنۋېي مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى»نى تۈزۈشتە تارىخقا ھۆرمەت قىلىدىغان ئىلمىي پوزىتسىيە تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى، كىتابتا تارىخىي قانۇنىيەت دىيالېكتىكىلىق ئىگىلىنىپ، تارىختىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھاكىمىيەتلىرىنىڭ شىنجاڭ رايونىنى باشقۇرۇشى «بەزىدە چىڭ، بەزىدە بوش بولۇش»تىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ تارىخىي پاكىتتىن ئۆزىنى قاچۇرمىدى، گەرچە تارىختىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرى بەزىدە كۈچىيىپ، بەزىدە ئاجىزلاشقان، غەربىي يۇرت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەزىدە قويۇق، بەزىدە سۇس بولغان، مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ شىنجاڭ رايونىنى ئىدارە قىلىشى بەزىدە چىڭ، بەزىدە بوش بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھەرقانداق بىر سۇلالىنىڭ ھەممىسى غەربىي يۇرتنى ئۆز زېمىنى دەپ قاراپ، شىنجاڭ رايونىغا قارىتا باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ھۆكۈمدە ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىي تەرەققىيات قاتلىمىدىن بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئىگىلىنىپ، تارىخىي ئاساسىي ئېقىم بىلەن تارماق ئېقىم، ماھىيەت بىلەن ھادىسىگە ماتېرىيالىستىك تارىخ قارىشى ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىدىغان دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر نامايان قىلىندى.
تارىخ ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش
«شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى نەزەرىيە تەتقىقاتى ساھەسىنى نوپۇزلۇق ھۆججەت بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي خىزمەتچىلىرى، تەشۋىقات - تەربىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ جەمئىيەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتىكى مۇھىم قورال كىتابقا ئايلاندى.
جىمىسار ناھىيەسى يىپەك يولى بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى خارابىسى مۇزېيىدا، بېيتىڭ ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتچى خادىمى ليۇ شياۋ ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرىدىكى مىڭ يىلدىن بۇيانقى ئۆتكەن ئىشلارنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى. بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، چۈشەندۈرگۈچىدىن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇستىسىغا ئايلىنىپ، 100دىن ئارتۇق قېزىپ چىقىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى رېمونت قىلدى، ئەسلىگە كەلتۈردى. «بۇنىڭدىن كېيىن <شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى>نى يېتەكچى قىلىپ، ھۆججەت - ئەسەرلەر، تارىخىي ماتېرىياللار بىلەن بېيتىڭدىن قېزىپ چىقىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ تارىخىنى دەل جايىدا، جانلىق سۆزلەيمەن» دېدى ليۇ شياۋ.
شىنجاڭ كۈسەن تەتقىقات ئورنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېيىنىڭ خادىمى رېن جياۋ مۇنداق قارىدى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا پۇختا تارىخىي ماتېرىياللار ئارقىلىق ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇلۇپ، تارىخىي پاكىت تومۇرى سىستېمىلىق ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تۈرلۈك تارىخىي سەپسەتىلەر تۈزىتىلىپ، ئىلگىرىكى پارچە - پارچە ھالەتتە چۈشەندۈرۈش بۇزۇپ تاشلىنىپ، نوپۇزلۇق، مۇكەممەل بولغان بايان سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، بۇ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجە، ئىنتايىن مۇھىم دەۋر قىممىتىگە ئىگە.
«ئاساسىي قاتلامدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي خىزمەتچىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، <شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى> ئىلمىي تەتقىقات، كۆرگەزمە قىلىپ بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش بويىچە چۈشەندۈرۈش، جەمئىيەت تەشۋىقات - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم قورال كىتاب ھېسابلىنىدۇ، بۇ، بىزنىڭ تەتقىق قىلىش، كۆرگەزمە پىلانلاش، تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتى داۋامىدا تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ شىنجاڭنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقى، ئىدارە قىلغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ» دېدى رېن جياۋ.






