تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

12306: 1 مىليون 331 مىڭ پارچە بىلەت چىقىرىش رەت قىلىندى

   مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريول 12306 تېخنىكا مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ پويىز بېلىتىنى سېتىش باشلانغاندىن بۇيان، ئادىل، ھەققانىي بېلەت سېتىۋېلىش مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، تۆمۈريول 12306 سۇپىسى يامان مەقسەتتە بېلەت تالىشىش قىلمىشىنى سىجىل پەرقلەندۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىزى ۋە خەۋپنى كونترول قىلىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، كۆپ قېتىم كۆپ مىقداردا باشقىلار ئۈچۈن بېلەت سېتىۋالغان تۆمۈريول 12306 سۇپىسىدا رويخەتكە ئالدۇرغان ھېسابات نومۇرى ۋە كۆپ قېتىم كۆپ مىقداردا باشقىلارنىڭ زاكاز تالونى ئۈچۈن چىقىم قىلغان چىقىم ھېسابات نومۇرى، ساختا تېرمىنال ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئابۇنىچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش مەشغۇلاتىنى تەقلىد قىلىش قاتارلىق بىنورمال قىلمىشلارنى توغرا پەرقلەندۈرۈپ، ئالاقىدار تېخنىكىلىق چەكلەش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق قوللىنىپ، تۆمۈريول 12306 سۇپىسىدا رويخەتكە ئالدۇرغان بىنورمال قىلمىشى بار ھېسابات نومۇرلىرىنى ئاستا سۈرئەتلىك سەپكە كىرگۈزدى، بىنورمال قىلمىشى بار چىقىم قىلىش ھېسابات نومۇرىغا قارىتا بېلەت چىقىرىشنى رەت قىلدى، تۆمۈريول 12306 سۇپىسىدا رويخەتكە ئالدۇرغان بىنورمال قىلمىشى بار ھېسابات نومۇرىدا بېلەت سېتىۋالغاندا ئېكراندا «ساقلاڭ» دېگەن سۆز كۆرۈنىدۇ، چىقىم قىلىش ھېسابات نومۇرىدا پۇل تۆلىگەندە «بېلەت سېتىۋېلىش مەغلۇب بولدى» دېگەن سۆز كۆرۈنىدۇ.

  بۇ يىل جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ پويىز بېلىتى سېتىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، تۆمۈريول 12306 سۇپىسى 7 مىليون 117 مىڭ قېتىملىق سودىنى ئاستا سۈرئەتلىك سەپكە كىرگۈزدى، 1 مىليون 23 مىڭ قېتىملىق سودىدا بېلەت چىقىرىشنى رەت قىلدى، جەمئىي 1 مىليون 331 مىڭ پارچە بېلەتنى چىقىرىشنى رەت قىلدى، بۇنىڭ بىلەن، يامان مەقسەتتە بېلەت چىقىرىش قىلمىشى كۈچلۈك تىزگىنلەندى.

  كەڭ يولۇچى دوستلار چوقۇم «تۆمۈريول 12306» ھۆكۈمەت تور بېكىتى، يان تېلېفون تېرمىنالى قاتارلىق ھۆكۈمەت يوللىرى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋېلىڭ. تۆمۈريول 12306 ئەزەلدىن ھېچقانداق 3-تەرەپ سۇپىسى ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلاشقىنى يوق، بېلەت سېتىۋېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش بولىقى، بېلەت سېتىۋېلىش ئەزالىق ھەققى، ۋاگون تاللاش ھەققى قاتارلىق ئارتۇقچە ھەقلەر ئېلىنمايدۇ، بېلەت ۋاقتىنى ئۆزگەرتمەكچى، بېلەتنى قايتۇرماقچى بولسىڭىز بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىڭ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يولۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى قانۇن بويىچە قاتتىق قوغدىلىدۇ. 3-تەرەپ سۇپىسى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرمايلا قالماستىن، ئەكسىچە تېخىمۇ ئاستىلىتىۋېتىدۇ ياكى بېلەت سېتىۋېلىش مەغلۇب بولىدۇ.

   تۆمۈريول 12306 تېخنىكا مەركىزى يامان مەقسەتتە بېلەت تالىشىش يېڭى ھالىتىگە سىجىل كۆڭۈل بۆلۈپ، قاراتمىلىق ھالدا خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 12306 سۇپىسىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بېلەت سېتىۋېلىش تەسىراتىنى ئۆستۈرۈپ، يولۇچىلارغا ئادىل، ھەققانىي بېلەت سېتىۋېلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ بېلىتىنى سېتىۋېلىش كالېندارى!

ساقلىۋېلىڭ + تارقىتىپ قويۇڭ↓↓

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.