تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيمىز

​− «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا قەدىمكى بىلەن ھازىرقى تۇتاشتۇرۇلغان، تارىخ بىلەن نەزەرىيە بىرلەشتۈرۈلگەن، ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش تارىخىي تومۇرى ئېنىق نامايان قىلىنغان، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، تارىخ ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى مەدەنىيەت خىزمىتىگە دائىر ھەرقايسى ساھەلەرگە تەتبىقلاپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمىز

«شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئەڭ يېڭى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن ئىلىم نەتىجىسى يۇغۇرۇلغان، ئومۇمىي تارىخ ئۇسلۇبى ئارقىلىق قەدىمكى بىلەن ھازىرقى تۇتاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى ۋە دىنلارنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىش مۇساپىسى سىستېمىلىق رەتلەنگەن بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا پائال رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرىدۇ.

شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تيەن كاڭ مۇنداق قارىدى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا ئەڭ يېڭى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن ئىلىم نەتىجىسى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلار، قېزىۋېلىنغان ھۆججەتلەر، يېڭى ئىلمىي دەلىل - ئىسپاتلار، چېگرا رايون تارىخىغا ئائىت ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى قاتارلىقلار تولۇق قوبۇل قىلىنىپ، ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ دالا ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش - بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش، تەشۋىق - تەربىيە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، كۆرگەزمە قىلىش - پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىشىنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، «بىز <شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى>نى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا مۇجەسسەملەنگەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتنى چوڭقۇر قېزىپ، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيمىز، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز.»

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي ئورنى(مۇزېي)نىڭ باشلىقى چۇن شۆفېڭ مۇنداق قارىدى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى» شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي خىزمەتچىلىرىگە ئەڭ نوپۇزلۇق، ئاممىغا ئەڭ يېقىن بولغان كەسپىي كۆرسەتمە ئېلىپ كەلدى، «<شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى>دا ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، ئەستايىدىل ئىپادىلەنگەن سۆزلەر ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ <نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ>نى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىلىپ، ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز <شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى>نى كۈندىلىك كۆرگەزمىدە چۈشەندۈرۈش، جەمئىيەت تەربىيەسى، مەدەنىيەت تارقىتىشتىكى مۇھىم ئاساس قىلىپ، كىتابتىكى رەددىيە بەرگىلى بولمايدىغان تارىخىي ھۆكۈم، ئېنىق تارىخىي تومۇرنى مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چۈشەندۈرۈش، كۆرگەزمە زالى ۋە كۆرگەزمىنى پىلانلاش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھەربىر ئەمەلىي بۇيۇم، ھەربىر ھېكايىنى جانلىق ئىپادىلەش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ <بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش>ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.»

مەدەنىيەت تەتقىقاتىنى ئىلمىي تىرەك بىلەن تەمىنلەيمىز

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە باشلىنىشى بىلەنلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن تامغىسى بېسىلغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات تايانچى، قەلب ماكانى ۋە مەنىۋى ماكانى بولۇپ كەلدى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ جېنى.

«<شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى>نى ئۆگىنىپ، مول بىلىمگە ئىگە بولدۇم ھەم ھاياجانلاندىم، بۇ، بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى مەدەنىيەت - سەنئەت تەتقىقاتى خىزمىتىمىزنى پۇختا ئىلمىي تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.» شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ جىڭ مۇنداق دېدى: «بىز شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇزىكا، ئۇسسۇل، گۈزەل - سەنئەت قاتارلىق سەنئەت تۈرلىرىنى تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرغاندا، تېخىمۇ سىستېمىلىق، تېخىمۇ نوپۇزلۇق ئىلمىي پايدىلانما بولۇشىنى باشتىن - ئاخىر ئۈمىد قىلغانىدۇق. <شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى> بۇنىڭدىن كېيىن تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزنى نوپۇزلۇق پايدىلانما بىلەن تەمىنلەپ، بىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، خەلق ئىچى سەنئىتىنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا تارىخىي ئورۇننى دەل جايىدا تېپىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى تېخىمۇ ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تارقىتىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.»

«شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا شىنجاڭنىڭ تارىخى جۇڭگونىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئۇزاق يىل داۋاملىشىپ تەرەققىي قىلىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار تارىخىي كوردىنات سىستېمىسىغا قويۇلۇپ يەنىمۇ كۆزىتىلدى ۋە بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى ئىكەنلىكى كۈچلۈك ئىسپاتلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە بايان قىلىنغان زور مىقداردىكى تارىخىي پاكىتلار مەدەنىيەت - سەنئەت ئىجادىيىتىنى قىممەتلىك خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى.

«بۇ ئىككى ئەسەر بىزنىڭ مەدەنىيەت - سەنئەت ئىجادىيىتىمىزنى پۇختا ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.» شىنجاڭ سەنئەت ئورنى دىراما ئۆمىكىنىڭ باشلىقى لۇ جۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «مەدەنىيەت - سەنئەت ئىجادىيىتىدە ھېكايىنى ياخشى سۆزلەپلا قالماي، يەنە ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەيمىز. بىز كىتابتىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇلار ئارقىلىق تېخىمۇ تەسىرلىك، تېخىمۇ جانلىق شەكىللەر بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىمىز.»

ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى كېڭەيتىش داۋامىدا «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى ياخشى ئۆگىنىمىز ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىمىز

ئەمدىلا ئاياغلاشقان 3 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنىدىكى «تىيانشان كىتاب بازىرى» كىتاب ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە پايدا يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە، «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» نەق مەيداندا دىققەتنى ئەڭ تارتقان كىتابلار بولۇپ قالدى، ئوقۇرمەنلەر ئۇلارغا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭ تارىخىنى چۈشىنىشى، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشىگە ياردەم بېرىدىغان ئەسەر دەپ باھا بەردى. كىتاب ئوقۇش يىغىنىدىكى «كىتاب ھىدى بىلەن قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش، جۇڭخۇا روھىنى ئورتاق تاۋلاش» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش باش تېمىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىس، ئالىملار مۇنداق قارىدى: شىنجاڭدىكى ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى كېڭەيتىش پائالىيىتى داۋامىدا «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى ياخشى ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك.

«بۇ ئىككى ئەسەر شىنجاڭ رايونىدىكى تارىخ ئوقۇشلۇقى، دىن تارىخى ئوقۇشلۇقىنى ۋاقتىدا تولۇقلىدى، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى كېڭەيتىش داۋامىدا ياخشى ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك.» شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ شياڭ مۇنداق قارىدى: ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار مۇھىم ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەقىقىي تۈردە جەمئىيەت تەربىيەسى ۋە مەدەنىيەت تارقىتىش فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىپ، بازا تەربىيەلەش، ھۆججەت - ماتېرىياللارنى ساقلاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك نوپۇزلۇق تارىخ ئوقۇشلۇقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ شىنجاڭنى ئورتاق ئېچىپ گۈللەندۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، كىتاب ھىدى ئارقىلىق قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.