تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەربىر كالۇن دۆلەتنى قوغداش بۇرچىنى ئادا قىلىپ كەلگەن

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

كالۇن خارابىلىرى بوران - چاپقۇن، قار - شىۋىرغانلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا يىللاردىن ھالقىپ ئۆتكەن دۆلەتنى قوغداش روھىنى يەتكۈزۈپ كەلمەكتە. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئاشۇ خاڭداپ قوپۇرۇلغان خارابىلەرگە نەزەر سالغاندا، قان - قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ قەلبىدە مەۋج ئۇرىدۇ.

كالۇنلارنىڭ قوغدىغىنى تۈمەن چاقىرىملىق چېگرا رايوندىكى ھەربىر سۇڭ تۇپراقنى جەزمەن قوغداش ئېتىقادى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مۇھىم رايونلار، چېگرا مۇداپىئە بەلباغلىرى، تاغ - دەريا ئېغىزلىرى ھەم مۇھىم قاتناش يوللىرىدا تەسىس قىلىنغان كالۇنلار گەرچە پايتەخت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت زېمىنىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھەربىر دەريا ۋادىلىرى، ھەربىر تاغ ئېغىزلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈردى، بۇ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ چېگرا رايوننى ئۇزاققىچە ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كالۇن قۇرۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىدە چېگرانى چارلاش لىنىيەسى، نۆۋەتچىلىك قىلىش، مۇداپىئەدە تۇرىدىغانلار ئالمىشىش ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلماقتا.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەزەر سالساق، قىزىلقاغا تۇراسىدىن بېيتىڭ قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگىچە، زو زۇڭتاڭ سۆگىتىدىن كالۇن خارابىسىگىچە بولغان سانسىزلىغان تارىخىي ئىزلار شۇنى دەلىللىمەكتە: زامان - ماكان ئالماشقان، سۇلالىلەر ئالماشقان تەقدىردىمۇ، دۆلەت زېمىنى پارچىلىنىپ كەتسە بولمايدۇ، دۆلەت قالايمىقانلىشىپ كەتسە بولمايدۇ، مىللەت چېچىلىپ كەتسە بولمايدۇ، مەدەنىيلىك ئۈزۈلۈپ قالسا بولمايدۇ، دېگەن ئورتاق ئېتىقاد باشتىن - ئاخىر قەتئىي بىردەك بولدى.

كالۇننىڭ قوغدىشى قېرىنداشتەك يېقىن ئۆتىدىغان، بىرلىكنى قوغدايدىغان جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىي داستانىدا قېنىق، رەڭدار سەھىپە قالدۇردى. شىبە مىللىتىدىن بولغان ئارمىيە، خەلق تۈمەن چاقىرىم يول يۈرۈپ غەربكە كۆچۈپ، يىراقتىكى ئىلىغا كېلىپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئورۇنلىشىپ ساقلاپ، يىل بويى چېگرا ئېغىزىدىكى كالۇندا ئالمىشىپ نۆۋەتچىلىك قىلدى؛ ھەر مىللەت ئارمىيە، خەلق يۈز يىل قوغداپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ ئورۇنلىشىپ مۇداپىئەدە تۇرۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يىمىرىلمەس چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەش، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش ئەزەلدىن دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت قەتئىي مەيداندىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنى، جاھاننى كۆڭلىگە پۈكىدىغان، گۈللىنىش ياكى مۇنقەرز بولۇشتا ھەر كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەيدىغان ھەرىكەت مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ.

تاغ - دەريالار، قۇملۇقلاردىن ھالقىپ، قۇم - بوران، زىمىستان سوغۇقتىن قورقماي، ھەرقايسى مىللەتلەر دۆلەت زېمىنىنى بىرلىكتە قوغداپ، چېگرا رايوننىڭ خاتىرجەملىكىنى ئورتاق قوغداپ، زېمىننى قوغداپ دۆلەتنى مۇھاپىزەت قىلىش ئورتاق مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى قۇدرەتلىك كۈچنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى قىممەتلىك تارىخىي تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

كالۇننىڭ قوغدىشى ئۇزاق تارىخقا ئىگە چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھېسسىياتىغا ۋارىسلىق قىلىپ، بۈگۈنكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى يېتىلدۈردى. ئادەم ئاياغ باسمىغان، مۇھىتى ناچار ئېگىز تاغ ئېغىزلىرى، چۆل - باياۋان، يايلاقلاردا، ئورۇنلىشىپ مۇھاپىزەتتە تۇرغان سەركەردە - لەشكەرلەر يىل بويى يۇرتىدىن ئايرىلىپ، چېگرا رايوننى مۇھاپىزەت قىلدى. چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغۇچى سەركەردە - لەشكەرلەر دۆلەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئىش ئورنىنى مۇھىم بىلىپ، ھەر كۈنى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، چېگرانى چارلاش ۋەزىپىسىنى قىلچە بىخەستەلىك قىلماي تاماملاپ، چېگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇپ، چېگرا ماجىرالىرىنى پەسەيتىپ، چېگرا رايوندىكى پۇقرالارنى قوغداپ، چىڭ تۇرۇش ۋە تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق ۋەتەننىڭ چەكسىز كەتكەن تاغ - دەريالىرىنى قوغدىدى.

بۇ خىل مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماسلىق، ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاشتەك چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش روھى زامان - ماكاندىن ھالقىپ، تارىختىن بۇيان يېڭىلىنىپ كەلدى. مەيلى ئىلگىرىكى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى كالۇن بولسۇن ياكى بۈگۈنكى قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسىدىكى شېنشيەنۋەن قاراۋۇلخانىسى بولسۇن، چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرىنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، چېگرا رايوننى قوغداشتىن ئىبارەت ئۇزاق يىل داۋاملاشقان دۆلەتنى قوغداش بۇرچى تومۇرداش. مەيلى تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان تاڭ سۇلالىسىدىكى چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغۇچى سەركەردە - لەشكەرلەرنىڭ سالام خېتى بولسۇن، مەيلى بۈگۈنكى «ۋېنيۇڭ يولى» يول تاختىسى ئاستىدىكى دەستە - دەستە گۈللەر بولسۇن، بىزنىڭ يۈرەك تارىمىزنى چېكىدىغىنى مەڭگۈ ۋەتەنگە بولغان ئەڭ ساپ مۇھەببەت.

بۈگۈنكى كالۇن گەرچە چېگرانى تەكشۈرۈش، چارلاش، كۆزىتىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمدى ئۈستىگە ئالمايدىغان بولسىمۇ، لېكىن يىللارنىڭ ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئۇنىڭ ساقلىنىپ قالغان بۆلەكلىرى يەنىلا بىز مەۋقەنى تارىخقا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سالىدىغان كۆزىتىش سۇپىسى. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بىپايان تۇپراقتا ھەرقايسى مىللەتلەر ئۇزاق تارىخىي جەرياندا بىللە ياشاپ، قويۇق يۇغۇرۇلۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئوخشاش تەقدىرنى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى. تومۇرلىرىمىزغا سىڭىپ كەتكەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بىزنى ماس قەدەمدە بولۇپ، مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا چاقىرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.