—— ياش ئوقۇغۇچىلار «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇپ، روھنى تاۋلىدى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ
«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەكتەپلەر باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى، كىتاب ئوقۇپ ھەمبەھرىلەش يىغىنى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ياش ئوقۇغۇچىلارنى شىنجاڭ تارىخىنى چۈشىنىشكە يېتەكلىدى. ئوقۇغۇچىلار مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا بۈيۈك بىردەكلىككە ئىگە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا شىنجاڭنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغانلىقىدىن ئىبارەت شانلىق تارىخىي داستان ۋە كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت تارىخىي مەنزىرە سىستېمىلىق نامايان قىلىنغان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش تارىخىي تومۇرى ئېنىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن بولۇپ، بىز چوقۇم «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، تارىختىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىمىز.
«تۈنۈگۈنكى شىنجاڭ»دىن «بۈگۈنكى شىنجاڭ»غىچە بولغان تەرەققىيات، تەدرىجىي ئۆزگىرىشنى چۈشەندۇق
تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك. «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا قەدىمكى بىلەن ھازىرقى تۇتاشتۇرۇلغان، تارىخ بىلەن نەزەرىيە بىرلەشتۈرۈلگەن، ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخىي ئومۇمىي قىياپىتى قانداق، جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخىنىڭ مۇكەممەل تومۇرى نېمە، قاتارلىق تۈپ مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى تولۇق ئىسپاتلاندى.
«<شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى> بىزنىڭ ھەقىقىي شىنجاڭ تارىخىنى چۈشىنىشىمىزنى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلىدى.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا 1 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىمرانجان ئىلھامجان مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم، «مەن چوقۇم تىرىشىپ ئۆگىنىپ، قابىلىيىتىمنى تاۋلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچۈمنى قوشىمەن.»
«<جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى> بىزگە شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇزاق مەزگىل ئارىلىشىش داۋامىدا، ھەرقايسى مىللەتلەر بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىدى، بەخت - سائادەت ۋە جاپادا بىللە بولدى، شەرەپ - نومۇستا بىللە بولدى، ھايات - ماماتتا بىللە بولدى، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولدى، ئۇلار بىر چوڭ ئائىلىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەزاسى.» قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىليار بەختىيار مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا «تۈنۈگۈنكى شىنجاڭ»دىن «بۈگۈنكى شىنجاڭ»غىچە بولغان تەرەققىيات، تەدرىجىي ئۆزگىرىش بايان قىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشى «نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ»نى ئىگىلەش ۋە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى، مەن تارىخىي بىلىملەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئۆگىنىپ، ھەر مىللەت ساۋاقداشلار ئارا ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتىمەن.
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيمىز
قەدىمكىنى ئەينەك قىلغاندا ھازىرقى رېئاللىقنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، تارىخنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نىڭ ئېلان قىلىنىشى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بولۇپ، كەڭ ياشلارنى ماركسىزملىق «بەش قاراش»تا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەشتە مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
«<شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى>نى ئۆگەنگەندىن كېيىن، مەن ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇزاق مەزگىل ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچقانلىقى، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى ئورتاق بەرپا قىلغانلىقى، پارلاق جۇڭگو تارىخىنى ئورتاق پۈتكەنلىكى، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتقانلىقىنى تېخىمۇ چۈشەندىم.» قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى گۈلزىبا مەمەتزۇنۇن مۇنداق دېدى: مەن جەنۇبىي شىنجاڭدا چوڭ بولغان، ھەر مىللەت ساۋاقداشلار بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلدىم، بىللە ئۆگەندىم، «بۇ يىللاردا يۇرتىمىزدا بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ھەم گۇۋاھ بولدۇم، ۋەتەننىڭ بىرلىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تىنچ - خاتىرجەملىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ پۇختا ئاساسى، بۇنىڭدىن كېيىن مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ئانار دانىسى بولىمەن.»
شىنجاڭ تارىخىنى توغرا تونۇش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسى.
«<شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى> شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقانلىقىنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدى.» خوتەن شەھەرلىك 5 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 9 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ياڭ يىلې مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى قەلبىمدە چىڭ ساقلاپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ھەر مىللەت ساۋاقداشلار بىلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆزۈمنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىمەن.
ياشلىق مۇسابىقە يولىدا دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئالىمىز
تارىخنى چۈشىنىش كەلگۈسىگە تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىش ئۈچۈندۇر. كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى ياخشى ئۆگىنىشتە، كىتاب يۈزىدىلا توختاپ قالماسلىقىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9 - شى لۇڭجېن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا 1 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ زىخەن مۇنداق بىلدۈردى: كىچىكىمدىن تارتىپ چوڭلار سۆزلەپ بەرگەن گەمىدە تۇرغان، بوز يەر ئاچقان، چېگرا مۇداپىئەسىنى ساقلىغان ھېكايىلەرنى ئاڭلايتتىم، «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى ئۆگەنگەندىن كېيىن، تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن يۇرتىمىزنى چۈشەندىم.
«تىرىشىپ دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇشتا يۇرتىمىز تارىخىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئىتتىپاقلىق روھىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك. مەن ئاتا - بوۋىلارنىڭ قولىدىكى كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، ياشلىق كۈچۈم ئارقىلىق يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى ۋاڭ زىخەن.
خوتەن شەھەرلىك 5 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 9 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى نەفىسە باقى مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋر ياشلىرىدىن بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەتراپىمدىكى شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى سۆزلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، مەسئۇلىيەتچان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان ياشلاردىن بولىمەن.
مەۋقەنى كۈندىلىك ئىشلارغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ئانار دانىسى بولۇشتىن ئاتا - بوۋىلارنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشكىچە، شىنجاڭدىكى ياش ئوقۇغۇچىلار «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى ئۆگىنىش داۋامىدا كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئۇسۇلى ئارقىلىق، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.






