تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ) «چۈشتىن بۇرۇن جىڭدۇڭ سۇپىسىدا زاكاز قىلغان ئاق راكنى چۈشتىن كېيىنلا يېيەلىدىم، ھەقىقەتەن بەك تېز ئىكەن!» دېدى شىخەنزە شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ليۇ خانىم خۇشاللىقىنى باسالمىغان ھالدا. 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى شىنجاڭدىكى تۇنجى خام-يېڭى تاۋارلار سوغۇق ساقلاش زەنجىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش ئىسكىلاتىنى ئېچىپ تىجارەت باشلىدى، جىڭدۇڭ خام-يېڭى تاۋارلار سوغۇق ساقلاش زەنجىرىنىڭ مۇلازىمىتى تۇنجى قېتىم شىمالىي شىنجاڭ رايونىنى قاپلاپ، خام-يېڭى تاۋارلارنى ئامباردا ساقلاش، توشۇشتىن تەقسىملەپ يەتكۈزۈشكىچە بولغان بىر گەۋدىلەشكەن تەمىنلەش زەنجىرى كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئىستېمالچىلار ئەڭ تېز بولغاندا شۇ كۈنى يېتىپ بارىدىغان خام-يېڭى تاۋارلارنى توردىن سېتىۋېلىش تەسىراتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئىسكىلاتنى ئېچىش مۇراسىمى نەق مەيدانى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا فوتوسى
بۇ سوغۇق زەنجىرلىك ساقلاش ئىسكىلاتى جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى ئاسىيا 1-نومۇر ئۈرۈمچى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىسكىلاتتا ساقلاش كۆلىمى تەخمىنەن 2000 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، كۈندىلىك زاكاز بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى 4000 زاكازدىن ئاشىدۇ. ئىسكىلات ئېچىلغاندىن كېيىن، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى 450تىن ئارتۇق خام-يېڭى تاۋرلار يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە تىرەك بولۇپ، رايونلارنىڭ خام-يېڭى تاۋرلارنى يەتكۈزۈش ۋاقتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، ۋۇجياچۈ شەھىرىگە زاكاز ئەڭ تېز بولغاندا شۇ كۈنى يەتكۈزۈلۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ئالتاي شەھىرى، قاراماي شەھىرى، چۆچەك شەھىرى، غۇلجا شەھىرى قاتارلىق جايلارغا ئەڭ تېز بولغاندا ئەتىسى يەتكۈزۈلىدۇ.

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ شىنجاڭدىكى تۇنجى خام-يېڭى تاۋارلار سوغۇق ساقلاش زەنجىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش ئىسكىلاتىدا، خىزمەتچىلەر توڭلىتىلغان بۇيۇملارنى ئايرىماقتا. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا فوتوسى
2014-يىلى، جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ مۇلازىمەتنى قانات يايدۇردى؛ 2021-يىلى جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى ئاسىيا 1ـ نومۇر ئۈرۈمچى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر باغچىسى ئىسكىلاتى ئېچىلىپ، تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا «شۇ كۈنى يەتكۈزۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ 2025-يىلى جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى قەشقەر ئىسكىلاتى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ئەتراپتىكى رايونلارغا مەھسۇلاتنى يەتكۈزۈش ۋاقتى زور دەرىجىدە تېزلىتىلدى؛ بۇ يىل 6-ئايدا جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى ئاقسۇ يىغىش-تارقىتىش-ئايرىش مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يادرولۇق ئايرىش تۈگۈنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تولۇقلىدى، بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تېز يوللانمىنى ئەڭ تېز بولغاندا شۇ كۈنى يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.






