سىز مۇنداق قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغانمۇ-يوق؟ ئۇچۇردا جۇغلانما نومۇرىڭىزنىڭ پات ئارىدا ئىناۋەتسىز بولۇپ كېتىدىغانلىقى، ئۇنى يان تېلېفون ياكى قول سائىتىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ ھەم ئۇنىڭ كەينىگە بىر تور ئادرېسىنىڭ ئۇلىنىشى يېزىلغان بولىدۇ.
لېكىن، سىز بۇ مەشغۇلاتنى قىلىپ زاكاز چۈشۈرسىڭىز، جۇغلانما نومۇردىن سىرت يەنە ئارتۇق پۇل تۆلەيسىز، ئەگەر داڭلىق ماركىلىق يان تېلېفونغا ئالماشتۇرسىڭىز، تاپشۇرۇۋالغىنىڭىز ئاسان قېتىپ قالىدىغان، داڭلىق ماركىغا ئوخشىتىپ ياسالغان ساختا مەھسۇلات بولۇپ چىقىدۇ؛ يەر سۈپۈرىدىغان ماشىنا ئادەمگە ئالماشتۇرسىڭىز، قاپنى ئېچىپ قارىسىڭىز، ئۇنىڭ ئىچىدىن بالىلار ئويۇنچۇقى چىقىدۇ؛ يەنە بەزى ئىستېمالچىلار پۇل تۆلىگەن بولسىمۇ، لېكىن زاكاز تالونىنى تەكشۈرۈپ تاپالمايدۇ، ئاخىرىدا ھەتتا تور بەتمۇ ئېچىلمايدۇ. بۇنداق ئاتالمىش جۇغلانما نومۇرنى ئالماشتۇرۇش-تۈگىتىشنىڭ ئارقىسىغا قانداق قىلتاق يوشۇرۇنغان؟ يەنە قانداق ئىستېمال خەۋپ-خەتىرى بار؟
جۇغلانما نومۇرنى ئالماشتۇرۇش-تۈگىتىش قىسقا ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىڭىزمۇ؟
ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ!
يېقىندا، خۇ ئەپەندى 1068 دېگەن نومۇردىن باشلانغان بىر قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان، ئۇنىڭ مەزمۇنىغا «جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى»نىڭ جۇغلانما نومۇرنى ئالماشتۇرۇش-تۈگىتىش توغرىسىدىكى ئەسكەرتمىسى: سىزنىڭ ئاخىرقى نومۇرى X بولغان يان تېلىفون نومۇرىڭىزنىڭ جۇغلانما نومۇرى جەمئىي 588990 نومۇر بوپتۇ، ئەتە نومۇرىڭىز ئىناۋەتسىز بولىدۇ، جۇغلانما نومۇرنى خۇاۋېي ماركىلىق يان تېلېفونغا، قول سائىتىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ» دەپ يېزىلغانىدى، ئااخىرىدا يەنە ئاتالمىش «سودا شەھەرچىسى»نىڭ تور ئادرېسى ئۇلىنىشى بار ئىدى.
لېكىن، زاكاز قىلغاندىن كېيىن خۇ ئەپەندى بۇنىڭ ھەقىقىي پاراۋانلىق ئەمەسلىكىنى بايقىغان. خۇ ئەپەندى: «مەن بىلمەيلا ئۇلانمىنى چېكىپتىمەن، نەتىجىدە پۇلنى بىۋاستە تۇتۇپ قالدى. تاۋارنىڭ سۈرىتى قارىماققا ناھايىتى ئالىي دەرىجىلىك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بۇنداق تىپ بازاردا ئەسلا يوق ئىكەن. بەت يۈزى بەك ئاددىي ياسالغان بولۇپ، خېرىدارلار مۇلازىمىتى بىلەنمۇ ئالاقىلەشكىلى بولمىدى».
خۇ ئەپەندىنىڭ كەچۈرمىشى ئايرىم مىسال ئەمەس. بۇنىڭدىن بۇرۇن بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ ئەپەندىمۇ جۇغلانما نومۇرغا ئائىت قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغان، ئۇچۇردا 100 نەچچە مىڭ جۇغلانما نومۇرنىڭ پات ئارىدا ئىناۋەتسىز بولۇپ كېتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئۇ جۇغلانما نۇمۇرنى 1000 يۈەن قىممىتىدىكى يەر سۈپۈرىدىغان ماشىنا ئادەمگە ئالماشتۇرۇشنى تاللىغان، بەت يۈزىدە 15 مىڭ جۇغلانما نومۇر بولسىلا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. لېكىن مال تاپشۇرۇۋېلىش ئۇچۇرىنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپ يەنە 168 يۈەن تۆلەشنى تەلەپ قىلغان. تېز يوللانما قولغا تەگكەندىن كېيىن، ئۇ ئاتالمىش «يەر سۈپۈرىدىغان ماشىنا ئادەم»نىڭ پەقەت ئالىقاندىن سەل چوڭراق بالىلار ئويۇنچۇقى ئىكەنلىكىنى، يەر سۈپۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ پەقەتلا يوقلۇقىنى بايقىغان.

«كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ كونا ئابۇىچىلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتى»، «1oo86»
پۈتۈنلەي ساختا
بەزى ئىستېمالچىلار ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا مۇشۇ خىلدىكى قىسقا ئۇچۇرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇنىڭدىكى قىسقا ئۇچۇرنىڭ بېشىغا «كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ كونا ئانۇنىچىلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتى» «كۆچمە خەۋەرلىشىش كارتىسى ھېساباتىغا پۇل كىرىش» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان بولۇپ، كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ قىسقارتىلغان نامىنى قوشۇپ يېزىش ئارقىلىق، كىشىلەردە تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ سودا شەھەرچىسى ئۇلانمىسى دېگەن خاتا چۈشەنچىنى پەيدا قىلغان؛ خەتتە «قالدۇق سومما ئەسكەرتمىسى، جۇغلانما نومۇر ئەتىسى ئىناۋەتسىز بولۇش، ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن» دېگەنگە ئوخشاش سۈيلەش خاراكتېرىدىكى سۆزلەر يېزىلغان بولۇپ، جۇغلانما نومۇرنى ئالماشتۇرۇش-تۈگىتىشتىن پايدىلىنىپ جىددىيلىك پەيدا قىلغان.

مۇخبىر ئىستېمالچىلار تەمىنلىگەن سودا شەھەرچىسى تور بېتىنى ئېچىپ، ھېچقانداق تىزىملىتىپ كىرمىگەن ئەھۋالدىمۇ ئەزالىق جۇغلانما نومۇر كۆرۈنمە يۈزىدە ئېشىپ قالغان ئىشلەتكىلى بولىدىغان نومۇرنىڭ 688800 نومۇر دەپ تۇرغانلىقىنى، ئۇنى تەخمىنەن 6888 يۈەنگە نەقلەشتۈرگىلى بولىدۇ، دەپ مۆلچەرلەنگەنلىكىنى كۆرگەن.
تاۋار تىزىملىكىدە بولسا يان تېلېفون، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائەت، يەر سۈپۈرىدىغان ماشىنا ئادەم قاتارلىقلار بار ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە بىر يان تېلېفوننىڭ تەشۋىقات سۈرىتى مەلۇم يېڭى تىپتىكى داڭلىق ماركىلىق يان تېلېفوننىڭ شەكلى بىلەن بەكلا ئوخشاش بولۇپ، «i17Pro Max» دەپ يېزىلغان، ئەسلى باھاسى 7999 يۈەن بولۇپ، ھازىر 50 مىڭ جۇغلانما نومۇر بىلەن بۇ يان تېلىفوننى ئالماشتۇرالايسىز، دېيىلگەنىدى. لېكىن «دەرھال ئالماشتۇرۇش»نى چېكىپ، مال تاپشۇرۇۋېلىش ئۇچۇرىنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، پۇل تۆلەش كۆرۈنمە يۈزىنى چەككەندە، 50 مىڭ جۇغلانما نومۇرنى پەقەت 7100 يۈەنگە نەقلەشتۈرگىلى بولىدۇ، يەنە 899 يۈەن تاپشۇرۇش كېرەك، دېيىلگەن، بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆرسىتىلگەن «ئىشلەتكىلى بولىدىغان جۇغلانما نومۇر»نى ئىشلەتكىلى بولمىغان.
مۇخبىر ئارقىدىن خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسىدىن بۇ يان تېلېفون مەلۇم داڭلىق ماركىلىق يان تېلېفون شۇمۇ ياكى ئەمەسمۇ سورىغاندا، خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى باشقا ماركىلىق يان تېلېفون دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ ماركىدىكى ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتنىڭ بازار باھاسىنى سۈرۈشتۈرگەندە، باھاسى تۆلەشكە تېگىشلىك سوممىدىن خېلىلا تۆۋەن چىققان.

ئەمەلىي سىناقتىن قارىغاندا، ئاتالمىش «جۇغلانما نومۇرنى پۇلغا سۇندۇرۇش» كۆپ ھاللاردا پەقەت بىرىنچى قەدەمدىكى يەمچۈك بولۇپ، ھەقىقىي مەقسەت ئىستېمالچىلارغا ئارتۇق پۇل تۆلىتىش ئىكەن. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى داشۆسى مەخپىي شىفېر شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى جىڭ جىۋۇ مۇنداق بىلدۈردى: ساختا تور بېكىتى قۇرۇش مەشغۇلاتى قىلىش تەس ئەمەس، بەت يۈزىدە كۆرۈنگەن ئاتالمىش زور سوممىلىق جۇغلانما نومۇر پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنى ئازدۇرىدىغان ساختا كۆرۈنۈشتىن ئىبارەت.
ساختا تور بېكىتىنىڭ ئېقىم يېتەكلەش قىسقا ئۇچۇرى مەزمۇن جەھەتتە ئابۇنىچىلارنى قايمۇقتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئوخشاپ قالىدىغان ئىسىملار بىلەن ئابۇنىچىلارنى ئازدۇرۇپ تور بېكەتكە كىرىشكە ئۈندەيدۇ. مەسىلەن: «I0086» «1oo86»نى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ بىرتۇتاش خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفونى قىلىپ كۆرسىتىپ، «10086»دا جۇغلانما نومۇرنى سوۋغاتلىققا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ دەيدۇ، ھەم قىسمەن سان، ھەرپنىڭ كۆرۈنۈشتىكى ئوخشاشلىقىدىن پايدىلىنىپ كۆز بويايدۇ. نەچچە ھەرپ-بەلگە پەرقى بىلەن قىلتاققا چۈشۈرىدۇ.
«جۇغلانما نومۇرنى نەقلەشتۈرۈش» ئالدامچىلىقى ئاللىقاچان
ئۆز ئالدىغا كۆپەيتكىلى بولىدىغان قارا-كۈل رەڭ كەسپ زەنجىرىگە ئايلاندى
جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئادۋوكاتلار ئۆمىكىنىڭ ئادۋوكاتى لۇ يۈن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇنداق ئالدامچىلىق ئەڭ ئاخىرىدا مۇنداق قوش يۆنىلىشلىك بولىدۇ __
■ بىرى، خېرىدارلارنى زاكاز تالونى چۈشۈرۈشكە يېتەكلىگەندىن كېيىن، تۆۋەن باھادىكى تاۋارلارنى ئەۋەتىدۇ؛
■ يەنە بىرى، تېخىمۇ بىۋاسىتە بولۇپ، تالون چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن زاكاز تالون چۈشۈرۈش يولى پۈتۈنلەي تاقىلىدۇ، خېرىدارلار قايتۇرۇۋالماقچى بولغان پۇلىنى ئالماقچى بولسىمۇ كىرىش كۆزنىكىنى تاپالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۆلىگەن پۇلىنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيدۇ.
مۇتەخەسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتتى: شەخسىي مەخپىي ئۇچۇرنى كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنغان بەت يۈزىگە قارىتا چوقۇم يۈكسەك ھوشيار بولۇش كېرەك، بۇنداق ئۇچۇرلار ئىككىنچى قېتىم داۋاملىق ئالداشنىڭ ئاساسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئالدامچى ئۇنسۇرلار ناتونۇش ئۇلىنىش ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ساختا Appنى چۈشۈرۈشكە ياكى ئۇلىنىشنى بىۋاسىتە چېكىپ كىرىشكە ئۈندەپ، كىملىك ئۇچۇرى، بانكا كارتىسى نومۇرى، بانكا كارتىسى مەخپىي نومۇرى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ؛ يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ساختا Appدىن «مال سېتىۋېلىش» ئارقىلىق ھېسابات يۆتكەشكە ئۈندەيدۇ، ھەتتا مۇما كۆچۈرۈپ، بانكا كارتىسىدىكى مەبلەغنى يۆتكەپ كېتىدۇ.

بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف داشۆسى ئالاقە تورىنى تۈزەش ۋە قانۇن تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى شيې يۇڭجياڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: «جۇغلانما نومۇرنى نەقلەشتۈرۈش» ئالدامچىلىقى ئۆز ئالدىغا كۆپەيتكىلى بولىدىغان قارا ۋە كۈل رەڭ كەسىپ ئاقما لىنىيەسىگە ئايلاندى، پۈتكۈل زەنجىر قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئېقىمنى يېتەكلەش، سودا شەھەرچىسىگە تەقلىد قىلىش، قايمۇقتۇرۇپ پۇل تۆلەتكۈزۈش، ناچار مال تارقىتىش، ھەتتا كۆزنەكنى تاقاپ يوقاپ كېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھەرقايسى چوڭ تىجارەت سودىگەرلىرى
ئاممىنى مۇشۇ خىلدىكى قىسقا ئۇچۇرلاردىن ساقلىنىش توغرىسىدا ئىزچىل ئەسكەرتمەكتە
خەلق ساقچىلىرى مۇنداق ئەسكەرتىدۇ
مەۋھۇم نومۇر ۋە بىنورمال تور ئادرېسى ئۇلىنىشىدىن پەخەس بولۇش
ئۆزىنىڭ ئالدامچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغان ھامان
دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلىش كېرەك
«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات قانىلى» ۋېيىشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






