− «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى شىنجاڭدىكى دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
تارىخنى ئۆرنەك قىلغاندا، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلگىلى بولىدۇ؛ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىنى چۈشىنىش، تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئېنىق تونۇش ئۈچۈن جەزمەن ئالدى بىلەن تارىخنى بىلىش كېرەك.
«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئاڭلىق ھالدا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئاڭلىق ھالدا يۇغۇرۇلۇپ، جەمئىيەتكە ئاڭلىق ھالدا ئۇيغۇنلىشىمىز.
ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي تارىخىي پاكىتلارنى ئېنىق تونۇپ يېتىش
جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھىرى شەنشى چوڭ مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى بەي شېڭفۇ مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نىڭ نەشر قىلىنىشى دىن ساھەسىدىكى زاتلارغا شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق دىننىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا ۋارىسلىق قىلىنىشى، راۋاجلىنىشى ئۈچۈن، جەزمەن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان جەمئىيەت مۇھىتىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىشى كېرەكلىكىنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇتتى، بۇ، ئۇزاق يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىشنىڭ ئوبيېكتىپ پاكىتى.
شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىش تارىخىغا نەزەر سالساق، ھەر قايسى دىنلار تارقىلىش جەريانىدا ھەم بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنداقلا ئۆزئارا قوبۇل قىلىپ يۇغۇرۇلغان. مەسىلەن، داۋجياۋ دىنى شىنجاڭغا تارقالغاندا بۇددا دىنى ئامىللىرىنى قوبۇل قىلغان، تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان ھەمدەپنە كىيىم - كېچەك ۋە بۇيۇملار تىزىملىكى ھۆججىتىدە، داۋجياۋ دىنى بىلەن بۇددا دىنىغا دائىر سۆزلەر بىرلا ۋاقىتتا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، تەڭ كۆرۈلگەن، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان ۋە سىڭىشىپ كەتكەن. ئىسلام دىنى تارقىلىپ كىرگەندىن كېيىن، شۇ جايدا ئەسلىدە بار بولغان دىن ئامىللىرىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ يۇغۇرۇلغان، يەكەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم قەدىمىي مەسچىتلەردە بۇت تەكچىسى، نېلۇپەر تەخت قاتارلىق يادىكارلىقلارنى ھازىرمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
«تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولدى.» خېجىڭ ناھىيەسى خېجىڭ بازىرىدىكى باقشىنكۈرەنىڭ باش راھىبى ساڭغىج مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى ئۆگىنىش بىر تەرەپلىمىلىك، پارچە - پۇرات بولغان خاتا تارىخىي تونۇشنى تۈگىتىشكە پايدىلىق. ھەرقايسى دىنلار پەقەت جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، جەمئىيەت، دەۋر تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشقاندىلا، ئاندىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. شىزاڭ بۇددا دىنىنىڭ دىنىي خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەيمەن.
تارىخنى ئۆگىنىپ ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش
2025 - يىلى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەن بەيما ئىبادەتخانىسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش تامامەن توغرا بولۇپ، دىننى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە يۇغۇرۇلۇشقا، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.
«ھەرقانداق دىن ئۆزى تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش چوڭقۇر تارىخىي مۇقەررەرلىككە ئىگە.» خوتەن شەھىرى جامە مەسچىتىنىڭ دىنىي خادىمى ئوبۇلھەسەن تۇرسۇننىياز مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش، ئىتتىپاق - ئىناق ئۆتۈش، ئەخلاق - پەزىلەتنى ئۇلۇغلاش، ياخشىلىققا ئىنتىلىشتىن ئىبارەت داۋلىلارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا سۆزلەپ بېرىپ، كۆپچىلىكنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، خاتىرجەم، بەختلىك ياخشى تۇرمۇشنى قوغداشقا يېتەكلەيمەن.
ھەرقايسى دىنىي تەشكىلاتلار جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ئاڭلىق سىڭىشىشنى دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلدى. 2021 - يىلى 4 - ئايدا، شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش بەش يىللىق خىزمەت يىرىك پىلانى (2021 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نى تۈزۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭ بۇددا دىنى جەمئىيىتى «بۇددا دىنى ئىدىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتى، پائالىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە جۇڭگو ئۇسلۇبىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر سىڭىشىش» ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۈرۈمچى شەھىرى خىرىستىيان دىنى تەشكىلاتى خىرىستىيان دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۇدا كۆپ يىل ئالاقىدار تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئۆتكۈزدى.
قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونى چېڭبېي كوچىسى دايىڭمېن خىرىستىيان دىنى چېركاۋىنىڭ دىنىي خادىمى ۋەن دويەن مۇنداق بىلدۈردى: «<شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى>دا تارىخىي پاكىت تومۇرى سىستېمىلىق ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ماڭا دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى، مەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا توغرا تارىخ قارىشى، دىن قارىشىنى تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى قوغدايمەن.»
تىرىشىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بۇرچنى زىممىمىگە ئېلىش
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىدى. شىنجاڭنىڭ دىن ساھەسىدىكىلەر جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلىدى.
«داۋجياۋ دىنى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان بولۇپ، ئۇنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ۋارىسلىق قىلىنىشىنىڭ ئۆزىلا دەل كۆپ مىللەت ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى.» ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭمياۋزى داۋجياۋ ئىبادەتخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچى راھىبى چېن شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: داۋجياۋ دىنى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ياخشى بايان قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلاشقا يېتەكلەپ، داۋجياۋ دىنىنىڭ پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقى، دىنلارنىڭ رايىشلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
تارىخ ئۆگىنىشتىكى ئاچقۇچ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە. تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن شەھىرىنىڭ دۇڭۋەن بازىرى چۇەنجۇاڭزى كاتولىك دىنى چېركاۋىنىڭ دىنىي خادىمى شۈ جاۋخەي مۇنداق بىلدۈردى: دىنىي خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قانۇن - نىزام ۋە دىنىي قائىدە - تۈزۈملەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە قانات يايدۇرىمەن. كۈندىلىك دىنىي بىلىملەرنى سۆزلەش ۋە چۈشەندۈرۈش جەريانىدا، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا يېتەكلەيمەن.
تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك، شۇنداقلا ئەڭ ياخشى سەگىتىش دورىسى. «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نىڭ نەشر قىلىنىشى شىنجاڭدىكى دىن ساھەسىدىكىلەرنى تارىخنى يورۇتىدىغان، ھازىرغا نەزەر سالىدىغان، كەلگۈسىگە ئىلھام بېرىدىغان بىر ئەينەك بىلەن تەمىنلىدى. دىن ساھەسىدىكى زاتلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يۈكسەك تارىخىي ئاڭلىقلىق بىلەن دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشىمىز.
(مۇخبىر لى جيانى، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇ ياڭ، لى يۈن، ليۇ يۈلېي، ۋاڭ مىن)






