9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سەھەردە، فۇكاڭ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى تورداشلارنىڭ فۇكاڭ شەھىرى فۇشى سانائەت باغچە رايونىدا ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بەش ئاپتوموبىلنىڭ ئۇچقاندەك كېتىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى سىنلىق پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالدى.
مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شۈيموگوۋ يېزىلىق ساقچىخانا تەرتىپ ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى سىندىكى ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىغا ئاساسەن بىر-بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ بېكىتىپ، بەش ئاپتوموبىل ئىگىسىنى فۇشى سانائەت باغچە رايونى ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىغا تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا قانۇن بويىچە چاقىرتتى.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، خەلق ساقچىلىرى دېلوغا چېتىشلىق ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بەش ئاپتوموبىلنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچىنى جازالاپ، ئاپتوموبىلنى ئەسلىي زاۋۇت ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، قاتناش بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشكە بۇيرۇدى.
ئىگىلىنىشىچە، فۇكاڭ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ 4 - قارارلىق «سىز پاش قىلىڭ . مەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلاي» ناملىق مەخسۇس تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. بۇ ئىدارىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتوموبىلنى قانۇنسىز ئۆزگەرتىش، ئاپتوموبىلنى ئۇچقاندەك ھەيدەش قاتارلىق قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى سىجىل قاتتىق تەكشۈرىمىز، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ نازارەت قىلىشى، پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.






