تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

ئاپتوموبىل ئىچىگە 110 بولاق تاماكا تىقىپ قويۇلدى! شەخسىي ئاپتوموبىل قانۇنسىز تاماكا توشۇغانلىقتىن تەكشۈرۈلدى

   8-ئاينىڭ 31-كۈنى، مارالبېشى ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول گۇڭئەن تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلار ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا، شەخسىي ئاپتوموبىلدا قانۇنسىز تاماكا توشۇش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نەق مەيداندا ئون نەچچە خىل ماركىدىكى تاماكىدىن جەمئىي 110 بولاقنى تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قالدى.

   شۇ كۈنى، خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلار ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقان ئاپتوموبىللارنى دائىملىق تەكشۈرگەندە، بىر شەخسىي ئاپتوموبىل ئىچىگە پېچىتى بۇزۇلمىغان زور مىقداردىكى تاماكا قاچىلانغانلىقىنى، سانىنىڭ بىنورمال ئىكەنلىكىنى بايقاپ، دەرھال تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىغا دوكلات قىلدى ھەم نەق مەيداندىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تېزدىن مۇقىملاشتۇردى.

   تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش جەريانىدا، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى فاڭ X تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى قانۇنلۇق توشۇش رەسمىيىتىنى كۆرسىتەلمىدى، ئۇنىڭ قىلمىشى تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى توشۇشنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغاچقا، خەلق ساقچىلىرى دېلونى ماس قەدەمدە مارالبېشى ناھىيەلىك تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسىنىڭ بىرلىشىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  8-ئاينىڭ 31-كۈنى، مارالبېشى ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى ۋە تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى جىنايەت گۇماندارى فاڭ Xنى ۋە ئۇنىڭ ئاپتوموبىلى ئىچىدىن قانۇنسىز توشۇلغان تاماكىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى. ئىختىيارىي مۇخبىر لېي جيې فوتوسى 

  تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، دېلوغا چېتىشلىق تاماكىلارنى بىر-بىرلەپ ساناپ، تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ، كەسپىي باھالاش ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دېلوغا چېتىشلىق سوممىنىڭ تەخمىنەن 30 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.