شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى (سۇ چۇەنيى، جاڭ ۋېنچى) شىنجاڭ تۇرپان تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا كۆپىنچە تومۇز ئىسسىققا چىدىغىلى بولمايدىغان «يالقۇنتاغ» كېلىدۇ. ھالبۇكى بۇ قۇرغاق ھەم ئىسسىق تۇپراق كارىزنىڭ سۇ مەنبەسىدىن پايدىلىنىپ، چۆللۈكتە سوغۇق سۇ بېلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېقىپ، ئۆزگىچە بېيىش يولىنى ئاچتى.
بېلىقچىلىق مەيدانىنىڭ مەسئۇلى سۇڭ جىجۈننىڭ سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 20 يىل بولدى. بېلىق كۆلچىكىدە ۋۇداۋخېي، شىداۋخېي قاتارلىق ئالتايدىن چىقىدىغان سوغۇق سۇ بېلىقى تۈرلىرى بېقىلىدۇ. نۇرغۇن كىشى «يالقۇنتاغ»دا تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى ھەم قۇرغاق تۇرسا، سوغۇققا ئامراق بېلىق تۈرىنىڭ ياشىشىغا قانداق ماس كېلىدۇ؟ دەپ ئەجەبلەندى، لېكىن بۇنىڭ جاۋابى دەل كارىزدا.
تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، بوستانلىقنىڭ سۇ مەنبەسى تىيانشان مۇزلۇقىدىكى يىغىندى قارلاردىن كېلىدۇ. بۇ يەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاران 16.4 مىللىمېتىر، لېكىن پارغا ئايلىنىش مىقدارى 3000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ، يەر ئۈستى سۈيى چۆللۈكتىكى كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا ئىنتايىن زور دەرىجىدە خورايدۇ. شۇ جايدىكى ئەجدادلار كارىز قۇرۇلۇشىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تىك قۇدۇق ئارقىلىق يەر ئاستى ئۆستىڭىنى تۇتاشتۇرۇپ، تىيانشاننىڭ ئېرىگەن قار سۈيىنى يەر ئاستىدا بوستانلىققا يەتكۈزۈپ، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازلاتقان. يەر ئاستىدا ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان بۇلاق سۈيى سوغۇق، تېمپېراتۇرىسى مۇقىم بولۇپ، سوغۇق سۇ بېلىقى بېقىشقا شارائىت يارىتىپ بەرگەن.
سۇڭ جىجۈننىڭ سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق مەيدانى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
61 ياشلىق سۇڭ جىجۈن ئىلگىرى بېلىق سودىگىرى بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى تاتلىق سۇ بېلىقىنى گەنسۇ، چىڭخەيگە ساتقان ھەم كىرىمى بازار داۋالغۇشنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان. ئۇ غەربىي شىمال رايونىدا بېلىق بېقىش كەسپىنىڭ ئاز ئىكەنلىكى، لېكىن بازار ئېھتىياجى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۆزى بېلىق بېقىش ئويىغا كەلگەن.
مۇۋاپىق باقمىچىلىق مەيدانى تېپىش ئۈچۈن، سۇڭ جىجۈن شىخەنزە، ماناس، شىخو قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئاخىرى قومۇل، تۇرپاندىكى كارىزنىڭ سۇ مەنبەسىنى ياقتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ تۇنجى باقمىچىلىق كۆلچىكى قومۇلدا بولۇپ، دەسلەپتە نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭغا گۇمانىي نەزەردە قاراپ: چۆللۈكتە قانداقمۇ بېلىق باققىلى بولسۇن؟ دېيىشكەن.
سۇڭ جىجۈننىڭ ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمى بار ئىدى: «شىنجاڭنىڭ شىمالىدا سۇ كۆپ، لېكىن قىشتا بەك سوغۇق بولغاچقا، سۇ ئاسانلا مۇز تۇتىدۇ؛ كارىزنىڭ سۈيى تىيانشاندىكى سوغۇق بۇلاق سۈيى بولۇپ، قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن، يازدا سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃20 ئەتراپىدا بولىدۇ، بۇ، سوغۇق سۇ بېلىقىنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدۇ، قىشتا ℃15تىن ℃16قىچە بولىدۇ. 11-ئايدىن كېلەر يىلى 3-ئايغىچە مۇز تۇتىدىغان شىمالىي شىنجاڭنىڭ سۇ مەنبەسىگە سېلىشتۇرغاندا، بېلىق بېقىش مەزگىلى تۆت ئاي كۆپ بولىدۇ.»
سۇڭ جىجۈن كارىزنىڭ لۇڭكوۋ ئېغىزىدىكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۇ چۈەنيى فوتوسى
ئۇ ئىلمىي بېقىش ۋە كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرۇش-پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق كېيىنكى يىلى ئۆزى باققان رەڭلىك ترۇت بېلىقى، ئوستېر بېلىقىدىن مول ھوسۇل ئېلىپ، باشقىلارنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتتى. لېكىن ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى، 2014-يىلى تۇرپان بېلىقچىلىق مەيدانى كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراپ، قويۇپ بەرگىنىگە ئەمدىلا ئۈچ كۈن بولغان بېلىجاننىڭ ھەممىسىنى ئېقىتىپ كەتتى. سۇڭ جىجۈن ئېغىر زىيانغا ئۇچراپمۇ ۋاز كەچمەي، بېلىقچىلىق مەيدانىنى سىجىل كېڭەيتىپ قۇرۇپ، باقىدىغان بېلىق تۈرلىرىنى رەڭلىك ترۇت بېلىقى، ئوستېر بېلىقى، ئوكۇن بېلىقى، ۋۇداۋخېي، شىداۋخېي قاتارلىقلارغىچە كېڭەيتتى.
2021-يىلى، سۇڭ جىجۈن بېلىقچىلىق مەيدانىنى «يالقۇنتاغ» ئېتىكىدە قۇردى. ئۇ بازار كارىزنىڭ يەر شەكلى پەرقىدىن پايدىلىنىپ، تەبىئىي سۇ بېسىمىغا تايىنىپ بېلىق كۆلچىكىنى سۇ بىلەن تەمىنلەپ، سۇ پومپىسى ئارقىلىق سۇ تارتىش تەننەرخىنى تېجەپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە بېلىقچىلىق مەيدانىدا 20 باقمىچىلىق كۆلچىكى بار، 2-قارارلىق 13 بېلىق كۆلچىكىمۇ يېقىندا پۈتتى. ھەربىر كۆلچەككە دەسلەپتە 10 مىڭدىن ئارتۇق بېلىجان قويۇپ بەردى، بېلىجانلار چوڭ بولغاندىن كېيىن كۆلچەككە ئايرىپ بېقىلىدۇ.
بېلىقچىلىق مەيدانى ئۈزۈملۈككە يېقىن بولۇپ، باقمىچىلىقتىن ھاسىل بولغان قالدۇق سۇ تۇرۇبا يولىنى بويلاپ كارىز ئۆستىڭىگە قۇيۇلۇپ، ئۈزۈملەرنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلدى. سۇنىڭ تەركىبىدە ئازوت، فوسفور، كالىي مول بولۇپ، تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ياخشىلاپ، «بىر سۇدىن ئىككى خىل پايدىلىنىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. بېلىقچىلىق مەيدانىدىكى بېلىقلار ئېلىنغاندىن كېيىن، كۆلچەكنى تازىلىغاندا ئۇ ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا قوبۇل قىلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
سۇڭ جىجۈن (سولدا) ئىشچىلار بىلەن بىرلىكتە بېلىقلارغا يەم بەرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۇ چۈەنيى فوتوسى
كۈچلۈك قۇياش نۇرى «يالقۇنتاغ» بىلەن بىپايان چۆللۈكنى قىزارتقان ئىدى، چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىدە، بېلىق كۆلچىكىدىكى سۇلار شىلدىرلاپ، بېلىقلار ئەركىن ئۈزۈپ يۈرەتتى. قەدىمىي كارىز يېڭىدىن ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، قۇرغاق چۆللۈكتە خاس سۇ مەھسۇلاتلىرى كەسپى يۈكسىلىپ، ئېكولوگىيەلىك ئايلانما، خەلقنى بېيىتىپ يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش يېڭى يولى ئېچىلدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






