تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيلى | «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نىڭ ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز

ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى مۇنداق بىلدۈردى ——

«شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نىڭ ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوندا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. ھەرقايسى جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇقتىن تارىخىي ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىدە ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى چىڭىتىپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى چوڭقۇرلاشتۇردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئۆگىنىش نەتىجىسىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى ياخشى تۇتۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز.

«شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئۈستەل ئۈستىدىكى زۆرۈر ئوقۇشلۇقى، قورال كىتابىغا ئايلاندۇرىمىز

«شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۈپ قوللانما قىلىنىپ، شىنجاڭدىن قېزىپ چىقىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تەپسىلىي، ئېنىق تارىخىي ماتېرىياللار، ئەمەلىي ئىسپاتلارغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى ئىكەنلىكى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى كۈچلۈك دەلىللەنگەن بولۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنى نوپۇزلۇق دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋىلايەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جياڭ خۇڭبو چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى ئەسەردە تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئەڭ يېڭى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن ئىلىم نەتىجىسى يۇغۇرۇلغان، ئومۇمىي تارىخ ئارقىلىق قەدىمكى بىلەن ھازىرقى تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، دىننىڭ ئۆزگىرىشىگە دائىر بىر قاتار مۇھىم تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلگەن، بۇلار ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا بۇ ئىككى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جۇڭگو قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا تەربىيەلەيمىز، يېتەكلەيمىز.»

قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى كۇڭ سېن مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى كىتابتىكى تارىخ قارىشى، تارىخنى بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈش، نەزەرىيەۋى تونۇش، ئاساسىي مەيدان قاتارلىقلار شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ھەم ئاساس مائارىپ، ئالىي مائارىپ، مۇزېي قاتارلىق جەمئىيەت تەربىيەسى، كادىرلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن كۈچلۈك يېتەكچىلىككە ئىگە، مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىپ ئوقۇشقا تەشكىللەپ، «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇقى، قورال كىتابىغا ئايلاندۇرىمىز.

چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىدە ئېنىق سۆزلەيمىز، ئەتراپلىق سۆزلەيمىز

ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرىدۇ، ئاۋۋال «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى ئېنىق سۆزلىگىلى، ئەتراپلىق سۆزلىگىلى بولىدۇ.

قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى غالىبىيەت يولى كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات - بىرلىك سەپ ھەيئىتى ليۇ فاڭ مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى» جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇش، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن كۈچلۈك رېئال يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى جەزمەن ئاۋۋال ئىككى ئەسەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىدە تارىخنى ئېنىق سۆزلىيەلەيدۇ، ئەتراپلىق سۆزلىيەلەيدۇ. «غالىبىيەت يولى كوچا باشقارمىسى بۇ يىل 12 - تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن بولۇپ باھالاندى، بۇ، بىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ھەيدەكچىلىك بولدى. بىز لېكسىيە سۆزلەش قوشۇنىنى ياخشى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ <شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى>نى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ <بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش>ىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز» دېدى ئۇ.

قومۇل شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ خادىمى ئايگۈل قادىر مۇنداق دېدى: «بىز كۆچمە كۇتۇپخانا، كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تايىنىپ، <شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى>نى ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدىكى ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش تارىخىي تومۇرىنى چۈشەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى قەلبلەردىن بىۋاسىتە ئورۇن ئالدۇرىمىز.»

رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، تارىخنى جانلاندۇرىمىز، تارقىتىمىز

تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، تارىخ ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، خىزمەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى شىنچېڭ كوچا باشقارمىسىنىڭ كادىرى نۇرقانات ياقۇپ مۇنداق دېدى: «ئىككى كىتابتا مول تارىخىي ماتېرىيال، چوڭقۇر داۋلى، پىششىق يېزىقچىلىق ئىستىلى ئارقىلىق، شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان تەرەققىيات، تەدرىجىي ئۆزگىرىشلەر جانلىق بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن كېيىن تەۋەلىكىمىزدىكى ئاممىغا لېكسىيە سۆزلەپ، تارىخ ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇلىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيمىز.»

9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسىنىڭ كۈرە بازىرىدا، ئىلى خۇيفاڭيۈەن مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ ئىجاد قىلغان «كۈرەنى يورۇتتى تولۇن ئاي» ناملىق چۆكۈش شەكلىدىكى سەھنە تىياتىرى جىددىي رېپېتىتسىيە قىلىنىۋاتاتتى. بۇ سەھنە تىياتىرىدا دىققەت زو زۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش ۋە ئىدارە قىلىشىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتقا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرنى ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز يىللارنى چۆكۈش شەكلىدە ئەسلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. «<شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى>نىڭ نەشر قىلىنىشى بىزنىڭ شىنجاڭ تارىخى، شىنجاڭنىڭ دىن تارىخىنى توغرا تونۇشىمىزنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز بۇ ئىككى نوپۇزلۇق ئەسەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تارىخنى جانلاندۇرىمىز، تارقىتىمىز. زو زۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشى ۋە ئىدارە قىلىشى چېگرا رايوندىكى كەڭ تۇپراققا نەقىشلەنگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تارىخىي داستان. بىزنىڭ بۇ تىياتىرنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىشىمىز تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ بۇ شانلىق تارىخنى ئەستە ساقلىشى ئۈچۈن.» بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى گاۋ چېڭ مۇنداق دېدى: كۈرە قەدىمىي شەھىرىدە ئويۇن قويۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى، چاڭشا شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ سەييارە ئويۇن قويۇپ، ھەقىقىي، جانلىق شىنجاڭ تارىخىنى تېخىمۇ يىراققا، تېخىمۇ كەڭ تارقىتىمىز.

(مۇخبىر ۋېي يۇڭگۇي، قاتناشقان مۇخبىرلار پەرىزات ئابدۇل، گې يوۋجۈن، چېن جياڭلىن، سۇڭ ۋېيگو، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋۇ چېنگۇاڭ، جۇڭ يىنتاڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.